• ئىنگىلىسچىدىكى i.e. ۋەe.g. قىسقارتىلما سۈزلىرىنى توغرا ئىشلىتىش Using i.e. and e.g. correctly - [Study ئۈگىنىش]

    2010-07-26

     

    يىقىندا توردا ئىلمى ماقالە ئىزدەۋېتىپ ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار يازغان بىر نەچچە ماقالىگە كۆزۈم چۇشۇم قالدى ۋە ئۇلاردا i.e. ۋە e.g. قىسقارتىلما سۈزلىرىنىڭ خاتا ئىشلىتىلگەنلىكىنى ياكى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىلگەنلىكىنى بايقاپ قالدىم. بۇ ئىككى سۈز ئادەتتە كۆپ ئۇچرىمايدۇ، لېكىن ئىلمى ماقالىلاردا بەك جىق ئىشلىتىلىدۇ. بۇرۇن مەنمۇ دىققەت قىلماي خاتا ئىشلىتىپ قوياتتىم. كىيىن ئامرىكىدا ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن دىسىرتاسىيە يېزىۋاتقان ۋاختىمدا ئاندىن بۇ ئىككى سۈزنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بۇلغان ئىشلىتىش ئورنى بارلىقىنى بايقىدىم. ۋەتەندە ئاسپرانىت ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ يازمىنى ئوقۇپ قويۇشىنى ياكى توردىن ئاختۇرۇپ قويۇشىنى سورايمەن، ماقالە يازغان ۋاختىڭلاردا ئالدىڭلارغا كىلىدۇ. 

    i.e. ئەسلى لاتىنچىدىكى id est دىگەن سۈزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ قىسقارتىلغاندا i ۋە e ھەر ئىككى ھەرىپنىڭ كەينىدىن چىكىت قويۇلىدۇ، چىكىت قويۇلمىسا ياكى بىرسىگە چىكىت قويۇلۇپ يەنە بىرسىگە چىكىت قويۇلمىسا ئىملا خاتالىقى بۇلىدۇ.ئاندىن كىيىن بۇ قىسقارتىلما سۈزنىڭ كەينىدىن، يەنى e نىڭ كەينىدىكى چىكىتتىن كىيىن بىر پەش كىلىدۇ.  بۇ سۈزنىڭ ئىنگىلىسچىدىكى مەنىسى ئۇيغۇرچىدىكى " يەنى" دىگەن سۈزگە يىقىنلىشىپ قالىدۇ. ئىنگىلىسچىدە بولسا that is, ياكى in other words دىگەنگە يىقىنلىشىدۇ. بۇ قىسقارتىلما سۈز ئادەتتە ئالدىدا دىيىلگەن جۇملىنىڭ مەنىسىنى تېخمۇ ئىنىقراق، تېخىمۇ كونكىرتراق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: 

    I'm going to the place where I work best, i.e., the coffee shop.

    مەن ئىشىمنى ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان يەرگە، يەنى كافىخانىغا بارىمەن. 

    I like root vegetables; i.e., the ones that grow underground.

    مەن ئادەتتە يىلتىزى بار كۆكتاتلارنى، يەنى يەرنىڭ ئاستىدا ئۆسىدىغان كۆكتاتلارنى ياخشى كۆرىمەن. 

    I'll listen to anything; i.e., I like any kind of music.

    مەن ھەرقاندا مۇزىكىنى ئاڭلايمەن، يەنى ھەرقانداق تىپتىكى مۇزىكىنى ياخشى كۆرىمەن. 

    e.g., ئەسلى لاتىنچىدىكى exempli gratia دىگەن سۈزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ ئۇيغۇرچىدىكى مەسىلەن دىگەن سۈزگە يىقىنلىشىدۇ. ئىنگىلىسچىدە for example دىگەننىڭ ئورنىغا كىلىدۇ. ئىملا جەھەتتىن يېزىلىش ئوسۇلى ئۈستىدىكى i.e. بىلەن ئوخشاش، شۇڭا قايتىلىمىدىم . بۇ سۈز ئادەتتە مىسىال كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: 

    I like root vegetables, e.g., potatoes.

    مەن يىلتىزى بار كۆكتاتلارنى ياخشى كۆرىمەن، مەسىلەن ياڭيۇنى. 

    I'll listen to anything, e.g., country-western, rap, etc.

    مەن ھەر قاندا مۇزىكىنى ئاڭلايمەن، مەسىلەن country-western, rap دىگەنلەرنى. 


     

    分享到:


    评论

  • جېك ئۈكا ، يېڭى تېمىلار بەك ئازلاپ كەتتىمۇ - يا؟ ، مەندەك يېشى چوڭلارمۇ ئۆزلەرنىڭ ئادەمگە ئېلھام ئەپ كېلىدىغان يېڭى تېمىلارنى كۈتۈپ چاچ تېخىمۇ ئاقرىپ كىتىپ بارىدۇ - دىسە.
  • يېڭى تېمىلارغا تەشنامىز ! يوللاپ تۇرىلى مۇنداق !
  • ئېنگىلىزچىنى مۇشۇ كەمگىچە ئۆگۈنۈپ e.g. نى كۆپ ئۇچراتقان بولساممۇ ، لىكىن i.e. نى ئۇچىرىتىپ باقماپتىكەنمەن ، بىر بىلمىگە ئىگە بولدۇم رەھمەت .
  • ئوقۇۋاتقىنىڭز ماگىستىرلىق بىلەن دوكتۇرلۇقنى ئۇلاپ ئوقۇيدىغان پىروگرامما ئوخشىمامدۇ ؟ مەن تېخى سىزنى ماگىستىرلىقنى ئوقۇپ بولغان ، ئامېرىكىغا پەقەت دوكتۇرلۇق ئوقۇشى ئۈچۈن بارغان دەپ ئويلىغانتىم .