• Jeck ساق سالامەت، بلوگ شىنجاڭدا تور ئېچىلىشىنى ساقلايدۇ. Jeck Returned to USA, Safe

    2009-10-31

    تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر. پېقىر 6-ئايدا توي قىلغاندىن كىيىن بىر مەزگىل شىنجاڭدا بولدۇم ۋە توينىڭ ئالدىراشچىلىقى بىلەن بلوگقا قارىيالمىدىم. كىيىنچە 7-ئايدا چىققان ئىشلارنىڭ سەۋەبى بىلەن تور ئۈزۈلۈپ كەتتى. ۋەقەدىن كىيىن ئىچكىرگە كىلىپ بىر مەزگىل تۇردۇم، قايتىپ كىلىش ئۈچۈن ۋىزا ئېلىشمغا سەل توختاشقا توغرا كەلدى، بىرئايدىن ئارتۇق ۋىزا ساقلاپ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بىرەر ھەپتىلەر بۇرۇن ئوڭۇشلۇق ھالدا مەكتىۋىمگە يېنىپ كەلدىم. ھازىر مەكتەپتە.

    توي قىلغاندىن كىيىن توردا بىرىنچى قېتىم توينىڭ رەسىملىرىدىن بىرقىسمى تارقىتىلغاندىن كىيىنلا تور تاقىلىپ قىلىپ تويغا بارالمىغان نۇرغۇنلىغان تورداشلار توينىڭ ئەھۋالىنى كۆرەلمەي قالغان ئىدى. پېقىر كىيىنراق شۇ رەسىملەرنى ۋە باشقا رەسىملەرنى تورداشلارغا سۇنىمەن.

    شىنجاڭدا تور ئۈزۈلۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ تور بەتلىرى تور دۇنياسىدىن يوقاپ كەتكەندىن بىرى تۇرمۇشۇمدا بىر نەرسە كەم يۈرۈۋاتىمەن. گەرچە ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنى تېخنىكا يوق دىيەرلىك، تىما دائىرىسى تار دىگەندەك نۇرغۇنلىغان سەۋەپلەر بىلەن ئۈزلۇكسىز تەنقىد قىلىپ كىلىۋاتقان بىرسى بولساممۇ لېكىن شۇ توربەتلەرنىڭ تۇرۇمۇشۇمنىڭ بىرقىسمى بولۇپ قالغانلىغىنى ناھايتى كۈچلۈك ھىس قىلدىم. ئارلىقتا بىر مەزگىل ئىچكىردە تۇردۇم، تورغا چىقىش شارائىتىم بار ئىدى. لېكىن شىنجاڭدىكى تورداشلارنى ساقلاپ ئۈز قېرىنداشلىرىمىز تورغا چىقىش شارائىتىغا ئىرىشكەندە ئاندىن بلوگنى داۋاملاشتۇرسام بۇلامدىكىن دەپ ئويلاپ ساقلاپ ئولتۇردۇم. بۇندىن كىيىن ئۇچۇر خاراكتىرلىق نەرسىلەر بولسا يوللاپ تۇرىمەن. ئەگەر شىنجاڭدىكى تور كىلەر يىلى بېشىغىچە ئەسلىگە كەلمىسە شۇ ۋاقىتتا قاراپ باقارمىز.

    چەتئەلدىكى ۋە ئىچكىردىكى دوستلار، سىلەرمۇ ياخشى تۇرۇۋاتامسىلەر، قانداق يىڭىلىقلار بار.

    分享到:


    评论

  • جىك ئەپەندى سىز ئامرىكىدىما
  • توي قىلغانلىقىڭىزنىڭ بىر يىللىقىغا مۇبارەك بولسۇن!!!
    مەنمۇ بلوگىڭىزنىڭ بىر ئوقۇرمىنى.
    回复vzvmlvk说:
    rehmet jumu, bekle hosh boldum
    2010-06-11 12:09:34
  • ھۆرمەتلىك تۇرسۇن(جېك) ئەپەندى، ئامان -ئېسەن تۇرغانلىقىڭىزدىن خۇرسەن مىز،توي قىلغىنىڭىزنى توردىن كۆرگەن ھەمدە بەخت تىلىگەن ئىدۇق، خەير، ئامان بولۇڭ، ئاللاھغا ئامانەت.
  • شىنجاڭنىڭ تورى بۈگۈندىن باشلاپ ئېچىلدى، مانا مەن شىنجاڭدا تۇرۇپ بۇ خەتنى يىزىۋاتىمەن، بۇنىڭدىن كىيىن بۇ بلوگنى داۋاملىق يېڭىلاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.
  • شىنجاڭنىڭ تورى بۈگۈندىن باشلاپ ئېچىلدى، مانا مەن شىنجاڭدا تۇرۇپ بۇ خەتنى يىزىۋاتىمەن، بۇنىڭدىن كىيىن بۇ بلوگنى داۋاملىق يېڭىلاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.
  • تا بۈگۈنگىچە تور ئېچىلغىنى يوق ، بۈگۈن ئىچكىرىدە تورغا چىقىپ قالدىم .
  • يازمىللىرىڭىز ئىچىكىردىكى ۋە باشقا ئەللەردىكى ئۇيغۇر باللىرىنىڭ ياقتۇرىشىغا ئىرىشىپ كىلىۋاتىدۇ، ئەگەر شارائىتىڭىز يار بەرسە بىلوگنى يەنىلا يېڭىلاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن. ھىچ بولمىسا ئۇيغۇر باللىرى ئۆز-ئارا سالاملىشىپ تۇرارمىز،مىنىڭ ئاڭلىشىمچە شىنجاڭ تورى شاڭخەي دۇنيا سودا كۆرگەزمىسى دىن كىيىن ئېچىلارمىش
  • مەن بۇ بىلوگنى بۇرۇن بىلمەيتتىم ، كىيىن بىر دوستۇمدىن ئاڭلاپ زىيارەت قىلغان ئىدىم.لېكىن بەك ئۇزۇن بولۇپتۇ قايتا كەلمىگىلى.سىزنىڭ مۇشۇنداق ياخشى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت!
    ھېلىھەم سىزدىن ئۈمۈت قىلىدىغىنىم گەرچە شىنجاڭدا تور توختاپ كەتكەن بولدسىمۇ ، سىزنىڭ يەنىلا بۇ بىلوگىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.چۈنكى ئىچكىردىكى بىزلەرمۇ سىزنىڭ مۇشۇنداق ئۇچۇرلىرىڭىزغا مۇھتاج!!!
    بىز ھەم سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىزدىن خەۋەردار بولالايمىز ھەم شىنجاڭدىكى بالىلارغا يەتكۈزۈپ قويالايمىز!!!
    بىز سىزنى بار كۈچىمىز بىلەن قوللايمىز!!!!
  • جېك قارى بەك ئالدىراش بۇلۇپ كەتتىلىمۇ تويدىن كىين ئېلخەت يوللىسام تېخى جاۋاب يوق ساقلاپ ئولتۇرۋاتىمەن~~~
  • بۈگۈن مەكتىپىمىزنىڭ چەتئەلدە ئوقۇش ئۇچۇرلىرى مەركىزىگە بېرىپ ئۇيغۇرلارغا تولىمۇ ماس كىلىدىغان بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم.بۇنداق پۇرسەتلەرنىڭ باشقا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭمۇ ئېرىشىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ شۇ ھامان بىزگە ئالاقىدار جايلىرىنى ئۈزۈندە قىلىپ ئېلان قىلدىم.بۇ خەۋەردىن كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىزنى خەۋەر قىلساق دىگەن نىيەتتە بۇ يەرگە خەت يىزىپ ئولتۇتۇپتىمەن،يازمام ئادرىسى
    http://www.blogbus.com/jeck-logs/52530433.html
    بولسا بۇ يازمىنى سىزنىڭ بلوگىڭىزدا ئېلان قىلساق،باشقا قېرىنداشلىرىمىزمۇ بىلىپ قالسا!خەيىر،ئامان بولۇڭ!
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    ئەركىن سىدىق ئەپەندىمنىڭ بلوگى مەخفىي شىفىر تەلەپ قىلىدىغان بولۇۋاپتۇ....بىرەرسىڭلار يوللاپ قويغان بولساڭلار ياخشى بولاتتى
  • شۇ ئەمەسمۇ،ئىچكىرىدىمۇ بىلوگىڭىزغا تەشنا بولۇپ كەتكەنلەرمۇ ناھايىتى كۆپقۇ،ئۇنداق دەپ باھانەكۆرسىتىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟
  • سالام.
    مەن بۇ بلوگنى ئاچقان ئىدىم. ئىنكاس كۆزنىكى ياخشى ئىشلىمەۋاتىدۇ.
    مۇناسىۋەتلىك تېخنىكلىق ياردەملەرنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز.
    سورايدىغانغا باشقا كىشى تاپالمىدىم.
    http://kurkumguli.blogspot.com
    كۆپ رەھمەت.
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. تور بېتىڭىز ئاخىرى يىڭىلىنىپتۇ دە. شىنجاڭ تورىنىڭ ئېچىلىشىنى ساقلاپ ئولتۇرماي ،ئەڭ ياخشىسى ھازىردىن باشلاپ ، شىنجاڭدىكى قىرىنداشلارغا يىڭى يىڭى يازمىلارنى تەييارلىغاچ تۇرمايمىزمۇ؟
    قانداق دىدىم؟...
  • ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان بىزلەرمۇ كىرىمىز جۇمۇ بېتىڭىزگە~ پات - پات يېڭىلاپ قويغايسىز~
  • ئەسسالام مەن ئەلى كىرورەن تويىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا مەن سىزدىن مەسىلە سورېا
  • بۈگۈن يازمىڭىزنى كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم ، تورداشلار توغرا دەيدۇ ، بولسا ياخشى ماتىرياللار بولسا يولاپ تۇرايلى .بىز بولساقمۇ كۆرگەچ تۇرمامدۇق
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.بىلوگنى يىڭىلاپ تۇرۇڭ!ئىچكىرىدىكىلەر بولساقمۇ كۆرگەچ تۇرايلى!
  • توغرا...قايتقاندا قايسى ئىشقا دىققەت قىلىش كىرەك ئىكەن؟بارساق قايسى ئىش بىلەن ئاۋارە قىلدىكەن؟ ھازىر قايتىشقىمۇ جۇرئەت قىلالمايدىغان بۇلۇپ كەتتۇق...قاچان يوق يەردىن پۇتاق چىقرىپ قايتا ئۇقۇغۇلى چىقالماسمىزمىكىن دەپ بولسا مۇشۇ توغرسدا ئازراق بىر نەرسە قالدۇرۇپ قويسىڭز ~~~~
  • ھورمەتلىك جەك ئەپەندىم ياخشىمۇ سىز.12-ئايلاردا يۇرتقا بىر بېرىپ كېلىدىغان پىلانىم بار ئىدى،يازمىڭىزدىن يۇرتقا يېقىندا بېرىپ كەلگىنىڭىزنى بىلدىم(ياكى تويغا بېرىپ ئەمدى كەلدىڭىزمۇ يە!؟) ھەم بەزى ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىغاندەك ھېس قىلدىم .ئويلاپ قالدىم..قانداق بىز ئويلاپ باقمىغان ئاۋارىچىلىقلار باردۇ دەپ.........بىزنىمۇ خەۋەردار قىلىپ قويمامسىز تەييارلىق بىلەن بارايلى، رەھمەت!
  • يووووووووووپانا تۇرسۇنجان،سىزمۇ يېڭلايدىكەنسىز بۇ بىلوگنى.سىزگە دەۋىرىپ ئاغىزىمنىڭ بىر قات تېرىسى چۇشۇپ كەتكەن ئىدى.ئاخىرى ئىنكاس چىقتى مانا...كورىيەگە يەنە كىلىشڭىزنى قارشى ئالىمىز...
  • سالام.
    توردا بولسىمۇ ساق سالامەت كۆرۈشكىنىمىزدىن خوشالمەن.
    ئامانلىق ۋە ساق سالامەتلىك تىلەيمەن.
  • بلوگىڭىزنى يىڭىلاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد كىلىمىز.....ئامان بولۇڭ
  • ھە ھۇ دەپ قويايلى جىك ،بولمىسا ئادەم ئەنسىرەپ قالىدىكەن .بولسا تور ئىچىلىشىنى ساقلاپ تۇرماي ئانچە مۇنچە يازغاچ تۇرساق بولارمىكىن ،
  • ئوڭۇشلۇق قايتىپ كەلگەنلىكىڭىزنى قارىشى ئالىمىز، ھاھاھا
    سىزنىڭ بلوگىڭىز ئۇزۇن زاماندىن بىرى يېڭىلانماي بىزلەرمۇ ئىچىمىز پۇشۇپ تۇرغان ئىدۇق. ئەمدىغۇ يېڭىلارسىز بۇ بلوگنى؟
  • مەنمۇ بلوگىمغا شۇنداق نادىر(ھاھاھا ئۈزۈم شۇنداق ئات قۇيۇۋالدىم) يازمىلارنى تىزساممۇ مەندىن باشقىلىرى كۆرمەيۋاتىدۇ،ئامال يوق ماقالىلەرنى كومپىيۇتۇرۇمدا ساقلاپ قۇيۇپلا....
    سالامەت تۇرغانلىقىڭىزدىن خۇش بولدۇم.خەپ،سىزنىڭ قېشىڭىزغا كەلگەندە...
    تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن سالام!