评论

  • ەوود
  • بلوگقا بىر نەرسە يېزىپ تۇرسىڭىز بولىتى،بۇ كۈنلەردە ئۇيغۇرچە تورلارغا كىرەلمىگەنسىرى بلوگىڭىزنى كۆپ يوقلايدىغان بولۇپ كەتتىم .
  • تويلىرىعا مارەك بولسۇن جىك ئاكا! يەڭگىمىز چوقۇم چىرايلىقتۇ دەيمەن،،،،،،نەلىك حان ئۇ؟ئەجەپ بىزلەرگە حەۋەر قىلمايلا توي قىلىۋاپسىزعۇ؟
  • ئەسلامۇ ئەلايكۇم قىرنداشلرىم
  • توي تىخى تۈگىمىدىما ؟ جىك
  • توي تۈگەپتىغۇ چاتاق يېرى بارالماپتىمىز ئەمەسمۇ .........مەيلى جۇما كىلەر قېتىمقى تويۇڭلارغا چۇقۇم بارىمەن ھى ھى ھى چاخچاق جۇما
  • ئەسسالام jeck، ئەپسۇس توي خەۋىرىڭىزنى ئەمدى كۆرگەچ، كىچكىپ بولسىمۇ تويىڭىزنى مۇبارەكلەيدىغان بولدۇم. مەڭگۈ بەخىتلىك بولۇڭ!
  • Two souls with but a single thought, Two hearts that beat as one~~wish u happiness~~ `
  • تويۇڭغا مۇبارەك بولسۇن ئاداش ،تويۇڭغا قاتنىشالماپتىمىز، مەڭگۇ بەخىتلىك بولغايسىلەر
  • تويۇڭغا مۇبارەك بولسۇن ئاداش ،تويۇڭغا قاتنىشالماپتىمىز، مەڭگۇ بەخىتلىك بولغايسىلەر
  • مۇبارەك بولسۇن !
  • بەكمۇ ئەپسۇس مەن ئەمدىلەتىن كۈرۈپتىمەن، شۇنداقتىمۇ تويىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن .
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، جېك ئەپەندى ، تويىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ! سىزنى تەبرىكلەيمەن . بەخىتلىك ئۆتكەيسىلەر . بولسا ئىلىم-پەن بىلوگىنى ئۇلىنىش قىلۋالغان بولسىڭىز : www.ilim-pen.com
  • مەن بۇ ئۇچۇرنى بەك كىچىكىپ كۆرۉپتىمەن. شۇنداقتىمۇ سىزنى تەبىرىكلەيمەن !مۇبارەك بولسۇن، بېشىڭلار باش ، ئايىغىڭلار تاش بۇلۇپ كەتسۇن! سىلەرگەبەخت تىلەيمەن.
  • مۇبارەك بولسۇن . سىلەرگە بەخىت مەڭگۈ يار بولسۇن !!! congratulation you wedding
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
    ئىگىمىز ئاللا بەختىڭلارنى بەرسۇن ! <بېشىڭلار باش ، ئايىقىڭلار تاش > بۇلۇپ كەتسۇن . نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ۋاقتىم يەتمەي تورغا چىقالماي قالغان ئىدىم . بۈگۈن بىلگەندەكلا تورغا چىقىپلا تور بېتىڭىزنى ئاچقان ئىدىم ، بۈگۈنكى كۈندە تويىڭىز بولغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايتى ھاياجانلاندىم . شۇ تاپتا تويۇڭلار قاتتىق قىزىۋاتقاندۇ ؟
    ئاللاغا ئامانەت !
  • مۇبارەك بولسۇن!
    گەرچە تويىڭىزغا بارالمىغان بولساممۇ ناھايتى قىزىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم، تېخى سىزنى ئامېرىكىدىلا توي قىلىۋالامىكىن دەپتىكەنمەن، ئەسلى كېلىنچەك خوتەن دىيارىدىن ئوخشىمامدۇ؟
    كىيىنكى تۇرمۇشىڭىزنىڭ تېخىمۇ بەىت ئىچىدە ئۆتىشىنى تىلەيمەن، بېشىڭلار باش ئايىقىڭلار تاش، پەرزەنتىڭلار قەلەم قاش بولۇپ كەتسۇن!
  • ۋاي خۇدايىم...مەن ئەمدى كۆرەپتىمەن ئەمەسما.....
    بۈگۈن توي بولىۋاتىدۇ،دەيلى....
    ئاللاھ يېڭى ئائىلىڭىزگە بەركەت،خاتىرجەملىك بەرگەي~~~
    خۇدايىم پات ئارىدا تېخىمۇ چوڭ شادلىقتىن بەھرىمەن قىلغاي~~~

  • ئاللا بەختىڭزنى بەرسۇن!بارلىق ئىشلىرىڭز ئۇتۇقلۇق بولسۇن!!مەنمۇ تۇيىڭزنى مۇبارەكلەيمەن!!!
  • مۇبارەك بولسۇن! بەخىت تىلەيمەن!
  • مۇبارەك بولسۇن! بەخىت تىلەيمەن!
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەپەندىم ئېغىر كۆرمەي مىنىڭ بلوگۇمنىمۇ ئۇلىنىش قىلىپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن مەن سىزنىڭ بلوگىڭىزنى ئۇلىنىش قىلىۋالغىلى خېلى كۈنلەر بۇلۇپ قالدى
    بلوگ ئادېرسىمىز:

    http://uyxah.blogbus.com/
  • مۇبارەك بولسۇن!
    ئاللا ئىگەم تويۇڭلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولىشىغا مەدەت بەرسۇن!
    بىشىڭلار باش،ئايىغىڭلار تاش بولغاي....
  • ئەسسالام جېك تور خاتىرسىنىڭ ئوقۇرمەنلىرى،مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش جېك ئەپەندىنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئۇنتۇلماس توي مەرىكىسى ئۈچۈن خوشال بولىۋاتىمەن. جېك ئەپەندىگە تىلەكلىرىم:
    قۇتلۇق توي مەرىكىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!
    مەڭگۈ بەخىتلىك بولۇڭ!
    مەن ھازىر جىددي ئوقۇش بىلەن ئالدىراش بوپ كەتتىم،شارائىت بولغان بولسا چوقۇم قاتنىشاتتىم.ئامال قانچە؟ مەن پەقەت ۋەتەندىن تولىمۇ يىراق جايدا تۇرۇپ سىزگە بەخىت تىلىيەلەيدىكەنمەن.تويىڭىز خوشاللىقلار ئىچىدە ئۆتكەي!
  • ئاخىرى كەپتۇدە بۇ كۈن. خېى خې . قاچاننىڭ باللىرى بۇ جىك دىگەن ؟ بىزنىڭ باللىرىمىز مەكتەپكە كىرەي دەۋاتىدۇ. گەپنىڭ راستىنى دىگەندە بويتاقلىق، بۇلۇپمۇ چەتئەلدىكى بويتاق ھايات بەك مەززىسىز. مەنمۇ ئىككى يىلغا يېقىن بويتاق يۈرۈپتىمەن بۇ يەردە ،خۇداغا شۈكرى يېقىندا خوتۇن باللىرىمىنى ئەپكەلمەكچى. شۇنىڭغىچە تۇرمۇشتا شۇنداق بىر "ۋاكىئوم" بار. ( كۈنۈپ قالغان گەپتە ئائىلە تۇرمىشىغا ). ئادەم دىگەن شۇ "ئائىلە"دىن ئىبارەت بۇ ھۆجەيرىنىڭ ئىچىدە ياشايدىغان گەپكەن، ئىناق ، بەخىتلىك ئائىلە ئادەمگە ئىلھام ۋە بەخىت تۇيغۇسى بېغىشلايدىكەن.
    جېك ئاغىنە ، قورقماي قىلىۋېرىڭلار تۇيۇڭلىنى ، توي قىلىپ بالىلىق بولمىغىچە راۋرۇس پىشقان ئەر ھىساپلانمايسىلەر.
    ئاخىرىدا ، توردا بولسىمۇ تويۇڭلىنى قۇتلۇقلايمەن !!!
  • مۇبارەكبولسۇن دوستۇم! ئەپسۇس... 6-ئاينىڭ6-كۈنى مېنىڭ دوستۇم گۇنىدا توي قىلىدۇ، مەن قولداش بولىمەن، بولمىسا چوقۇم بېرىپ قاتنىشاتتىم. شۇنداقتىمۇ تويىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، خۇدايىم بەختىڭىزنى بەرسۇن.http://gitar.blogbus.com
  • مۇبارەك بولسۇن ئاكا تويىڭىزغا. ئاللا ئىگەم بەختىڭلارنى بەرگەي. ئەگەر خوتەندە بولغان بولساق بىزمۇ بىر قوللۇق قىزتىپ بىرەدۇق تويىڭىزنى ئەپسۇس پۇرسەت بولماي قالدى. بارلىق ئىشلىرىڭىز قۇتلۇق بولغاي.
  • توۋا ! ماۋۇ گوگىل ئېلان شىركىتىدىكىلەرمۇ جېك ئەپەندىنىڭ تۇينى بىلىپ قالغاندەك ، مەزكۈر بىلوەتىكى گوگېل ئېلانلىرىدىمۇ توي كۆينىكىنىڭ ئېلانلىرى چىققىلى تۇرۇپتۇ!........
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم جېك ئەپەندى ! بولغۇسى تۇيۇڭىزغا موبارەك بولسۇن! بەخىت سىزلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن! ھەي .... ئىتاھان بىلەن دۇقرۇپ قالمىغان بولسا چۇقۇم بېرىپ قاتتىشاتتىم! ئەپسۇس..........
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپنى كۆرگەن ئۇلۇغ ئاتىلار،كۆپنى سۆيۈندۈرگەن مېھرىبان ئانىلار!
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تاغ ئاتىلاپ،كۆڭۈل ئىزلەپ كەلگەن ئۇرۇق-تۇققان،خولۇم قوشنىلار!
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارچە توي ئەھلى،ھەممىڭىزلارنىڭ قەدىمىگە،كۆڭلىگە ئالىي ئېھتىرام!

    بۈگۈن مىلادىي 2009-يىلى سەپەرئېيىنىڭ 6- كۈنى.بىز، قۇتلۇق بىر شەنبە،قۇتلۇق بىر مەشرەپ،قۇتلۇق بىر تەنتەنە ئىچىدە تۇرماقتىمىز.بۈگۈنكىدەك مۇبارەك بىر كۈندە ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئىنىمىزتۇرسۇنجان(جىك ئاخۇن)ۋە سىڭلىمىز xxxxx گۇلنىڭ نىڭ نىكاھ رىسقى باغلانغان،مۇھەببىتى ۋىسال تاپقان خاسىيەتلىك بىر كۈن!

    دوستلار،بۇرۇتلىرىمىز خەت تارتىپ چوپ-چوڭ يىگىت بولغىنىمىزدا،قىزلار بويىغا يىتىپ ھەممىنى بىلگۈدەك بولغىنىدا يەنىلا بىزنى «بالام! بالام! جىنىم بالام!» دەپ باغرىغا باسىدىغان،بىر ئۆمۈر پەرزەنت يولىدا ھارغان قەدىمى يەنە بىز ئۈچۈن بىسىلىدىغان،يۈرۈكى بىر ئۆمۈر بىز ئۈچۈن سوقىدىغان ئاشۇ مۇقەددەس ئاتىلىرىمىز،جاپاكەش ئانىلىرىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ ھۆرمەتلىك،ئەڭ قەدىرلىك،ئەڭ مۇقەددەستۇر!شۇڭا مەنبۇ ئىككى ياشقا ۋاكالىتەن بۈگۈنكى خوشاللىق،تەنتەنە،توي مەشرىپىنىڭ ئەڭ ئالىي ئېھتىرامىنى ئاتا-ئانىلىرىمىزغا يوللايمەن،سىلەرگە رەھمەت!سىلەرگە ئىككى ئالەملىك رەھمەتلەر يار بولغاي!!

    يەنە بۇگۈنكى قۇتلۇق توي مەشرىپىگە ئۆزىنىڭ ئوتلۇق يۈرىكىنى ئىلىپ كەلگەن بارچە مېھمانلارغا يەنە بىر قىتىم تەشەككۈر ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن!

    دوستلار،توي-مۇھەببەتنىڭ داۋامى،گۈزەل باغچىسى،ئائىلە-مۇھەببەت تاۋلىنىدىغان،يېڭىچە ھايات ئاپىرىدە بولىدىغان مۇقەددەس زىمىن.ئۇنىڭ گۈللىنىشى،راۋاجى،گۈزەللىكى يەنىلا مۇھەببەتتە،ساداقەتتە.ئىنساندا مېھرى-مۇھەببەت ئاۋال ئائىلىدە يىلتىز تارتىدۇ،جەمىيەتتە بېخلىنىدۇ،ئائىلىدىكى مېھىر ئۆزئارا ماسلىشىپ بەرسە مۇھەببەت راۋۇرۇس كۆكلەيدۇ.ھايا مۆمىنلەرگە خاس سۈپەتدۇر،ئىنسانغا نىسبەتەن گويا تاماقنىڭ تۇزىغا ئوخشاش مۇھىمدۇر،شۇ ڭا بىز بۇ ئىككى ياشنىڭ ئىمانلىق،شەرمىي-ھايالىق،لاياقەتلىك ئەر-ئايال بولۇپ،ئۆز ئائىلىسىنى مۇھەببەتنىڭ خۇشپۇراقلىرىغا تولدۇرىشىغا تىلەكداشمىز!

    ھۆرمەتلىك ئىنىم،ئۇماق سىڭلىم..ھەرقانداق شەخس ئائىلىنىڭ،جەمىيەتنىڭ،شۇنداقلا بىر مىللەتنىڭ ئاددىي ۋەكىلى ھەم ئەزاسىدۇر.ئۆزىنى ئۇنتۇغان كىشى ئائىلىنى،مىللەتنى،ۋەتەننى ئۇنتۇيدۇ.مىللەت، ئاتا-ئانا،قوۋمى قېرىنداش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنتۇش بىر ئالىيجاناپلىق،ئەگەر ئۆز نەپسى ئۈچۈن ھەممىنى ئۇنتۇش نومۇستۇر! شۇڭا سىلەرنىڭ ياشلىقىڭلاردا ئاتا-ئانىغا،بىر-بىرىڭلارغا،دوسىت-قېرىنداشلارغا كۆيۈنۈپ،تېرىشىپ ئىلىم ئىلىپ،ئەدەب- ئەخلاقلىق،ۋىجدانلىق بىلەن ياشاپ ئەلگە ياراملىق ياشلاردىن بولۇشىڭلارغا،كەلگۈسى ئەۋلادلارغا دۇرۇس باسقۇدەك ئىزلارنى قالدۇرىشىڭلارغا تىلەكداشمىز!
评论分页:共2页 1 2 下一页 最后一页