var gaJsHost = (("https:" == document.location.protocol) ? "https://ssl." : "http://www."); document.write(("%3Cscript src='" + gaJsHost + "google-analytics.com/ga.js' type='text/javascript'%3E%3C/script%3E")); try { var pageTracker = _gat._getTracker("UA-3764116-2"); pageTracker._trackPageview(); } catch(err) {}
  • تورداشلاردىن كىچىككىنە ياردەم سورايمەن. - [Notice ئۇختۇرۇش]

    2008-08-06

    تورداشلارنىڭ خالىسانە ياردىمىدە بلوگنى يۈتكىۋېلىپ، گەرچە كۈڭلۈمدىكىدەك پۈتمىگەن بولسىمۇ تۈنۈگۈندىن تارتىپ ئېچىۋەتتۇق. ئالدىنقى تىمىدا يازغاندەك ھازىرچە بلوگنىڭ بەزى يەرلىرى تېخى تولۇق مۇكەممەل ئەمەس، ئۇلارنى ئوڭشاپ بۇلۇشتىن بۇرۇن قانچىلىك ئىشلىسە شۇنچىلىك ئىشلىتىپ تۇرساڭلار.

    ئۇندىن باشقا دوستلاردىن سورايدىغان ياردىمىم:
    1. بلوگتىكى بەزى مەزمۇنلار، تىمىلار ياخشى كۈرۈنمەسلىگى مۇمكىن. شۇ تىمىلارغا ئىنكاس يېزىپ بىلدۈرۈپ قويساڭلار.
    2. ياخىشى كۈرۈنمىگەن تىمىلاردىىكى مەن  بىرىنچى بەتنى ئوڭشاپ بولدۇم. قالغانلىرى ئوڭشالمىدى،  بولۇپمۇ بۇرۇن Uighur.cn دا بىۋاستە ئۇرۇلۇپ كىرگۈزۈلگەن تىمىلار ياخشى كۆرۈنمەسلىگى مۇمكىن. ۋاختى يەتكەن تورداشلارنىڭ شۇ تىمىنى كۈچۈرۈپ ئېلىپلا UighurEdit قا چاپلاپ نورمال كۈرۈنىدىغان قىلىپ ئاندىن ئۇنى ئىنكاس سۈپىتىدە شۇ تىمنىڭ ئاستىغا چاپلاپ قويساڭلار.
    3. ئۇندىن باشقا يەنە سىلەر بايقىغان قانداق يىتەرسىزلىكلىرى بار ھىس قىلغاندا خەۋەر قىلىپ قويساڭلار.
    4. بۇرۇنقى بىلوگ تاقىلىپ قالغىلى ئىككى ئايدىن ئاشتى، ئەڭ مۇھىمى يىڭى بلوگ ئادىرسىنى جىق دوستلار بىلمەيدۇ، چ چ، ئىلخەت، ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق  يىڭى ئادىرىسنى بۇرۇنقى جېك تور خاتىرىسىنىڭ دوستلىرى بولسا ئەۋەتىپ بىرىپ ئۇختۇرۇپ قويساڭلار.  يەنە باشقا چوڭ مۇنبەرلەرگە تىزىملاتقان دوستلار قىسقىلا بىر « Jeck تور خاتىرىسى» قايتا ئېچىلىپتۇ دىگەن ماۋزۇ بىلەن تىما يېزىپ  مۇنبەرلەردە ئىلان قىلىپ قويساڭلار، ئۇخماي قالغانلار بىلسە. بولۇپمۇ دىيارىم، شەبنەم، سەلكىن لەردە ئىلان قىلىپ قويساڭلار.
    7. بۇرۇن ئۇلىنىش قىلىپ قويغانلار ئۇلىنىش ئادىرسىنى يىڭى ئادىرىسقا يۆتكەپ قويساڭلار.  
     
    تورداشلارنىڭ قوللىغىنىغا ۋە ياردىمىگە كۈپ رەھمەت. ياردىمىڭلاردا بلوگ تېخىمۇ تەرەققى قىلغۇسى.

    分享到:


    评论

  • قىلىمىز ، ياردەم قىلىمىز! كىچىك ئىشلاردا ياردىمىمىزنى ئاياپ كەتسەك بولماس!
  • ياخشى
  • نىمە سەۋەپتىن ھىساپ قىلمىغاندۇ ئۇنى ~~~~~~
    مەن ئۆزۈمنىڭ بىلوگىنى ئۆزۈملا تىزىملىتىپ شۇنداق قىلىۋالغان ،ئۇنىڭغا نىسبەتەن خېىلى پىششىق بوپ كەتكەنتىم.ئادەتتە تەۋسىيە قىلغان بىلوگنىڭ ئىناۋەتلىك بولىشى ئۈچۈن ،تەۋسىيە ئورنىدىن كىرىپ تىزىملىتىش ،خەت ساندۇققا بىرىپ ئاكتىپلاش كىرەك ،ئاندىن شۇ تىزىملاتقان نامدا بىلوگقا بىرقىتىم كىرىپ خالىغان ئۇسلۇپنى تاللاپ قويۇپ چىقىپ كەتسەك ئىناۋەتلىك بولاتتى .
    مەن بۈگۈن يەنە سىناپ باقاي قېنى ~!