• ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺟﯧﻚ - [Random پارچە-پۇرات]

    2007-09-08

    ﺋﺎﻻﮬﯩﺰﻩﻝ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﻘﺎﻥ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﻣﯩﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ Jeck ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻗﺎﭼﺎﻧﻼﺭﺩﯨﺪﯗﺭ ﮬﺎﯕﯟﺍﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﻰ ﺗﯘﻧﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﭖ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﯩﻨﻰ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﯩﺰﯨﻤﻨﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﯩﺪﺍ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﺍﺧﺘﯩﻤﺪﯨﻤﯘ ﺳﻪﺯﻣﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. "ﺗﯘﯞﺍ" ﺩﯨﺪﯨﻢ ﺋﯩﭽﯩﻤﺪﻩ. "ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺗﻮﻻﺭﺍﻕ ﯞﺍﻻﻗﻼﭖ ﺋﯜﺯﯨﻨﻰ ﻛﯜﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﺳﯩﻤﯘ ﺑﯘﻻﻣﺪﯗ ﻧﯩﻤﻪ" . ﺑﻪﺯﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﻡ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺘﺘﻰ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺕ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﻰ، ﻛﯜﺯﯛﻣﮕﻪ ﻛﯜﺭﯛﻧﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻳﻮﻕ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﯞﺍﺧﺘﯩﻤﺪﺍ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﯘﻧﯘﻣﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﯘﻟﺴﺎﻡ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﺳﯜﯛﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺗﺎﭘﺎﺗﺘﯩﻢ. ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﺎ ﺗﯘﻧﯘﻳﺘﺘﻰ ﻳﺎ ﺗﯘﻧﯘﻣﺎﻳﺘﺘﻰ، ﻳﺎ ﺋﯩﺮﻩﻥ ﺋﺎﻻﺗﺘﻰ ﻳﺎ "ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻳﻠﯩﯩﺸﭗ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﻩﻱ" ﺩﻩﭖ ﻳﯘﻗﺎﭖ ﻛﯩﺘﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﺎﺭﯨﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻨﯩﻐﯘ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻤﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺘﺘﯩﻢ. ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﺑﯜﻟﯜﻡ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻳﯜﺯﯨﻤﯩﺰ ﺷﯘ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ -ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﯘﻻﺗﺘﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﻗﻮﻏﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ "ﺟﯧﻨﯩﻢ ﺋﯘﻛﺎﻡ، ﻧﯩﻤﻪ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻛﻪﺗﺴﯘﻥ، ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﯔ، ﺑﺎﻟﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﻠﻰ" ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ. ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﯨﻨﻐﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﻮﯓ ﮬﻮﻗﯘﻗﯘﻡ ﻳﻮﻕ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﯞﻩ ﻳﻮﻝ ﻛﯜﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﻣﻪﺳﻠﻪﺕ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﺯﯨﮕﻪ ﮔﯜﻝ ﻛﯜﺭﯛﻧﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻤﻪﻥ. ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻛﯩﻠﯩﭗ "ﻧﯩﻤﻪ ﮬﺎﺟﯩﺘﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﺎﯕﺎ ﺩﻩﯓ، ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ"، " ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﯩﺴﻪﻥ ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯜﻱ ﺑﯩﻜﺎﺭ، ﻧﻪﺩﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﻳﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﻪ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻼ ﺗﯘﺭﻣﺎﻣﺴﻪﻥ، ﭘﯘﻝ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ ﮬﻮﻱ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﺎﺗﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ " " ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﻻﺯﯨﻢ ﺑﯘﻟﺴﺎ ﻣﺎﯕﺎ ﺩﻩ. ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﺧﯘﻱ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﭘﻮﭼﻰ ﺑﺎﺭﻣﺎﻣﺴﻪﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ" ﺩﻩﭖ ﺑﺎﻗﻘﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﯘﺧﻤﺎﻳﺘﺘﯩﻢ. ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺷﯘﻧﺪﺍ ﺑﯘﻟﺪﻯ. ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯘﻟﺴﺎ ﻛﯩﺮﻩﻙ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﺎﺭﺍ-ﺑﺎﺭﺍ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪﻥ، ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯘﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﭼﯘﻧﻜﻰ ﻛﯩﻴﯩﻨﭽﻪ ﺋﻮﺭﯗﻕ ﺗﯘﻗﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺩﻭﺳﺖ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﺍ "ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺟﯧﻚ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻤﻨﻰ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺗﻮﺭﺩﺍ ﺗﯘﻧﯘﺷﻘﺎﻧﻼﺭ ﺟﯧﻚ ﺩﻩﭘﻼ ﺩﻩﻳﺘﺘﻰ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﮬﺎﺯﯨﺮ "ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺟﯧﻚ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﺭﻛﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ. ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﺮﻩﻥ ﻗﯩﻠﻤﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ، ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺸﯩﻐﺎ ﻣﯩﻨﯩﯖﭽﻪ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻧﻐﯘ ﺋﯜﺯﻩﻡ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﯩﮕﻪ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﭘﺎﻻﻧﭽﻰ ﺑﯘﻟﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﻣﯩﻨﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﻧﯘﺷﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ.
    -"ﯞﻩﻱ، ﭘﺎﻻﻧﭽﯩﻤﺎ، ﮬﻪ، ﻣﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺟﯧﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ، ﻛﯩﻠﻪﻣﺴﻪﻥ؟" "ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ"
    -"ﯞﻭﻱ ﺳﯩﺰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺟﯧﻚ ﺑﻮﻻﻣﺘﯩﯖﯩﺰ، ﺋﺎﭘﻼ ﺑﯘﺭﯗﻧﺮﺍﻕ ﺩﯨﺴﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﻤﺎﻣﺪﯗ، ﺋﻪﺗﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻗﻰ ﺟﯩﻤﻼ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳﯩﯖﯩﺰ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﺧﻤﺎﻱ ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ، ﺗﻮﺭﺩﺍ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺳﯜﺯﻟﻪﻳﺘﺘﯩﯖﯩﺰ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺟﯩﻤﻐﯘﺭ ﺑﺎﻟﯩﻜﻪﻧﺴﯩﺰﻏﯘ"، ﺗﯘﻧﯘﺷﯘﭖ ﻗﺎﻻﻳﻠﻰ، ﻣﻪﻥ ﭘﺎﻻﻧﭽﻰ ﺑﯘﻟﯩﻤﻪﻥ، ﻣﻪﻧﻐﯘ ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﺗﻤﯩﻐﺎﻥ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﻤﻪﻥ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﯩﺴﻰ ﮬﯩﺴﺎﭖ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻗﯩﺮﯞﺍﻻﻱ، ﻗﺎﭼﺎﻥ ﯞﺍﺧﺘﯩﯖﯩﺰ ﺑﺎﺭ"

    -"ﭘﺎﻻﻧﭽﻰ ﻧﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺗﻮﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺟﯧﻚ ﻛﻪﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ﺩﯨﺴﻪﻡ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﺭﯛﺷﯘﭖ ﻣﯩﮭﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺴﺎﻡ ﺩﻩﻳﺪﯗ، ﻛﯩﻠﻪﺭ ﮬﻪﭘﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﺭﺳﻪﻥ" ( ﮬﻪ؟؟؟؟ ﻧﺎﺯﯨﺮ ﻣﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﺍﻣﺪﯨﻜﻪﻥ؟ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺷﻪﺭﯨﻘﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﺎﻣﺪﯗ ﻳﺎ؟)

    - "ﻧﯩﻤﻪ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺑﻮﻳﺘﺎﻕ ﺩﯨﺪﯨﯖﻤﺎ، ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﻠﻰ، ﺗﻮﺭﻏﺎ ﺋﯩﺰﺩﯨﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺟﯧﻚ ﻛﻪﭘﺘﯘ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﯨﺘﯩﻠﻰ، ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺧﯘﻱ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ ﺩﯨﮕﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﺭﺳﻪﻧﻜﯩﻦ، ﻳﯩﺘﯩﺸﯩﭗ ﺑﯘﻻﻟﻤﯩﺴﺎﯓ ﺑﯩﺰ ﺑﺎﺭ ﺟﯘﻣﺎ" ( ﻗﯧﻨﻰ ﺷﯘ ﻗﯩﺰﻻﺭ، ﺋﯩﻼﻥ ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﻪﻛﻤﯘ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ)

    ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﻛﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ:
    -"ﺳﯩﺰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯘﻻﻣﺴﯩﺰ، ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﺭﻩﺳﯩﻤﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﺑﻪﻙ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻧﺴﯩﺰ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﻪﻙ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﻗﯘﻳﻤﻪﻥ" ( ﻧﯩﻤﻪ ﻧﯩﻤﻪ؟؟ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ؟؟ ﻣﻪﻥ ﮬﯩﭻ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻐﯘ)

    ﻳﻪﻧﻪ ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ:
    -"ﺳﯩﺰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯘﻻﻣﺴﯩﺰ.........( ﻗﯧﺸﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻻ،"ﺋﻮﻭﻭﺵ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﯖﯩﺰﺩﻩ ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﺋﺎﺭﺍﻣﺨﯘﺩﺍ ﻣﺎﯕﻐﯩﻠﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ)


    ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯜﺯﻩﻣﻨﯩﯔ "ﺗﯘﺭﺳﯘﻧﺠﺎﻥ" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﺴﻤﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﻪﻛﺮﺍﻕ "ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﺘﻜﻰ ﺟﯧﻚ" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ ﮬﯜﺭﻣﻪﺗﻜﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ ﮬﯜﺭﻣﻪﺗﻜﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﺗﯧﺨﻰ ﺗﯜﺯﯛﻙ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ. ﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﭽﯩﻤﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ. ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ ﮬﯜﺭﻣﻪﺗﻜﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﻟﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯘ ﺋﯘﻻﺭ ﺗﻮﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺳﯜﺯﻟﻪﭖ ﻳﯜﺭﻣﯩﮕﻪﭼﻜﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺟﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﯘﻧﯘﻣﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺯﻩﻣﮕﻪ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. "ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻗﯘﻳﺎﻱ، ﻣﯘﺷﯘ ﻳﯩﮕﻪﻥ ﺗﯘﺯ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﯜﺭﻣﯩﺘﯩﻨﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﺘﯩﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯘﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻼﻱ" ﺩﻩﭖ ﺋﯘﻳﻠﯩﺪﯨﻢ. ﺑﺎﺷﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺩﯨﻤﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﻣﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﯜﺭﻣﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﺘﯩﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﭘﯧﺘﯩﻨﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ. ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻤﺪﺍ ﮬﯩﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ، ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﮬﯩﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﺑﯩﺮﻩﻟﻤﻪﻳﺘﺘﯩﻢ. ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﺴﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ، ﻣﯩﻨﻰ ﻣﯩﮭﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺑﯘﻟﺴﯩﻤﯘ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺘﺘﯩﻢ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﺳﻪﻣﯩﻤﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯩﻼﺟﻰ ﺑﺎﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﯘﻟﺴﺎ ﻛﯜﺭﯛﺷﯜﭖ ﻣﻪﺳﻠﻪﮬﻪﺕ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﻪﺳﻠﻪﮬﻪﺕ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ. ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﻩ ﯞﻩ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﻛﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﺪﻩ "ﺋﺎﯞﯗ ﺋﯩﺰﺩﯨﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺟﯧﻚ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﺎﻻ ﺷﯘ " ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﭖ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺗﯘﺭﺩﯗﻡ. ﻳﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻛﯜﺭﯛﺷﻤﯩﺪﻯ ﻳﺎ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﺯﻩﻡ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﺎﺭﺍﻟﻤﯩﺪﯨﻢ. ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﺭﯛﺷﻜﯜﻡ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﻩ ﯞﻩ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﺗﯘﻧﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﻘﺎﻧﻼﺭ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﺎﺭ. ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ﺧﯧﻠﻰ ﺧﻮﺵ ﺑﯘﻟﺪﯗﻡ. ﻟﯧﻜﯩﻦ "ﺋﺎﯞﯗ ﭘﺎﻻﻧﭽﯩﻜﻪﻧﻐﯘ" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯘﺳﯘﺭ ﻛﯘﺳﯘﺭ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻠﻮﮔﯩﻤﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﭘﯘﺷﻤﺎﻧﻤﯘ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ.

    ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﯩﺮﯨﻢ، ﻛﯜﭘﯩﻨﭽﻪ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﺭﯛﺷﻜﻪﻧﻠﻪﺭ ﻣﯩﻨﻰ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. "ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﻪﻙ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﻗﯘﻳﻤﯩﺰ" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺯﻣﯩﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺋﯩﻴﺘﺘﯩﻢ. ﻟﯧﻜﯩﻦ "ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻣﯩﻨﻰ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺩﻩﭖ ﻛﯜﺭﯛﭖ ﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺩﯨﮕﯜﺩﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻤﻪ ﻳﺎﺯﻣﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻤﺪﻩ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺗﻮﻟﯘﻕ، ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺑﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺩﯨﺒﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻛﯜﺭﺳﯩﺘﻪﺗﺘﻰ.ﺑﻪﺭﻗﻰ، ﺋﯜﺯﮬﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﺴﻪ ﺑﯘﻻﺗﺘﻰ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺗﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮﻣﯘ ﺋﻪﺩﯨﺒﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ ﮬﻪﻡ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻢ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻤﻤﯘ ﻳﻮﻕ. ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺗﻮﺭﻏﯩﻼ ﻣﺎﺱ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻼﺭ. ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﺑﻪﺭﺳﻪﻙ ﺟﺎﻳﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﻘﻠﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺧﺎﺗﺎ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻤﻤﯘ. ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﻥ ﻣﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ "ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﻻ" ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭘﺮﺍﻕ ﺋﺎﺗﯩﺴﺎ "ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﭽﻰ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺖ ﻗﯩﻼﺗﺘﯩﻢ. ﭼﯘﻧﻜﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﻢ ﺋﯩﺪﻯ.

    ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ. ﺩﯨﻤﯩﺴﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﻮﺭﯗﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﻣﻪﻳﺘﺘﯩﻢ. ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﭺ ﭺ ﺩﺍ "ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯜﮬﺒﻪﺕ" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺗﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ، ﺋﯘ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺷﯘ ﺗﯩﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎﺭﯨﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﻙ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺘﺘﯩﻢ، ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻮﻧﺎ ﺗﻮﺭ ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍﺭﭼﯩﺴﻰ ﺑﺎﺑﯘﺭﺩﯨﻦ "ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ " ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎﻡ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻧﻤﻪﻳﻼ "ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ" ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘ ﻳﺎﺩﯨﻤﺪﺍ ﻗﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻥ. ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭙﻼ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯩﺘﻪﻟﻤﻪﻱ "ﭘﻮﻟﻮﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺘﯩﺪﯗ" ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻤﺎ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﮬﺎﻧﯩﺴﺪﺍ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ. ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﻗﯩﺰﺯﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﻛﯜﯕﻠﯜﻡ ﺳﯘﯞﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺟﯧﻚ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﻩﻳﻠﻰ،ﺑﯘﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﻩﻳﻠﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﯔ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻨﺎﻣﯩﻠﻪﺭ ﻛﻪﻟﺪﻯ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﺘﯩﻦ، ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯜﯕﻠﯜﻡ ﺳﯘﯞﯗﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﻤﺎ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﻳﺎﺯﻏﯘﻡ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻤﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﯘﻡ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ. ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﻼﺭ ﻣﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﺘﺎ ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﺗﺘﻰ. ﻣﯩﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻣﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﻟﻪﭖ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﻩﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﻳﯜﺭﺳﻪﻡ ﺧﺎﺳﻠﯩﻐﯩﻤﻤﯘ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﯩﺘﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺋﯜﺗﻜﯜﺭ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﻚ ﻳﺎﺯﻣﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺳﻪﺭﺧﯩﻞ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﻪﻙ ﻗﯩﺰﺯﯨﭗ ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﻨﻰ ﺋﯜﺯﯨﮕﻪ ﺟﻪﻟﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺗﯘﺯﯗﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ( ﺋﻮﭼﯘﻗﺮﺍﻕ ﺋﯧﯩﻴﺘﺴﺎﻡ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯘﺯﯗﺗﯘﯞﻩﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ) ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺳﯘﯞﯗﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺋﻪﯓ ﻧﻮﭼﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﺘﺘﯩﻢ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺳﻮﯞﯗﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻣﯘ ﺋﯘﻧﭽﻪ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ
    ﺋﻪﯓ ﻗﯩﺰﺯﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﺳﯘ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﺑﯩﺮﻩﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﯩﺪﻩﻙ ﺳﻮﯞﯗﻕ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﻙ ﭼﻮﯓ ﭘﻪﺭﻗﯩﻤﯘ ﻳﻮﻗﻜﻪﻥ. ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺗﻮﺭ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻕ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺋﯩﺴﻤﯩﻢ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﻨﻦ ﺋﯜﺯﻩﻣﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﺪﻩﻙ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﺳﻪﻡ ﻣﯩﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. "ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺟﯧﻚ" ﺩﻩﯞﯨﺮﯨﭗ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﯖﻪﻣﮕﯩﻤﯘ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯘ.

    ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺳﻰ، ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻧﺎﻡ "ﻧﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ ﻣﻪﻳﻠﻰ، ﺗﻮﺭﺩﺍﺵ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻤﻪ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﯩﻐﻤﺎﯓ، ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺋﯘﺧﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﻗﻮﻳﯘﯓ" ﺩﻩﭖ ﺑﻪﻙ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﮬﻪﻡ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﺯﻩﻣﻤﯘ ﺑﻪﺯﯨﺒﯩﺮ ﺷﻪﺧﺴﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﯘﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﻏﺎ، ﻣﯩﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﺩﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯘﻟﺴﺎ ﻣﯩﻨﯩﯖﻐﯘ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺶ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ ﺩﻩﭖ ﺗﻮﺭﺩﺍ ﺋﯩﻼﻥ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﭼﻮﯓ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﻪﻟﯩﮕﻪﻥ ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﺭﯛﺷﯘﭖ، ﻣﯘﯕﺪﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﯜﻡ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻐﯘ ﺋﯜﺯﮬﺎﻟﻨﻰ ﺟﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﺋﯜﺯﮬﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻛﯜﺭﯛﺷﻜﻪﻥ ﺑﯘﻟﺴﺎﻗﻤﯘ ﻛﻮﻧﺎ ﺗﯘﻧﯘﺷﻼﺭﺩﻩﻙ ﺑﯩﺮﺩﻩﻣﺪﯨﻼ ﺋﯩﭽﻘﯘﻳﯘﻥ ﺗﺎﺷﻘﯘﻳﯘﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ. ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺧﯧﻠﻠﻮﯞﻭﺭﻟﯩﺪ، ﺋﯜﺯﮬﺎﻝ، ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﺯﺍ ﺋﯚﺭﯛﭖ، ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ، ﺟﻪﯞﻻﻥ، ﻣﻪﺗﯘ، ﻛﻮﻟﺘﯩﻜﯧﻦ ﻻﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﭼﺎﺧﭽﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ، ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﯘﯞﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪﺭﯞﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺧﻪﻳﺮﯨﺨﺎﮬﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ؛ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺧﯧﻠﻠﻮ ﻻﻳﯩﻔﻨﻰ ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯩﺪﺍﺭﻛﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﺭﯛﺷﯘﭖ، ﺋﻪﻧﯟﻩﺭ ﺟﯘﻻ ﻧﻰ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ﺩﯨﺴﯩﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﻤﺎﻱ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﺳﯜﺭﻩﭖ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﺱ ﻣﯘﺷﻠﯩﺸﯩﭗ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯜﻥ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﻏﺎ "ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﮕﻪ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ" ( ﺑﯘ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪﻩ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﯩﺴﻢ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺘﻼﺭﻏﯩﻼ ﺑﯩﺮﯨﻠﺪﻯ) ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺗﯩﻤﯩﺪﺍ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﯩﺮﯨﭗ، ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﯩﯔ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﻮ ﺋﯩﺘﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﯘﻡ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﺴﺎﻡ ﺋﺎﺭﻣﺎﻥ ﻳﻮﻕ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﻛﯩﻠﻪﺗﺘﯩﻢ. ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺋﯜﺯﮬﺎﻝ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﻳﯩﻐﺎﻱ ﺩﯨﺪﻯ، ﻣﯘﺳﯩﻜﻔﻪﻥ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﻩ ﻳﯩﻘﯩﻦ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﺎﻱ ﺩﯨﺪﻯ، ﺑﯩﺪﺍﺭﻛﺎﻡ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺸﯩﯟﺍﻻﻳﻠﻰ ﺩﯨﺪﻯ. ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﻮﺵ ﻳﺎﻗﺘﻰ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯘﺑﯩﻜﺘﭗ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﺘﻰ ﺑﯘﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻠﯩﺸﺎﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﻛﻪﭘﺘﯘ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﯘﻟﺴﺎ ﺋﯩﻼﺟﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻛﯜﺭﯛﺷﺘﯜﻡ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯜﯕﻠﯜﻣﺪﻩ ﺑﺎﺭ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﯘﻻﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺷﯘﯕﺎ ﺷﯘ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.ﮬﺎﺯﯨﺮﭼﻪ "ﺟﺎﮬﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﯩﻤﯩﺰ" ﺩﻩﭖ ﺋﯜﺯﻩﻣﮕﻪ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﺩﯗﻡ. ﺧﯘﺩﺍ ﺑﯘﻳﺮﯨﺴﺎ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻠﻐﯘﭼﻪ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ. ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﺭﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﻨﻰ ﺗﻮﻳﻐﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻤﻪﻥ. ( ﭘﯘﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻐﺎ ﺧﺎﻟﯩﺲ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻤﻪﻥ ﺟﯘﻣﯘ)

    (جېك تور خاتىرىسىگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا ۋە بۇ تىمىنى ئوقۇغۇنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. تور خاتىرىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن  قوللاش يۈزىسىدىن خاتىرىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كۈرۈنۇپ تۇرغان ئىلاندىكى ئولىنىشنى چىكىپ قويۇڭ. لېكىن كۈندە بىر قېتىمدىن ئارتۇق بولمىسۇن. تۇنجى قېتىم ئىلان قويۇلغاچقا بۇ ئەسكەرتىش بىرىلدى. تورداشلارغا ئۇختۇرۇپ بۇلغاندىن كىيىن بۇ ئەسكەرتىش ئۈچۈرۋېتىلىدۇ)

    分享到:


    评论

  • ئىزدىنىشنى يوقلاپ تۇرىلى مۇنداق . ھى ھى
  • ھا ھا ھا...ئەمىسە توي باغىقىنى كۈتتۈق،dress codeنى ئېنىق ئەسكەرتىپ قويۇڭ جۇمۇ.