• ﺯﯨﻴﺎﻟﻰ، ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻰ ﺧﯩﻴﺎﻟﻰ - [Review نەزەر]

    2006-08-24

    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ
    ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ  "ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﺎﺯﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﮬﯩﺴﺎﭘﻠﯩﻨﺪﯗ. ﺋﯘﻳﺎﺯﻣﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻤﺰﺍ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﺨﺎﺗﯩﺮﻩﻣﺪﯨﻦ ﻛﯜﺭﮔﻪﻳﺴﯩﺰ. ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﯩﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﯸﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺷﻪﺧﯩﺴﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﯞﻩﻗﻪﻟﻪﺭ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﻛﯜﺭﯛﻧﯩﺸﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻪﻥ. ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺋﻪﻳﯩﭗ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺗﯩﺮﯨﺸﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻪﻳﯩﭗ. ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﮬﺎﻻﺭ ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﺪﻯ. ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﻪﮔﻪ ﻛﯜﺗﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻱ.

    ﺑﺎﺷﻼﻧﻤﺎ
    90-ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ 2000-ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺩﯨﻤﻪﺗﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ  ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯜﺳﯜﭖ ﻳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ﮬﯩﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.ﺷﻪﺧﺴﻪﻥ ﺋﯜﺯﻩﻡ ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺟﻪﻣﻴﻪﺕ ﻗﺎﻳﺎﻗﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺴﺎ ﺷﯘ ﻳﺎﻗﻘﺎ ﻳﯜﮔﺮﻩﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﻪﻧﺪﯨﻤﻪﻥ. ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺋﯜﺗﻜﯩﻨﯩﻤﺪﻩﻙ، ﺟﻪﻣﻴﻪﺗﺘﻪ ﻣﯘﺷﻼﺵ ﻣﻮﺩﺍ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﭼﻮﯓ ﻣﯘﺷﻼﺷﭽﻰ ﺑﯘﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﻧﺎﺧﺸﺎ-ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﻣﻮﺩﺍ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﺑﯘﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ..ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﻗﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﺧﯩﻴﺎﻝ  ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ،  ﺋﻪﮔﻪﺷﻤﯩﮕﻪﻥ "ﺋﯩﺰﯨﻢ"  ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺟﻪﻣﻴﻪﺕ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﻧﺴﺎ ﺗﻪﯓ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﻧﻐﺎﻥ، ﻳﯩﻐﻠﯩﺴﺎ ﺗﻪﯓ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﺎﻥ. ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻳﯩﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﯜﺯﻩﻣﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﯩﻨﯩﻤﮕﻪ ﻛﯜﻟﮕﯜﻡ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺵ-ﺋﯜﺳﻤﯘﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻐﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ "ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﻰ" ﻻﺭﻏﺎ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯩﻠﻪﻙ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺩﯛﻟﻪﺕ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﯩﻴﺘﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﯨﻜﺎﻟﻼ ﺋﯩﻴﺘﻘﺎﻥ ﺑﯘﻟﺴﺎﻣﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ، ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﻮﺳﯘﻟﯩﻨﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ "ﺋﻮﺗﻨﻰ ﻛﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﻤﯘ ﺋﯜﭼﯜﺭﻣﯩﮕﻪﻥ"ﻟﯩﮕﯩﻨﻰ ﺋﯜﺯﻩﻣﭽﻪ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ. ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺋﯜﺗﻜﻪﻧﻜﻰ ﻳﺎﺯﻣﯩﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ ﺳﯜﺯﻟﻪﺭ ﻛﻮﭼﺎ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺩﯨﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﻮﭼﺎ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﺘﺎ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ، ﺋﻮﺑﺰﯗﺭ،ﺋﻮﭼﯩﺮﯨﻜﻼﺭ ﺋﯩﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻪﻣﻴﻪﺗﺘﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺑﯘﻻﺭ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﺘﻰ.

    ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﯜﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺩﻩﭖ ﺑﯘﻟﻐﺎﻥ. ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ  ﺗﯜﯞﻩﻧﺪﻩ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻤﺪﻩ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ "ﯞﻩﻗﻪ"ﻟﻪﺭﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﯜﺗﻪﻳﻠﻰ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘﻟﺴﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻐﺎﻱ.

    ﯞﻩﻗﻪ 1. ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺳﺎﻟﺪﻯ
    ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﯸﻘﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻛﻮﭼﺎ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺗﭽﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﻪﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ( ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﻪ ﯞﻩ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﯩﻤﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯩﻤﻪﻥ. ﺋﯘ ﺋﺎﻛﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻗﺎﺳﯩﻢ ﺳﯩﺪﯨﻘﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺮﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻳﺴﯩﺰﻟﻪﺭ) ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﻪ ﺑﻪﻙ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﻪ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯘ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺷﯩﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﻛﯜﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﯩﺮﯨﭙﺘﯘﺩﻩﻙ. ﺑﯘﮔﻪﭘﻠﻪﺭ  ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻛﻮﭼﺎ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﻯ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﺗﯩﺰﻻ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﻛﻮﭼﺎ ﮔﯩﭙﯩﺪﯨﻦ ﺭﻩﺳﯩﻤﻰ ﺋﯜﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﺘﺎ ﺋﻮﭼﯧﺮﯨﻚ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﭗ ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ.
     ﺋﯘ ﺋ.ﻮﭼﯩﺮﯨﻜﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺗﯧﭙﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺧﻮﺵ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯘﻗﯘﻏﺎﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﭼﭽﯩﻐﯩﻤﺪﺍ ﮬﯘﺭﭘﯩﻴﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯜﺯﻩﻡ ﺗﯘﻧﯘﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﻠﯩﻜﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯩﻠﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﺩﯗﻡ. ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺋﻮﭼﯩﺮﯨﻚ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﻩ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯘ ﺋﻮﭼﯩﺮﯨﻜﺘﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﻪ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﺑﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻥ، ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ، ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﺯﺳﺎﻗﻤﯘ ﺧﻪﻕ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ ﺩﯨﮕﻪﻧﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺳﻪﯞﯨﻴﺴﻰ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻤﯘ ﺋﻮﺧﻤﯩﺪﯨﻢ.  ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﻰ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ. ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻗﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﺧﺮﯨﺪﺍ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻤﯩﺰ ﻣﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﭘﺎﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﻪﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﺳﺎ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﻰ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﯸﻐﯩﺰ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﮔﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﯘﻟﻤﯩﺪﻯ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺳﯘﻏﯘﻕ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺗﻪﻧﻪ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ. ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺑﯘ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﻪ ﻗﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯜﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﮕﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﺳﯜﺯﻟﻪﭖ ﺋﯜﺗﻜﻪﻥ. ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﻥ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﻪﻧﻰ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍﻏﺎ ﺗﯘﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﯘﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻐﺎ ﺋﺎﭼﭽﯩﻐﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺟﻪﻣﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﺯﺍ ﻣﻮﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. "ﭘﻮﻗﻨﻰ ﺋﯘﺧﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﭽﯩﻼﺭ" ﺩﻩﭖ ﺗﺎﺯﺍ ﺗﯩﻠﻠﯩﺪﯗﻕ.  "ﮔﯜﮬﻪﺭ ﻳﺎﺗﯩﺪﯗ ﺳﺎﻳﺪﺍ، ﺗﯘﻧﯘﻣﯩﺴﺎﯓ ﻧﯩﻤﻪ ﭘﺎﻳﺪﺍ" ﺩﻩﭖ ﺋﯜﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﻪ ﻛﯩﻢ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺧﺸﯩﺪﯗﻕ.  ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﭼﻮﯕﻼﺭ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻛﯩﻴﯩﻦ ﭼﻮﯓ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﻡ ﻣﻪﻥ "ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺗﯩﻤﯩﺪﺍ ﺳﯜﺯﻟﻪﭖ ﺋﯜﺗﻜﻪﻥ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯩﺸﻼﺭﻛﻪﻥ ﺧﺎﻻﺱ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ  ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻤﻨﻰ ﺋﯜﺯﮔﻪﺭﺗﺘﯩﻢ.

    ﯞﻩﻗﻪﻧﯩﯔ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:
    ﯞﻩﻗﻪﻧﯩﯔ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ : 6
    ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯜﺭﺳﻪﺗﻜﯘﭼﻰ: 5
    ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻛﯜﺭﺳﻪﺗﻜﯘﭼﻰ: 3
    Jeck ﺋﯩﻨﺪﯨﻜﺴﻰ: 0.33

    ﯞﻩﻗﻪ 2:  ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﯞﻟﯩﻴﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ
    ﺑﯘﻣﯘ 90-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﺎﺯﺍ ﺩﺍﯞﺭﺍﯓ ﺑﯘﻟﻐﺎﻥ "ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﻧﻮﻗﺘﺎ" ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺳﻪﻝ ﺑﯧﺴﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﻴﯩﺘﯩﺪﻩ  ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﺠﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ " ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ" ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ "ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ" ﻟﻪﺭﻧﻰ ﻛﯜﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﻨﯩﯔ ﯸﻐﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﯸﭽﯩﻠﯩﺶ- ﻳﯩﻤﯩﺮﻟﯩﺶ ﺑﯘﻟﯘﯕﯩﻨﻰ 60 ﮔﯩﺮﺍﺩﻭﺳﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﯘﺭﯞﻩﺗﺘﻰ. ﮬﻪ، ﺑﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺳﯩﮭﯩﺮﮔﻪﺭﻟﯩﻚ، ﺳﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﻠﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯘﻟﻐﯘﭼﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﯸﻠﯩﭗ ﺋﯘ ﺗﯜﺯ ﺳﯩﺰﯨﻖ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﻼﻡ ﺟﻪﻣﯩﻴﺘﯩﮕﻪ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺗﯩﯖﺠﺎﯓ، ﺟﯘﺟﺎﯓ، ﯞﺍﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻮﺭﯗﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ. ﮔﯩﺰﯨﺖ ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻼﺭ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭﻧﻰ ﺑﺎﺳﺘﻰ. ﺋﻪﯓ ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﻳﯩﺮﻯ ﺷﯘﻛﻰ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﯩﺪﺍ ﻛﯜﻳﯜﭖ ﻛﯜﻝ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﯘﻟﻤﺎﻱ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﻪﯞﻟﯩﻴﺎ ﺩﻩﭖ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ. " ﺋﯘ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﯞﺍﺧﺘﯩﺪﺍ ﺟﺎﯕﮕﺎﻟﺪﺍ ﺋﯧﺰﯨﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﺧﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻳﻐﺎﻧﺴﺎ ﺋﯘ ﺋﯜﺯﯨﺪﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻣﺎﮬﺎﺭﻩﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ" ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﯩﺮﻟﯩﻘﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ "ﺋﻪﯞﻟﯩﻴﺎ" ﻟﯩﻖ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﺴﻪﻝ ﺩﺍﯞﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﯜﻧﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺯﺍ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﮕﻪ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺳﺎﻟﺪﻯ....ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯜﺯﻟﻪﭖ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ ﺟﯩﻖ. ﻣﻪﻥ ﺗﯘﻧﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﻛﯜﺭﺳﯩﺘﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ  ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺳﺎﻗﻼﭖ، ﺋﺎﺭﺍﻥ ﻛﯜﺭﯛﺷﯘﺵ ﭘﯜﺭﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ، ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﺋﻪﯞﻟﯩﻴﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺩﯗﺭﯗﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ "ﺳﯜﮬ" ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﺗﺎﺯﺍ "ﺳﯜﮬ" ﻟﯩﻤﯩﮕﻪﻥ ﭼﯧﻐﻰ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯜﺗﻤﻪﻱ ﺋﯜﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ.  ﺋﺎﯕﻼﺷﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻐﺎﻧﻤﯩﺶ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻛﯩﺴﻪﻝ ﻛﯜﺭﺳﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻣﯘ ﺧﯩﻠﻰ ﺟﯩﻘﻤﯩﺶ. ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻼﺭﻣﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﺟﯩﻖ.
    Jeck ﺗﻪﮬﻠﯩﻠﻰ: . ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺑﻪﺯﯨﺒﯩﺮ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﺮﺍﻕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺟﯩﻨﯩﺲ ﺭﯨﻜﻮﺭﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺳﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺟﯩﻖ ﻛﯜﺭﯨﺴﯩﺰ، ﻳﻪﻧﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺳﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ. ﺳﯩﮭﺮﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﺎﺭ. ﺑﯩﺮ ﺳﯩﮭﺮﯨﮕﻪﺭ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺳﻪﺩﺩﯨﭽﯩﻦ ﺳﯧﭙﯩﻠﯩﻨﻰﺧﻪﻗﻨﯩﯔ ﻛﯜﺯﯨﺪﯨﻦ  ﻳﯘﻗﯩﺘﯩﯟﻩﺗﺘﻰ. ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ، ﻳﺎﭘﯘﻧﻠﯘﻕ ﺑﻪﺯﯨﺒﯩﺮ ﺳﯩﮭﺮﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯜﺭﺳﯩﯖﯩﺰ ﺋﻪﻗﻠﯩﯖﯩﺰ ﻻﻝ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ.  ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﻪﺭ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯜﺭﺳﻪ "ﮬﻪ، ﺷﯘ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﮭﺮﯨﮕﻪﺭﻛﻪﻥ ﺧﺎﻻﺱ" ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﯜﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﻪﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﺩﻯ. ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﯘﻟﺴﯘﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ  ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﯘ ﮔﻪﭖ ﺟﻪﻣﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﯘﻟﺪﻯ. ﺯﯨﻴﺎﻟﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯘﻻﻣﺪﺍ؟ "ﺧﻪﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﯩﺪﺍ ﻛﯜﻳﯜﭖ ﻛﯜﻝ ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ" ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯜﺯﻯ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ  ﺧﻪﻟﯩﻘﻨﻰ ﺋﻪﮔﺮﻯ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺧﺎﺗﺎ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﯸﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺍﻣﺪﺍ؟ ﺗﻮﯞﺍ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ، ﺋﺎﺷﯘ ﺋﻪﯞﻟﯩﻴﺎ ﺩﻩﭖ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻣﯘﮬﻪﺭﺭﯨﺮﻟﻪﺭ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻤﻠﻪﺭ، ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺕ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ. ﮔﯩﺰﯨﺖ، ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻜﻰ "ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻥ" ﻣﯘﮬﻪﺭﺭﯨﺮﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﯧﻨﻰ. "ﺑﯩﺮ ﺳﯩﮭﺮﯨﮕﻪ ﻛﯩﺴﻪﻝ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺴﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺋﯘﻏﯘﻝ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﯩﺒﺒﻰ ﺩﺍﺷﯘﺩﻩ 7 ﻳﯩﻞ ﺳﺎﺭﺍﯕﻤﯘ " ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ. ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻣﯩﻠﻴﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭ ﺑﯧﺸﻰ ﻗﯩﺰﺯﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯜﺭﮔﯩﭽﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ ﺋﯜﮔﻪﻧﺴﻪ ﺑﯘﻟﻤﯩﺪﯨﻤﯘ. ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯩﺘﺎﭖ، ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ، ﻣﯘﮬﻪﺭﯨﺮ.  ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ، ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺕ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﯸﻐﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﺎﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﻖ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺟﻪﻣﻴﻪﺗﺘﻪ ﺧﺎﺗﺎ ﺩﺍﯞﺍﻟﻐﯘﺵ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﮭﯘﺩﻩ ﺋﺎﯞﺍﺭﯨﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﺘﻰ.  ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﻗﺎﻣﻼﺷﻤﯩﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻳﺎﺯﺍﺭﻣﻪﻧﻤﯘ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﯧﺰﯨﭗ "ﺑﯘ ﺑﯘﻟﻤﯩﺪﻯ ﺩﯨﻤﯩﺪﻯ. ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺟﻪﻣﻴﻪﺕ ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺗﻪﺭ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺳﯩﮭﺮﯨﮕﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﻳﺎﻧﺘﺎﻳﺎﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ.  ﺧﺎﻻﻳﯩﻖ، ﻛﺎﻟﻠﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﯩﻠﻜﯩﯟﯨﺘﯩﭗ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ" ﺩﯨﻤﯩﺪﻯ. ﺧﺎﺗﺎ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻛﯜﺭﮔﻪﻧﺪﻩ "ﺑﯘﻟﻤﯩﺪﻯ" ﺩﯨﻴﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻤﯘ ﺳﯜﻛﯜﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺷﯘﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ. ﺷﯘ ﯞﺍﻗﺘﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﺗﯧﺨﻰ ﺑﯩﺰﺩﻩ " ﺋﯜﺯﯨﻨﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ" ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺪﯨﻐﯘ. ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺪﯨﻐﯘ؟
    ﯞﻩﻗﻪﻧﯩﯔ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:
    ﺧﻴﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﻛﯜﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﻰ: 8
    ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯜﺭﺳﻪﺗﻜﯘﭼﻰ: 7
    ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻛﯜﺭﺳﻪﺗﻜﯘﭼﻰ:7
    Jeck ﺋﯩﻨﺪﯨﻜﺴﻰ: 0.54

    ﯞﻩﻗﻪ 3.  21-ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯜﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. 
    96-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘﻟﺴﺎ ﻛﯩﺮﻩﻙ. ﺋﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﺪﺍ ﺋﯘﻗﯘﯞﺍﺗﺎﺗﺘﯩﻢ. ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻪﻣﻴﻪﺗﺘﻪ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﺘﺎ ﺧﻪﯞﻩﺭ، ﺋﯘﺑﺰﯗﺭﻻﺭ ﺑﯩﺮﯨﻠﯩﭗ ﭘﯩﭽﺎﻧﺪﯨﻨﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺳﻨﯩﯔ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻐﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺘﯩﺰﻟﯩﻘﺘﺎ ﺩﻭﻡ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭖ ، ﺗﻮﭘﯩﻼﯕﺪﺍ ﺗﯘﭘﯩﻐﺎ ﻣﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ 5 ﺧﯩﻞ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻧﻠﯩﮕﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﺪﻯ.ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻼ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯘﻟﺴﺎ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﺮﯨﻠﺪﻯ. ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯘ ﺑﯘ ﺗﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﺋﯜﺯﻟﯜﮔﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﺋﯜﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯜﮔﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻰ، ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﺎﯞﯗﺷﻨﻰ ﻗﯩﻴﻨﺎﻟﻤﺎﻳﻼ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ. ﯞﻩ ﺑﯘ ﺗﯜﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. ﯞﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺷﯩﯟﯨﺘﺴﯩﻴﻪﺩﯨﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺱ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻏﺎ   ﺋﯜﺯﯨﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ. ﺑﯘ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺱ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻣﯘﺷﯘ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯩﻐﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﺗﻜﯘﺯﺳﯩﻼ ﺋﯘﻳﻐﯜﺭ ﺗﯩﻠﻰ 21-ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺟﻪﻣﻴﻪﺗﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﺪﻯ. ﺋﯘ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻴﻨﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺵ ﺧﯩﻞ ﺗﯩﻞ ﺋﯜﮔﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﮕﻰ، ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﯜﺯﻟﯩﮕﻪﻧﻠﯩﮕﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍ ﺗﺎﯞﯗﺷﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻧﯩﻤﻪ ﺋﻮﻗﯘﺳﺎ ﺷﯘﻧﻰ ﻳﺎﺯﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﺗﯩﻞ ﺑﯘﻟﯘﺵ ﺋﯜﻟﭽﯩﻤﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﻨﻰ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻐﺎ ﺳﺎﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺱ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﺪﻯ. ﮊﻭﺭﻧﺎﻝ، ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﺩﺍ ﻧﯩﻤﻪ ﻳﺎﺯﺳﺎ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺰﻟﻪﺭ ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻜﻪ ﺷﻪﻛﺴﯩﺰ ﺋﺸﻪﻧﺪﯗﻕ، ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﻡ ﺑﯩﺰﻟﻪﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻛﯜﭖ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﻰ ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻜﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭙﺘﯘ. ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﮬﻪﺭ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺳﯜﺯﻟﻪﭖ ﻳﯜﺭﺩﯗﻕ. ﺩﯨﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ 21-ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﺶ. ﺑﯩﺰ ﻳﻪﻧﻪ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯜﺭﻣﻪﻳﻤﯩﺰ. ﺋﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﺪﻯ A, B, C ﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ، ﻳﯩﯖﻰ ﺋﻮﻗﯘﻡ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﻛﯩﺘﺎﯞﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯨﻴﺎﻟﻮﮔﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺩﻻﭖ ﺑﯘﻻﻟﻤﺎﻱ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻢ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯜﺯﻯ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯜﺭﺳﻪ ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﻗﺎﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺷﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﻪﻟﻤﻪﻱ ﻳﯜﺭﯛﻳﻤﻪﻥ، ﺋﯘ ﺑﻪﺵ ﺧﯩﻞ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﭙﺘﯘ ،ﺩﻩﭖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﯘﻟﺪﯗﻡ. ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﮕﻪﭼﻜﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﺴﺎ ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺗﺎﻗﺘﺎ ﻛﯩﭽﯩﭽﻪ ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﺎﻱ ﭼﯜﺵ ﻛﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺘﯘﻕ. ﺋﯘ ﭼﺎﻍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﻮﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻟﯩﻜﺴﯩﻴﻪ ﺳﯜﺯﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﻳﯜﺭﺩﯗﻡ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺷﯘﻳﯘﯞﻩﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯜﺯﻟﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ، ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮ 3-ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﯘﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺧﻪﯞﭘﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻐﯩﻨﻰ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﻣﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﺗﻮﭘﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻧﻤﻪﻱ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯘﻣﺪﺍ ﺑﺎﺭ ﭘﯘﻟﯘﻣﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺗﯩﺪﯨﻢ. ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺳﯜﺯﻣﻪﻥ ﺋﺎﻏﯩﻨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺋﯘ ﺋﺎﻛﺎﺷﻨﯩﯔ ﺩﯗﯛﯕﻜﯜﺭﯛﻛﺘﻪ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻛﺎﺗﻪﻛﺘﻪﻙ ﺋﯜﻳﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ. ﺳﺎﺗﺎﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭼﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺳﺎﺗﺎﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﯕﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻤﯩﺰ 10 ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﻛﻪﺗﺘﻰ....
    Jeck ﺗﻪﮬﻠﯩﻠﻰ:  ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺗﯩﻞ ﺋﯜﮔﻪﻧﺪﯨﻢ، ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﭘﻮﻧﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩﺯﻧﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯨﻢ. ﻣﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺲ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﭘﻮﻧﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﺷﻘﯩﻤﯘ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ. ﮬﺎﺟﯩﺘﯩﻤﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﻻﻳﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ ﺧﺎﻻﺱ. ﻣﯩﻨﯩﯖﭽﻪ ﺋﯘ ﺋﺎﻛﺎﺷﻨﻰ 5 ﺧﯩﻞ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﭘﻮﻧﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻣﯘﺑﺎﻟﯩﻐﯩﻠﻪﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻣﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘ ﺋﺎﻛﺎﺷﻨﯩﯔ 5 ﺧﯩﻞ ﺗﯩﻞ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﭘﻮﻧﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻨﯩﻤﻪﻥ. ﺷﯘ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯛﻟﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻳﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺷﯘ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﺎﻱ ﺋﯧﺘﯩﺰﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﭘﻮﻧﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﻪﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﮕﻰ ﺋﺎﺯ. ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻳﻼﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﻡ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘ ﺋﺎﻛﺎﺷﻨﯩﯔ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺲ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﯩﻴﺎﻟﻜﻪﻥ ﺧﺎﻻﺱ. ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﺋﯜﮔﻪﻧﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺲ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻳﯧﺰﯨﺸﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻳﺎﺯﻏﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﻧﯩﻤﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ. ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻛﯜﻧﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺭﺍﺱ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘ ﻣﯘﺷﯘﻻﺭﻧﻰ ﺳﻪﻝ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﻪﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﯩﻜﻪﻥ.  ﺑﯘﻻﺭﻏﯘ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻚ. ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﻳﯩﺮﻯ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺟﻪﻣﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺩﺍﭖ ﭼﺎﻟﻐﯩﻨﻰ. ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻏﯘ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯩﺸﻨﯩﭗ ﺷﯘﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﭖ ﻛﯩﺘﯩﯟﻩﺭﺩﯗﻕ. ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻼﺭ، ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻧﻰ ﻛﯜﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭ ﺟﯩﻘﺘﻰ. ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﯩﻤﯘ ﻗﻮﭘﯘﭖ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﮬﺎﻟﺪﺍ " ﮬﻪﻱ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ، ﻗﯘﺭﯗﻕ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﻧﻤﺎﯕﻼﺭ، ﺋﯘﻳﻐﯜﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺋﺎﯞﺍﻝ" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ. ﺧﯘﻻﺳﻪ ﻛﺎﻻﻡ، ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺋﯜﺗﻤﻪﻳﻼ ﻣﻪﻥ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﮔﻪ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﻤﯘﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ.  4 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ  ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﭼﯜﺷﺴﻪﻡ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺩﻩﺭﯨﺲ ﺳﯜﺯﻟﻪﺵ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻟﯘﭘﺘﯘ، ﺑﯘ ﺩﻩﻝ 21-ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺪﻯ. 21-ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯩﻞ ﺋﯜﺯ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻣﺎﻧﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ -ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭼﺘﯩﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺗﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ.  ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﺎﺷﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭﻧﻰ . ﺋﻮﺑﺰﯗﺭﻻﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻧﻪﮔﻪ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯗ؟ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﻣﯜﻛﯜﯞﺍﭖ ﻏﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﺍ ﮬﺎﺯﯨﺮ؟
    ﯞﻩﻗﻪﻧﯩﯔ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:
    ﺧﻴﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﻛﯜﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﻰ: 10
    ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯜﺭﺳﻪﺗﻜﯘﭼﻰ: 8
    ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻛﯜﺭﺳﻪﺗﻜﯘﭼﻰ:3
    Jeck ﺋﯩﻨﺪﯨﻜﺴﻰ: 0.78

    ﯞﻩﻗﻪ 4. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﯘﺗﯧﺮﻏﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺋﯜﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ.
     90-ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﻨﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﺍ ﻛﻮﻣﭙﯘﺗﯧﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺋﻮﭼﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﯩﯔ ﯸﺸﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﻧﻮﻗﺘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ  ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﻧﻮﻗﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻕ ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﻳﯩﺮﻯ " ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻮﻣﭙﯘﺗﯧﺮﺩﺍ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﻤﯩﺰ" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﺑﯘﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ "ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻤﯩﺰ ﻛﻮﻣﭙﯘﺗﯧﺮﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺋﯜﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺑﯘﻟﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﺭﯗﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻳﯩﯖﻰ ﻳﺰﯨﻘﻘﺎ ﻣﺎﻳﯩﻠﻼﺭ،  ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻼﺭ، ﻣﯩﻨﻜﻮﺧﻪﻥ، ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻼﺭ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘﻧﯖﻐﺎ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﺗﺘﻰ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻗﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﯧﻠﻰ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻼﺭﻟﯩﻖ ﻳﯩﺮﻯ ﺑﯘﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ  ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺋﯜﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﺗﻪﺭﻩﭘﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺳﻰ "ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﻛﻮﻣﭙﯘﺗﯧﺮﻏﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺋﯘﯕﺪﯨﻦ ﺳﻮﻟﻐﺎ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ ﺗﯩﻞ ﺋﯜﺯﮔﻪﺭﺗﺴﻪﻙ ﺑﯘ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯜﺯﮔﯩﺮﯨﺪﯗ" ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ.  ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘ ﮔﻪﭖ  ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﻼﻡ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﯘﺗﯧﺮ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘﻰ.
    Jeck ﺗﻪﮬﻠﯩﻠﻰ:  ﺑﯘ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺗﺎﻻﺵ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﺸﻰ ﭼﻮﯓ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺑﯘﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯘﻟﺴﯘﻥ ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻼﺭﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ . ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﻼﻡ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ، ﺋﻪﺭﻩﭘﭽﻪ  ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻳﯧﺰﯨﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺑﯘﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭘﻤﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻤﯩﺰ ﻛﻮﻣﭙﯘﺗﯧﺮﻏﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺩﺍﯞﺭﺍﯓ ﺳﺎﻟﺪﻯ.ﻛﻮﻣﭙﯘﺗﯧﺮ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ، ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺴﭽﻪ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯘﻧﯘﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ، ﭘﻪﻗﻪﺕ 2 ﻟﯩﻚ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﯘﻧﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ، ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﭼﯘﺭ ﺋﺎﺷﯘ ﺋﻮﭼﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﻟﺴﺎ ﻛﻮﻣﭙﯘﺗﯧﺮﻧﯩﯔ ﺋﯘﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻐﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﯟﺍﻟﺪﻯ.  ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯩﻞ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﺩﺩﻯ، ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﯩﯔ ﮬﻪﺳﺴﻪ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ، ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﻳﺎﺯﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﻛﻮﻣﭙﯘﺗﯧﺮ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﭙﺘﯘ. ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺘﺎ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﯩﭽﻪ ، ﮬﯜﻛﯜﻣﻪﺗﻜﻪ ﻻﮬﯩﻴﻪ ﺳﯘﻧﯘﭖ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺋﯜﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﻰ ﺩﻩﭖ ﻳﯜﺭﮔﯩﭽﻪ، ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻳﯜﺯ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﮬﯜﻛﯜﻣﻪﺗﻜﻪ " ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎﻕ ﺑﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ " ﺩﻩﭖ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯜﻟﭽﻪﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯜﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﻛﯩﺮﮔﯘﺯﮔﯘﭼﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺑﯘﻟﺴﺎ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻛﻮﺩ ﺗﻮﻧﯘﻣﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺘﺘﻰ، ﺑﯘ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﻛﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺳﯘﺯﯗﻟﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪﯞﻩﺳﻜﺎﺭﻻﺭﻣﯘ ﻗﯧﺘﯩﻘﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺟﯩﻖ ﻛﯜﭺ ﺳﯩﯖﺪﯗﺭﺩﻯ، ﻣﺎﻧﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯩﺮﯨﺪﻩ ﮬﯩﭽﻨﯩﻤﻪ ﻗﺎﭼﯩﻠﯩﻤﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺗﻮﺭ ﺑﯩﻜﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯜﺭﯛﯞﯨﺮﯨﻤﻪﻥ. ﺋﺎﺷﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎﻡ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ "ﻳﯜﮔﯘﯕﻨﯩﯔ ﺗﺎﻏﻨﻰ ﻳﯜﺗﻜﯩﺸﻰ" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﻪﻝ ﺋﯩﺴﯩﻤﮕﻪ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻛﻪﻝ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﻣﻪﻥ ﭘﯘﺗﯘﻣﻨﻰ ﻛﯩﺴﯩﯟﯦﺘﯩﺸﯩﻢ ﻛﯩﺮﻩﻙ. ﺷﻪﭘﻜﻪﻡ ﭼﯧﭽﯩﻤﻨﻰ ﻳﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺴﺎ ﭼﯧﭽﯧﻤﻨﻰ ﻛﯩﺴﯩﯟﯦﺘﯩﺸﯩﻢ ﻛﯩﺮﻩﻙ. 95-ﻳﯩﻠﻰ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﻞ ﮔﯧﻴﺘﯩﺲ ﺋﯘﺭﯗﻣﭽﯩﮕﻪ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺗﻜﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﮬﯜﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯩﻴﯩﻦ ULY ﺗﯜﺯﯨﻤﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﮬﻪﭘﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺱ، ﻛﻮﻣﭙﯘﺗﯧﺮﺷﯘﻧﺎﺳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ. ﻣﺎﻧﺎ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﻛﻮﻣﭙﯘﺗﯧﺮﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ  8 ﻣﯩﻠﻴﯘﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﺸﯩﻠﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﯧﺰﯨﻘﻨﻰ ﻛﯩﺮﮔﯘﺯﯗﺷﻜﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺧﻮﺷﻴﺎﻗﻤﺎﻱ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺑﺎﻧﺎ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﻳﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻛﻮﻣﭙﯘﺗﯧﺮ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺑﯘﻟﺴﺎﻕ ﻛﯩﻴﯩﻦ  ﮬﯩﭽﻜﯩﻢ ﮬﯩﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﯨﻴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﺪﯗ ﺧﯘﺩﺍ ﺋﯜﺯﻯ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ.
    ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﺪﺍ ﺗﯩﻞ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﻰ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﻞ ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﭘﯩﺮﻭﻓﯩﺴﺴﻮﺭﻻﺭ، ﻣﯩﻨﻜﯘﺧﻪﻧﻠﻪﺭ، ﻳﺎﻛﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﻣﺎﻳﯩﻠﻼﺭ   ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ "ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ" ﯸﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﻪ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﮕﻪ ﻛﯜﺗﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ، ﺩﻭﻛﻼﺕ ﻳﯧﺰﯨﭗ " ﻣﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﭽﯩﻐﺎ ﺩﻩﺭﯨﺲ ﺋﯜﺗﺘﯜﻡ، ﺋﯘﻳﻐﯜﺭﭼﻪ ﺩﻩﺭﯨﺲ ﺋﯜﺗﺴﻪﻡ ﺋﯩﻤﺘﺎﻧﺪﺍ ﻣﺎﻧﭽﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭ ﺋﺎﻟﺪﻯ، ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺩﻩﺭﯨﺲ ﺋﯜﺗﺴﻪﻡ ﻣﺎﻧﭽﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭ ﺋﺎﻟﺪﻯ" ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺟﺎﻥ ﺩﯨﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻟﻠﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﻭﻛﻼﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﻰ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﯩﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺋﯩﺰﺩﯨﺴﻪﯕﻠﻪﺭ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﺴﯩﻠﻪﺭ. ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﻡ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺩﯨﮕﯩﻠﯩﻤﯘ ﺑﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺩﻩﺭﯨﺴﻨﻰ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺳﯜﺯﻟﯩﺴﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ-ﺩﻩ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺩﺍﯕﮕﺎﻝ ﭘﯘﺗﻰ ﭘﺎﻛﯩﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ. ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻼ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﺴﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻪﻳﻠﯩﺘﻰ، 3-4 ﻳﯩﻞ ﺋﯜﺗﻪ ﺋﯜﺗﻤﻪﻳﻼ ﻣﺎﻧﺎ ﺗﺎﺱ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﻳﻪﺳﻠﯩﮕﯩﭽﻪ ﻛﯩﯖﻪﻳﮕﯩﻠﻰ. ﺋﺎﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺳﯜﻳﻪﺭ ﭘﺮﻭﻓﯩﺴﺴﻮﺭﻻﺭ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﻗﻮﺷﺴﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ، ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﻮﺷﺴﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ، ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ،  ﻛﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻣﯘﺯﺍﻳﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﻐﯩﻤﯘ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻦ ﺑﯩﻠﻤﻪﻣﺪﺍ؟  ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯟﻯ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭ ﺗﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﻮﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ ﺑﯘ ﺋﺴﻼﮬﺎﺗﻨﻰ ﺑﯩﺰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﭘﻮ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯜﺯﯨﻨﻰ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭ ﺳﺎﻧﺎﭖ ﻳﯜﺭﯛﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻛﯜﺯﻧﻰ ﻳﯘﻣﯘﭖ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﮬﺎﻥ. ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺩﻩﻣﻠﯩﻚ "ﻳﯜﺯ ﺋﺎﺑﺮﻭﻱ" ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺟﯘﯕﮕﯘﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺗﯜﯞﻩﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﺋﯜﭼﯜﻥ،  ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ   ﺋﯜﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯜﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻜﻪ ﺟﺎﻥ ﺩﯨﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯟﻱ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺯﻭﺭ ﺗﯜﮬﭙﻪ ﻗﺎﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﻨﻰ ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﻢ ﺋﯜﺯﻯ ﺑﯩﺮﻩﺭ.

    ﯞﻩﻗﻪﻧﯩﯔ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:
    ﺧﻴﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﻛﯜﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﻰ: 6
    ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯜﺭﺳﻪﺗﻜﯘﭼﻰ: 9
    ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻛﯜﺭﺳﻪﺗﻜﯘﭼﻰ:10
    Jeck ﺋﯩﻨﺪﯨﻜﺴﻰ: 0.88

    ﯞﻩﻗﻪ 5. ﻏﻪﺭﯨﭗ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ،  ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ.
    90-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﺎ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﺭﯨﭗ ﺩﯛﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋ.ﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺷﻪﺭﯨﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﻰ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺷﻪﺭﯨﻖ، ﻏﻪﺭﯨﭗ ﻣﻪﺩﯨﻴﯩﺘﻰ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﯩﺪﯗ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﻪﺭﯨﭗ ﭼﻮﯓ ﻛﯜﻟﻪﻣﺪﻩ ﺋﻮﺭﯗﺷﯩﺪﯗ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯜﺯ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﮬﻪﺭ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﻳﯜﺭﺩﻯ. ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻧﯘﭘﯘﺯﻟﯘﻕ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﻪﺭ ﺑﯘﻧﻰ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﻣﯘﺩﺩﯨﺌﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﻪ ﺳﻪﯞﯨﻴﺴﯩﮕﻪ ﻛﯜﺗﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﻰ ﻧﻪﺯﯨﺮﻳﯩﺴﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗﺭ. ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻣﻪﻥ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺗﯜﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯜﺗﻜﻪﻥ ﺑﯘﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻤﺎﻳﻤﻪﻥ. ﻗﯩﺰﺯﯨﻘﻘﺎﻧﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﺨﺎﺗﯩﺮﻩﻣﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ" ﺋﺎ. ﺟﺎﻻﻟﯩﺪﯨﻨﻐﺎ: ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺗﻤﯘ، ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻤﯘ" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﺎﺯﻣﺎﻣﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯘﻗﯘﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻱ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯜﺗﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻢ ﺷﯘﻛﻰ ﻳﯩﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻏﻪﺭﻩﺯﻟﯩﻚ ﻳﺎﻛﻰ ﻏﻪﺭﻩﺯﺳﯩﺰ ﮬﺎﻟﺪﺍ  "ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻼﺭ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻳﻮﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﯘﻕ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ، ﺩﯨﻴﻪﻧﺸﻰ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺑﯘﺯﯨﯟﻩﺗﺘﻰ، ﺑﯘﺯﯗﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ، ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻗﻨﺎﻧﭽﻰ، ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﭘﺎﮬﯩﺸﻪ" ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺳﯜﺯﻟﻪﺭ ﮬﻪﺭ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ.  ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺳﯩﺘﯩﺨﯩﻴﻠﯩﻚ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺩﯨﺴﻪ ﺋﯜﭺ ﻛﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻏﻪﺭﯨﭗ ﺩﯨﺴﻪ ﻏﻪﺯﻩﭘﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯩﺘﺮﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﻝ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺳﯘﻏﯘﻕ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﯩﺪﯨﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﯘﻟﻐﺎﻥ :ﭼﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻏﻪﺭﯨﭗ، ﭼﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻏﻪﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﯨﻴﺴﻲ" ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻮﺩﺍ ﺑﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻏﯘ ﺋﯜﺯ ﯞﺍﺧﺘﯩﺪﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﻣﯘﺩﺩﯨﺌﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﮬﺎﺯﯨﺮ  ﺟﯘﯕﮕﯘﻣﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﭼﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻏﻪﺭﯨﭙﺘﯩﻦ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﭗ ﺗﯩﺰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﺷﯘ ﭼﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻏﻪﺭﯨﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺭﺍﺯﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﻠﻰ ﺩﻩﭖ 7 ﺋﯜﻟﭽﻪﭖ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺴﯩﺪﯗ. ﭼﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺩﯛﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﻛﯜﭼﻠﯘﻕ ﺑﯘﻻﻟﯩﺸﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻏﻪﺭﯨﭗ ﺩﯨﺴﻪ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻛﯩﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ، ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﻗﯩﺰﻻﺭ، ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﻪﻳﺸﻰ ﺋﯩﺸﺮﻩﺗﻼ ﻛﯜﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻧﯩﻤﯩﻨﻰ ﺟﯩﻖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎ ﺷﯘ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ. ﻣﯩﻨﯩﯖﭽﻪ ﻳﺎﺯﺍﺭﻣﻪﻥ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﯞﻯ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺧﻪﻗﻨﻰ ﺗﯩﻠﻼﯞﻩﺭﻣﻪﻱ ﺗﯩﻠﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻨﻰ ﺗﯩﻠﻼﭖ ﻣﺎﺧﺘﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻨﻰ ﻣﺎﺧﺘﺎﺵ ﻛﯩﺮﻩﻙ. ﺳﻪﺕ ﻛﯜﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﯩﻼ ﯸﺴﻠﯩﯟﻩﺭﻣﻪﻱ ﺋﯩﺴﯩﻞ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﯩﺮﯨﻐﯩﻤﯘ ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ. ﺋﯩﺴﻞ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﯩﺮﻯ ﻛﯜﭖ، ﺋﻪﺳﻜﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺩﻩﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ.  ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﯩﺮﻭﻓﯩﺴﺴﻮﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ 8 ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺴﻪ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ 12 ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﻛﯜﺭﺳﻪ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ "discovery", " History" "family" ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﺎﻧﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻛﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯩﺮﻩﻙ. ﻏﻪﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯜﭖ. ﺑﯩﺰ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﯔ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻳﻮﭘﻜﺎ ﻛﻪﻳﮕﯩﻨﯩﮕﻪ، ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﺍ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭘﻼ ﻏﻪﺭﯨﭙﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻰ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﭽﻰ، ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﭽﻰ ﺩﻩﭖ ﺗﯩﻠﻼﭖ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺧﻪﻟﯩﻘﻘﻪ ﻳﻮﻕ ﺑﯩﺮ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﻳﻮﻕ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﺘﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﺪﻯ. ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﺗﯩﻠﻼﭖ ﻳﯜﺭﯛﺷﻨﯩﯖﻤﯘ ﮬﯩﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻳﻮﻕ. ﺗﯩﻠﻼﺷﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻣﺎﺳﻼﺷﺘﯘﺭﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﯩﻠﻼﺵ ﻛﯩﺮﻩﻙ.
    ﯞﻩﻗﻪﻧﯩﯔ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:
    ﺧﻴﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﻛﯜﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﻰ: 5
    ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯜﺭﺳﻪﺗﻜﯘﭼﻰ: 6
    ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻛﯜﺭﺳﻪﺗﻜﯘﭼﻰ:4
    Jeck ﺋﯩﻨﺪﯨﻜﺴﻰ: 0.21

    ﯞﻩﻗﻪ 6. ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﻳﺎﺳﯩﻦ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﺘﻰ.
    ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯜﺗﻜﻪﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰﻻ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ، ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ "ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﻳﺎﺳﯩﻦ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﻛﻮﻣﯩﺘﯩﺘﻰ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﯩﯔ 100 ﻳﯩﻠﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﺵ ﻳﯜﺯﯨﺴﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﺘﻰ ' ﻛﻮﻣﯩﺘﯩﺘﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺷﺎﺋﯩﺮﻏﺎ ﺑﯘ ﻣﯩﺪﺍﻟﻨﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﺪﻯ،  ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﺗﻜﯜﺯﯗﻟﮕﻪﻥ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﺮﯨﻠﺪﻯ" ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ  ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﺮﺩﻩﻣﺪﻩ ﭘﯘﺭ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﻳﯩﻘﯩﻨﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ ﺑﯘﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﻧﯩﻤﯩﺶ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ  ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯘ  ﺧﻪﯞﻩﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﭘﻼ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﭘﻘﺎﭼﺘﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﯞﻩ ﺗﻮﺭﺩﯨﻦ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺑﺎﻗﺘﯩﻢ. ﺑﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﻩ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻳﻮﻕ. ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﻮﺭﮔﺎﻥ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﺳﯩﯖﯩﺰ ﻧﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ 100 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺗﻪﺳﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ ﻣﺎﯞﯗ ﻣﺎﯞﯗ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮﯨﻠﺪﻯ ﺩﻩﭖ  ﮬﯩﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﻮﻕ. ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯘ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻛﻼ.  ﺗﻮﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻨﻰ ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﻢ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺑﺎﻗﺴﯩﯖﯩﺰ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯘﺗﺎﻣﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﯘﺩﻩﻙ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﻳﻮﻕ. ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯧﺘﯩﺪﻩ ﺑﻪﺯﻯ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯘ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﻗﺎﺯﺍﻕ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ. ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯜﺯﻟﻪﭖ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻛﻮﻣﯩﺘﯩﺖ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺳﯩﮕﻪ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺋﯘ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻨﻰ ﭼﻮﯓ ﺳﻮﺭﯗﻥ ﺗﯜﺯﻩﭖ، ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ، ﺋﯜﺯﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ، ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ.
    Jeck ﺗﻪﮬﻠﯩﻠﻰ:ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﻳﺎﺳﯩﻨﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﺪﺍﻟﻨﻰ  ﺋﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﺭﺍﺱ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻨﻰ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﻛﻮﻣﯩﺘﯩﺘﻰ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻤﯩﻐﺎﻥ. ﻧﻮﺑﯩﻞ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻣﯩﺪﺍﻟﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﻪﺭﺳﻪ. ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﻳﺎﺳﯩﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﺪﺍﻝ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺗﻪﯕﺪﺍﺵ ﺑﯘﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﻐﯩﻤﯘ ﺗﻪﯕﺪﺍﺵ ﺑﯘﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻳﯩﻘﯩﻨﺪﺍ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﻛﯜﺭﻧﯘﺷﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻘﯩﻨﯩﻢ ﺑﯘ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﺪﻯ.
     ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﯩﻤﯩﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﯘﻟﻐﯩﻨﯩﻢ ﺑﯘ ﺋﺶ  ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ. ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﻤﭽﻪ، ﺑﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﻳﯜﺯﻟﯜﻙ، ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﯩﺮﯨﺸﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ ﺑﯘﻟﺴﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﺎﻛﯩﻤﯩﺰ ﺑﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﺪﺍ ﺋﯜﺯﻯ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻪﺳﺘﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺋﻮﻳﻨﺎﺗﺘﯩﻤﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﻩ  ﻧﯘﺑﯩﻞ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻣﯩﺪﺍﻟﻰ ﺩﻩﭖ، ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯗﺭﻣﻪﻱ، ﻗﻪﺳﺘﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺧﺎﺗﺎ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ، ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﺗﯩﺰﻻ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ "ﻣﯩﺪﺍﻝ"  ﺩﯨﮕﻪﻥ "ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ، ﯞﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯩﺰﻻ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ "ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﭼﯘﺷﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﯓ ﭘﯩﺸﻘﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ "ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯜﺭ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ" ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ. ﻣﻪﻥ ﺩﯨﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯘ ﺋﺎﻛﯩﻤﯩﺰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﻜﺎﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺧﻪﻟﯩﻘﺘﻪ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ.
    ﯞﻩﻗﻪﻧﯩﯔ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻧﯘﻣﯘﺭ

    分享到:


    评论

  • پاھ ،ماۋۇ ئەسىرىڭىزنى سۈيۈنۈپ تۇرۇپ ئوقۇدۇمغۇ!