• نوبىل مۇكاپات ۋە ئۇيغۇرلار (3) Nobel Prize and Uyghurs - [Think it ئويلانمىلار]

    2006-07-02

        ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ "ﺋﻮﻟﯘﻍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ" ﻏﺎ  ﺩﻩﺧﻠﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯘ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﺗﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯜﻳﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﺩﯗﻕ. ﺋﯜﻳﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻮﺭﯞﺍﻍ ﺋﯚﺳﺘﻪﯓ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻪﻥ.  ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ 60 ﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺴﻪﻝ ﺑﯧﺴﯩﯟﯨﻠﯩﭗ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﮕﻪ ﺑﻪﻙ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻛﯜﺗﯜﯞﺍﻟﺪﻯ. ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﺘﯘﻕ. ﺑﯩﺮﺩﻩﻣﻠﯩﻚ ﭘﺎﺭﺍﯕﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﻨﻦ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﺗﯩﻤﯩﻐﺎ ﻛﯜﭼﺘﯘﻕ. ﺋﯜﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ، ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺳﺎﻗﻼﭘﺘﯘ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺷﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﻮﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﻪﻥ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺩﯨﻴﯩﺸﯩﭽﻪ " ﺋﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻛﯜﭺ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 'ﺩﯗﻧﻴﺎﺋﯩﻠﯩﻢ ﭘﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﮬﻪﻝ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ 10 ﭼﻮﯓ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ' ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭘﺘﯘ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺸﺘﯩﻴﺎﻗﻰ ﺗﻮﻏﯘﻟﯘﭖ ﺋﯜﺯﻯ ﮬﻪﭘﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﯩﮕﯩﻨﯩﻤﭽﻪ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﻗﺎﻱ ﺩﻩﭖ  ﮬﻪﭘﯩﻠﯩﯩﺸﭗ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻘﯩﭽﻪ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺗﯚﺗﻨﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﭙﺘﯘ. ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﯩﻤﯘ ﻛﯜﺯﻯ ﻳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.   ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﮕﻰ ﻳﺎﺭ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﭼﻜﻪ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ.ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺷﯘ 4 ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﺴﻪ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﮔﻪﭖ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎﻡ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﻮﻧﯩﻠﻰ، ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻣﯧﯖﯩﺸﻰ، ﻳﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﻗﻠﯩﻤﯩﻠﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﻴﯩﺘﻰ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻛﻠﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺴﯩﻤﺪﻩ ﻗﺎﻟﻤﺎﭘﺘﯘ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯨﻴﯩﺸﯩﭽﻪ ﻳﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﻗﻠﯩﻤﯩﻠﯩﻘﻰ ﺩﯨﮕﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺋﯜﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﯜﺗﺘﻰ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﯩﻖ ﺋﯩﺴﯩﻤﺪﻩ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ " ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺯ ﺋﻮﻗﯩﺪﺍ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻛﺸﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﻧﺘﯘﻟﯘﻗﻰ 30 ﮔﯩﺮﺍﺩﻭﺱ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﻛﯩﺮﻩﻙ. ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﻟﭽﻪﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ 23ﮔﯩﺮﺍﺩﯗﺱ ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﺪﻩ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﺎﺭ. ﺧﺎﺗﺎ ﺋﯜﻟﭽﯩﮕﻪﻥ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ " ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ" ﺩﯨﺴﻪﻡ  ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﭘﻪﺭﯨﺰﯨﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﯜﺗﺘﻰ ﯞﻩ ﺩﯨﻨﻨﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ. ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺟﯩﻖ ﺗﺎﻻﺷﻤﯩﺪﯨﻢ ﯞﻩ ﺋﯜﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺑﯘﻟﻐﺎﻥ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﺑﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺭﺍﺳﺘﻼ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻼﺭﻟﯩﻖ ﺑﯘﻟﺴﺎ ﻣﻪﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﯩﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺴﭽﯩﻐﺎ ﺋﯜﺭﯛﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍﺩﺍ ﺋﯩﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻐﺎ ﻛﯜﭺ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻐﺎ ﯞﻩﺩﻩ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ. ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻤﯘ ﺗﯩﺰﻛﻪﻥ، 3 ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﻮﺗﯧﺮﺩﺍ ﺋﻮﺭﯗﻟﻐﺎﻥ A4 ﻗﻪﻏﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ  15 ﺑﻪﺕ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﺗﻪﻛﻜﯜﺯﺩﻯ. ﻣﻪﻥ ﻗﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻤﺎﻳﻼ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ، ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯜﻣﯩﺘﺴﯩﺰﻟﻪﻧﺪﯨﻢ. ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻛﯜﭺ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻨﯩﭙﺘﯘ، ﻳﯧﺰﯨﺶ ﺋﻮﺳﻠﯘﺑﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﺍ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﭙﺘﯘ ﮬﻪﻡ  ﻣﻪﻟﯘﻡ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﺷﯘﻧﻰ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﭘﺘﯘ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻧﻮﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺩﯨﮕﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺩﯨﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﺯﻩﻡ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺎﻻﻳﺘﺘﯘﻕ . ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﻯ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻛﯜﭺ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯘﻣﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭘﺘﯘ. ﻳﯩﻐﯩﭗ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺋﯩﻨﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍ ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﮬﯧﭽﻨﯩﻤﻪ ﻳﻮﻕ، ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ. ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯩﻘﯩﻦ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯩﺮﯨﻤﯘ ﻳﻮﻕ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺑﺎﻗﺘﯩﻢ. ﮬﯩﭽﻨﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﻪﻟﻤﯩﺪﯨﻢ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ ﺩﻭﺳﺘﯘﻣﻐﺎ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ، ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ، ﻧﯩﻴﻮﺗﯘﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺭ ﺑﯘﻟﺴﺎ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﻣﻪﻥ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﯘﻟﯘﺷﯘﻡ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺩﺍﺷﯜﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪﯨﻦ ﻳﯩﯖﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎﺩﯨﺮﺳﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ ﯞﻩ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻛﯜﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻴﺘﺘﯩﻢ. ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﯩﻤﯘ ﻛﯜﺭﺳﯩﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺋﯘﻣﯘ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﯖﻼﺭ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭘﺘﯘ.
    ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﻛﯜﯕﻠﯘﻡ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻳﯜﺭﺩﻯ. ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻐﺎ ﻣﻪﻥ ﺷﻪﻛﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﻪﻧﺪﯨﻢ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻣﻮﻟﻠﯩﻘﯩﻐﯩﻤﯘ ﺋﯩﺸﻪﻧﺪﯨﻢ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺩﺍﺋﯩﺮﺳﻰ ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﭘﻪﻧﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻪﻛﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﻳﻮﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﺩﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﻟﯩﺪﯗ؛" ﻳﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻨﻰ ﻧﯩﻴﯘﺗﻮﻥ ﺯﻩﺭﺭﯨﭽﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ...، 100 ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯜﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﮬﯘﻳﮕﯩﻨﯩﺲ ﻳﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻨﻰ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺩﯨﮕﻪﻥ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ..، 20-ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﻴﻨﯩﺸﺘﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﮬﻪﻡ ﺯﻩﺭﺭﯨﭽﻪ، ﮬﻪﻡ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ، ﺑﯘﻻﺭ ﻳﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺧﯘﺳﯘﺳﻴﯩﺘﻰ " . ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻕ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺩﻩﭘﺘﯘ، ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺯﻩﺭﺭﯨﭽﻪ ﺩﻩﭘﺘﯘ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﯘﻟﯘﺵ ﺋﯩﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﺑﯘﻟﺴﺎ ﻧﯩﻤﻪ ﺑﻮﭘﺘﯘ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺧﯘﻻﺳﯩﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ.ﺋﯘ ﺋﺎﻛﯩﻤﯩﺰﻣﯘ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﻴﻨﯩﺸﺘﯩﻴﯩﻨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﯩﻨﯩﻨﻰ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ  ﺗﺎﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﺳﺎﻕ ﺋﯩﻜﻜﻰ  ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﯩﻞ  ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﺎ،  ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ  ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﺸﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﻟﯩﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﺸﻰ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺷﯘﻧﻰ ﺩﯨﻤﻪﻛﭽﯩﻤﻪﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﻪﻧﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ "ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﯘﻟﯘﯞﯨﺘﯩﭙﺘﯘ"  ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗﻛﻰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻟﯜﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺪﺍ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯟﺍﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻧﻼﺭ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﻛﯩﺘﺎﯞﯨﻨﻰ ﯞﺍﺭﺍﻗﻼﭖ ﺑﺎﻗﺴﯩﯖﯩﺰﻻ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺴﯩﺰ. ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﮬﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﻳﯩﺮﻯ ﺷﯘﻛﻰ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﻗﻴﭙﺎﺵ ﺑﯘﻟﯘﯕﻰ 30 ﮔﯩﺮﺍﺩﻭﺱ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﻛﯩﺮﻩﻙ، ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻥ 23 ﮔﯩﺮﺍﺩﻭﺱ (ﺋﯩﻨﯩﻖ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﮔﯩﺮﺍﺩﻭﺱ ﺋﯩﯩﺴﻤﺪﻩ ﻗﺎﻟﻤﺎﭘﺘﯘ) ﺩﯨﮕﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﺩﯨﮕﯩﻨﻰ. ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ ﺑﺎﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﯧﺮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﻪﯓ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ ﭘﻪﻥ. ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ  ﺋﯜﻟﭽﻪﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ  ﺑﻮﭘﺘﯘ ﺧﺎﺗﺎ ﺑﻮﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯗ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺗﯘﺭﺍﻳﻠﻰ، ﺷﯘ 90-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺳﻪﯞﯨﻴﺴﻰ ﯸﺸﯩﭗ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﻗﯩﺮﻏﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯘﺭﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ، ﺑﯘﻧﺪﺍ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯘﺭﮔﻪﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭ ﮔﯩﺮﺍﺩﻭﺱ ﺋﯩﻨﯩﻘﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﮔﯩﺮﺍﺩﻭﺳﻨﯩﯔ 100ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻨﯩﻘﻠﯩﻘﺘﺎ ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ  ﺋﯜﺯﯨﻤﯩﺰ ﺗﯘﺭﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﻟﯘﯕﯩﻨﻰ 7 ﮔﯩﺮﺍﺩﻭﺱ ﺧﺎﺗﺎ ﺋﯜﻟﭽﻪﭖ ﻗﻮﻳﺎﺭﻣﺎ.  60-70 ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﯸﻴﻨﯩﺸﺘﯩﻴﯩﯩﻦ ﻳﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻤﯘ ﺋﻪﮔﺮﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯘﺭﯗﭖ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺷﯘ ﺋﯩﮕﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﻪﮔﺮﯨﻠﯩﻜﻤﯘ ﮔﯩﺮﺍﺩﻭﺳﻨﯩﯔ 100 ﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩﺪﯨﻐﯘ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ.
     ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﺋﺎﻛﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ، ﻧﯘﭘﯘﺯﻏﺎ ﺟﻪﯓ ﺋﯩﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺭﻭﮬﯩﻐﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﻳﻤﻪﻥ.

    ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﭘﺎﺕ ﭘﺎﺕ "ﭘﺎﻻﻧﭽﻰ ﺋﯩﻴﻨﯩﺸﺘﯩﻴﯩﻨﻨﯩﯔ ﻧﯩﺴﺒﯩﺴﻠﯩﻚ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﺴﻨﻰ ﺋﯜﺭﯛﯞﯨﺘﯩﭙﺘﯘ، ﭘﺎﻻﻧﭽﻰ ﻳﯩﯖﻰ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭙﺘﯘ " ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﮔﻪﭘﻼﺭ ﻗﻮﻻﻗﻘﺎ ﺗﻮﻻ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﻣﺎﯞﯗ.
     ﺋﯜﺗﻜﻪﻥ ﻳﯩﻠﯩﻤﯩﻜﻰ ﺋﻪﺗﯩﻴﺎﺯﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﯩﻐﯘ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ. ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯜﺯﻩﻡ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯜﺯﻩﻣﻨﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﭼﯜﺭﮔﯩﻠﻪﭖ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﺳﻪﻡ ﺳﻪﻧﺸﯩﺨﺎﯕﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﻳﭙﺎﻗﭽﯩﻼﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻗﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻼﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﺭﺍﻗﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ، ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻳﻼ ﻛﯜﺗﯜﺭﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﺳﻮﻣﻜﯩﻐﺎ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻤﺪﻩ ﻳﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﺭﺍﯞﺍﻡ ﺑﯘﻟﺪﯗﻡ.ﻣﻪﻥ  ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺧﻪﻗﻠﻪﺭ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻼﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﯕﻠﯩﺴﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻱ ﺑﯧﺸﯩﻤﻨﻰ ﭼﺎﻳﻘﺎﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﯟﯨﺮﯨﺸﻜﻪ ﺋﯜﺯﻩﻣﭽﻪ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﭖ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻣﺎﯕﺴﺎﻡ ﺧﻪﻕ ﺗﻪﯕﻠﯩﮕﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﯸﻠﯩﯟﯨﺮﯨﭗ ﻛﯜﺗﯜﺭﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻣﯧﯖﯩﯟﯨﺮﯨﻤﻪﻥ. ﺩﺍﺷﯩﻤﯧﻦ، ﺧﻮﯕﭽﯩﻠﯘﻻﺭﺩﺍ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﻘﻠﯩﻐﯩﺪﯨﻦ ﺳﻮﻣﻜﯩﯖﯩﺰﻏﯩﻤﯘ ﭘﺎﺗﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺑﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﺴﺎ ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﺎﻱ ﻣﻪﺷﻜﻪ ﺋﻮﺕ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘﺭﺍﺗﺘﯩﻐﯘ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﻪﻧﺸﯩﺨﺎﯕﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﯩﻨﯩﻤﯘ ﺳﻮﻣﻜﺎﻣﻐﺎ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺋﻮﻳﻘﯘﻡ ﻛﻪﻟﻤﻪﻱ ﻛﺎﺭﯨﯟﺍﺗﺘﺎ ﺋﻮﯕﺪﯨﭽﯩﻼﭖ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﻪﻏﻪﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﺎﻗﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻗﻘﺎ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻛﯜﺯ ﻳﯜﮔﯜﺭﺗﯘﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳﺎﻡ ﺋﻮﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﻏﻪﺯﮔﻪ ﻛﯜﺯﯗﻡ ﭼﯘﺷﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﺎﻗﺎﻱ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻗﯘﺩﯗﻡ. ﺋﯘﻗﯘﭖ ﺑﯘﻟﯘﭘﻼ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘﭖ "ﻗﺎﻧﻤﺎﻱ" ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘﺩﯗﻡ. ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻤﺪﯨﻦ ﻳﺎﻗﺎﻣﻨﻰ ﭼﯩﺸﻠﯩﺪﯨﻤﻤﯘ ﺗﺎﯓ ﺋﯘﺧﻤﺎﻳﻤﻪﻥ.
     ﺑﯘ ﻗﻪﻏﻪﺯﺩﯨﻜﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﮔﻪﭖ ﺋﯩﺴﯩﻤﺪﻩ ﻗﺎﻟﻤﺎﭘﺘﯘ. ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﺗﯜﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ:
      "ﻣﻪﻥ ﭘﺎﻻﻧﭽﻰ ﺑﯘﻟﯩﻤﻪﻥ، ﺳﺎﻧﺠﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ، ﻛﯩﭽﯩﮕﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﭘﻪﻧﮕﻪ ﻗﯩﺰﺯﯨﻘﯩﻤﻪﻥ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﭘﻪﻧﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﺸﭗ ﺋﯜﮔﻪﻧﺪﯨﻢ، ﺑﯘﻳﯩﻞ 17 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ. ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ 3 ﺗﯜﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺕ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﭘﺎﺗﯩﻨﯩﺖ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ (ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﻗﻮﭘﺘﯘﻣﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺮﺍﻕ). ﻣﻪﻥ ﻳﯩﻘﯩﻨﺪﺍ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺗﯩﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺯﻭﺭ ﺑﺎﻳﻘﺎﺵ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻢ ﻧﺎﭼﺎﺭ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻢ ﺗﯜﯞﻩﻥ ﺑﯘﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﯘ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﯘﻟﻤﺎﻱ ﺑﯘ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ، ﺑﯘ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﺳﺎﻣﻼ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﭼﻮﯓ ﺯﯨﻠﺰﯨﻠﻪ ﻳﯜﺯ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ. ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﺎﻻﻟﯩﺸﯩﻤﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻢ ﻛﺎﻣﯩﻞ. ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﻮﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻣﯘ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﻐﺎ ﻗﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺳﯜﻳﻪﺭ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺸﯩﻤﮕﻪ ﮬﻪﻣﺪﻩﻣﺪﻩ ﺑﯘﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﻳﻤﻪﻥ.
    ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺶ ﺗﯧﻠﻔﯘﻥ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ: ...........
    ﺑﺎﻧﻜﺎ ﮬﯩﺴﺎﯞﺍﺕ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ: ............... ".
    ﮬﺎ ﮬﺎ، ﺗﻮﻏﯘﻟﯘﭖ ﺗﯧﺨﻰ ﺷﯘ ﻛﻪﻣﮕﯩﭽﻪ ﺑﯘﻧﺪﺍ ﻗﯩﺰﺯﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯜﺭﻣﻪﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ. ﻗﺎﻗﺎﻗﻼﭖ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﻛﻰ "ﺋﯧﻴﻨﯩﺸﺘﯩﻴﯩﻨﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﭼﯩﻘﺘﯩﻤﯘ" ﻳﺎ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﭘﻤﯘ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ. ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﺋﯩﺸﻼﺭ. ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﺴﻪﻣﻤﯘ ﺑﯘﻻﺗﺘﻰ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﭼﺎﺧﭽﺎﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﺎﻱ ﺩﻩﭖ ﺋﯘ ﻗﻪﻏﻪﺯﻧﻰ ﺋﺎﯞﺍﻳﻼﭖ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﺎﻣﻐﺎ ﻛﯩﺮﺳﻪﻡ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﭘﻪﺭﮬﺎﺕ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺑﺎﺭﻛﻪﻥ. "ﯞﺍﻱ ﭘﻪﺭﮬﺎﺩﻛﺎ، ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺧﻮﺵ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﺎﺭ، ﻣﺎﯞﯗﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﯓ" ﺩﻩﭖ ﻗﻪﻏﻪﺯﻧﻰ ﺑﻪﺭﺳﻪﻡ ﺋﯘﻣﯘ ﻗﯩﺰﺯﯨﻘﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺳﻠﻪﮬﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ  ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺗﯧﻠﻔﯘﻧﻐﺎ ﺗﯧﻞ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ. ﺗﯧﻠﻔﯘﻧﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺷﺘﺎ ﭼﻮﯕﺮﺍﻕ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﻟﺪﻯ. ﺳﺎﻧﺠﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﯩﺪﯗﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﻗﻪﻏﻪﺯﻧﻰ ﻛﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ، ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻤﯩﺰﻧﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﺘﯩﮕﯩﻤﯘ ﺷﻪﻛﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﯗﻕ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺩﺍﺷﯘ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯩﺘﯩﺪﺍ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻤﯩﺰﻧﻰ، ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﺭﯛﺷﯘﭖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﯩﻤﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﺳﺎ ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻼ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ ﺑﯘﻟﺴﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﺎ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻰ، ﺩﯛﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﺍ ﭼﻮﯓ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺩﯨﺪﯗﻕ. ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﮬﻪﻡ "ﺑﺎﻻﻡ ﺋﯜﻳﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﯘﻟﺪﻯ، ﻛﯘﭼﺎﺩﺍ ﺗﯘﺭﯞﺍﺗﻘﺎﻥ. ، ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﺎﻻﻣﻨﻰ ﻛﯜﺭﻣﯩﮕﯩﻠﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﻮﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ، ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﻮﺧﻤﺎﻳﻤﻪﻥ " ﺩﯨﺪﻯ. ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺶ ﺗﯧﻠﻔﯘﻧﻰ ﺑﺎﺭ ﻳﻮﻗﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎﻕ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﻛﻪﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﯞﯗ ﻧﯘﻣﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﻼﺷﺴﯘﻥ ﺩﻩﭖ ﺗﯧﻠﻔﯘﻥ ﻧﯘﻣﯘﺭﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﻪﺭﺩﯗﻕ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﺋﯩﻨﯩﻘﻼ ﺋﺎﻟﺪﺍﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺳﺎﻗﭽﯩﻐﺎ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ، ﺑﯘﻧﺪﺍ ﺋﯘﺳﯘﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻗﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﭖ ﻳﯜﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺳﺎﻗﭽﯩﻼﺭ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﺴﯘﻥ ﺩﯨﺴﻪﻡ، ﭘﻪﺭﮬﺎﺩﻛﺎﻡ ﻗﯘﺷﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻤﯩﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻧﻤﯘ "ﮬﻪ ﮬﯘ" ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﻮﻕ ﺑﯘﻟﺪﻯ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻟﻪﻳﺪﯨﻴﻪﻥ ﺷﯩﻴﻪﻧﺸﻰ ﺋﯩﻜﺮﺍﻧﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ  ﻧﯘﻣﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯘﺭﯗﭖ ﺑﺎﻗﺘﯩﻢ. ﺋﯘ ﺑﺎﻻ ﺗﯧﻠﻔﯘﻥ ﺋﯘﺭﻣﯩﺪﻯ. ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ.
          ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺭﺍﺱ ﺑﻮﻟﺴﺎ  ﺋﯘ ﺑﺎﻻ ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻼﺭ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ﺑﺎﻻ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، 3 ﺗﯜﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﺗﯩﻨﯩﺖ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﯩﺠﺎﺩﭼﺎﻧﻠﯩﻖ ﺭﻭﮬﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭ.ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ. ﺋﯘ ﭘﺎﺗﯩﻨﯩﺘﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﺮﺍﻗﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺴﺎ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﻛﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ. ﻳﯩﯖﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺟﯩﻖ ﭘﯘﻝ ﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﻳﯩﻐﺎﻱ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺭﺍﺳﯩﺘﯩﻨﻼ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﯘﻟﺴﺎ ﺭﻭﮬﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘﻟﺴﯩﻤﯘ  ﺷﯘ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﻪﻛﯩﺮﯨﭗ ﻻﺯﯨﻤﻠﯩﻖ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﯘﻕ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻛﻜﻰ، ﭘﺎﺗﯩﻨﯩﺖ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺕ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪﺭﺳﻪ. ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪﺭﺳﻪ. ﺟﯘﯕﮕﯘﻧﻰ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﺟﯘﯕﮕﯘﺩﺍ ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﻣﯩﻠﻴﯘﻧﺪﻩﻙ ﭘﺎﺗﯩﻨﯩﺖ ﮬﯘﻗﯘﻗﻰ ﺑﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﺵ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻏﺎﺭ ﻗﯘﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﺶ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺩﯨﮕﻪﻧﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﻼﻥ ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ ﺷﯘ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﻳﻮﻕ. ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﮬﯩﺴﺎﭘﺘﺎ 15-20 ﻳﯩﻞ.ﺟﯩﻖ ﺑﯘﻟﺴﺎ 30-40 ﻳﯩﻞ، ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻧﯘﭘﯘﺯﻯ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯩﻴﻨﯩﺸﺘﯩﻴﻨﻐﯩﻤﯘ 1905-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﮕﻪ 16 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ 1921-ﻳﯩﻠﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﺑﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻥ.   ﺋﯘ ﺑﺎﻻ 3 ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻪﻥ ﺩﯨﮕﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﯩﻘﻼ ﺋﺎﻟﺪﺍﻣﭽﯩﻠﯩﻖ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻤﯘ ﺋﻮﻗﯘﻣﯩﻐﺎﻥ 17 ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯘﭼﺎﻧﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﭘﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﻟﻪﻣﺸﯘﻣﯘﻝ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﮕﻰ ﻧﯜﻝ ﭘﯧﺮﺳﻪﻥ ﺩﯨﺴﻪﻙ ﺋﺎﺷﯘﺭﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺑﯘﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ.

    ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﻪﻥ ﺩﻩﺭﯨﺲ ﺑﯩﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ  ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ  ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﺎﻣﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ، ﺑﯘ ﺑﺎﻻ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻣﻪﻥ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎﻡ ﺑﯘ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ  ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺳﯜﺭﻟﯜﻙ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ "ﻣﺎﻟﯩﻢ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﺘﯩﻢ، ﺳﯩﺰ ﻳﺎﺷﺘﺎ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺟﯩﻖ ﭘﻪﺭﯨﻘﻠﻪﻧﻤﯩﮕﻪﭼﻜﻪ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻛﯜﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎﻗﺎﻱ ﺩﯨﮕﻪﻥ" ﺩﯨﺪﻯ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﮔﯩﭙﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﻗﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﻳﻪﻧﻪ "ﻣﺎﻟﯩﻢ ﺑﯘﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯜﺯﯨﯖﯩﺰﻻ ﺑﯩﻠﯩﯔ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻛﯜﺭﺳﻪﺗﻤﻪﯓ، ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ" ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺗﺎﺱ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﯩﻠﻰ. ﮬﻪ، ﻗﯧﻨﻰ ﻛﯜﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﯩﻠﻰ ﺩﻩﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﺋﺎﻟﺴﺎﻡ ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻜﻪﻥ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻛﯜﺭﯛﭖ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺩﯨﻴﯩﺸﯩﻤﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﻪﻟﻤﻪﻱ، ﻣﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﯘﺑﺪﺍﻧﺮﺍﻕ ﻛﯜﺭﻩﻱ، ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﻪﺗﻪ ﻣﯘﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺩﯨﻴﯩﺸﻤﻪﻳﻠﯩﻤﯘ " ﺩﯨﺴﻪﻡ ﮬﻪ ﺩﻩﭖ ﺋﯘﻻﺭ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺋﯩﺸﯩﻤﻨﯩﻤﯘ ﻗﯩﻠﻐﯘﻡ ﻛﻪﻟﻤﻪﻱ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻗﯘﺭﻣﯘ ﻗﯘﺭ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ.ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﭙﺘﯘ.  ﮬﻪﻡ ﺗﻮﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎﺧﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﺎﻗﺘﯩﻢ. ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯘ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ  ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻱ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﯩﺰﺯﯨﻘﯩﭗ ﺗﻮﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﺱ ﺋﺎﺧﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﻡ، ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺩﯗﻡ. ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﻪﺕ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭙﻼ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺑﺎﺭﻛﻪﻥ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﭘﻪﺭﻩﺯﻧﯩﯔ ﺋﯜﺯﯨﺪﯨﻼ ﯸﻐﯩﺮ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺑﺎﺭﻛﻪﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﯘ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻨﻰ ﻛﯜﺭﺳﯩﺘﯩﭗ 30-40 ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﻪﻙ ﻗﻪﻏﻪﺯﺩﻩ ﮬﯩﺴﺎﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯜﺭﯛﭖ ﺋﯘ ﺑﺎﻻ ﺭﺍﺱ ﺧﺎﺗﺎ ﺑﻮﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ. ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻮﻝ ﺗﺎﭘﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻐﺎ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ ﯞﻩ ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﻟﯩﻤﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﺳﻠﻪﮬﻪﺕ ﺳﻮﺭﺍﺷﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ.  ﻛﯜﻟﮕﯜﻡ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ.

     ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻤﯘ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺗﯧﻠﻔﯘﻥ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺳﺎﮬﯩﭙﺠﺎﻣﺎﻝ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻨﻰ  ﺋﯩﺰﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯩﻴﺘﺘﻰ. ( ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ  ﺳﺎﮬﯩﭙﺠﺎﻣﺎﻝ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﺎﻡ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻠﻔﯘﻥ ﺳﯩﻤﯩﻐﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯧﻠﻔﯘﻥ ﺋﯘﻻﭖ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ.) . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯘﺧﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﯘﻟﺴﺎ ﻣﺎﯕﺎ ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳﺴﯩﯖﯩﺰ ﻣﻪﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﺎﻱ ﺩﯨﺴﻪﻡ ﺋﯘ "ﺳﯩﺰﻣﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯩﺘﺘﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﻣﺴﯩﺰ" ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ، ﻣﻪﻥ "ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ" ﺩﯨﺴﻪﻡ "ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺩﻩﯞﯨﺮﻩﻱ" ﺩﻩﭖ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻴﺘﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯨﻴﯩﺸﯩﭽﻪ ﺋﯘ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﯘﻝ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻐﺎ ﺑﯘﺭﯗﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﺎﻣﺮﺍﻗﻜﻪﻥ. ﺋﯘ ﻳﯩﻘﯩﻨﺪﺍ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﻴﻨﯩﺸﺘﯩﻴﯩﻨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ  ﻧﯩﺴﺒﯩﻠﯩﻚ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﺴﯩﻨﻰ ﺋﯜﮔﯜﻧﯜﭖ ﯞﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻴﻨﯩﺸﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻣﺎﺳﺴﺎ-ﺋﯩﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﺴﺪﻩ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺑﺎﺭﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﭘﺘﯘ ﮬﻪﻡ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯜﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﻡ ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺑﻪﻙ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺸﻜﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘﻧﻰ ﺗﯧﻠﻔﯘﻧﺪﺍ ﺩﯨﻴﯩﺸﭗ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ، ﺋﯩﻼﺟﻰ ﺑﯘﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﮬﯩﭙﺠﺎﻣﺎﻝ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺩﯨﻴﯩﺸﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯘﻟﺪﻯ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﺎﻗﻤﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ. ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ 10ﻧﯩﯔ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﻯ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻥ.

    <b>ﺋﺎﺧﺮﯨﻘﻰ ﺳﯜﺯ</b>
    ﺳﯜﺯﻟﻪﭖ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ، ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺗﻤﺎﻥ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻼ ﮔﻪﭖ. ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯘ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭﻣﯘ ﻳﯘﻕ ﺋﯩﻨﯩﻖ ﺋﻮﺧﻤﺎﻳﻤﻪﻥ، ﻳﯘﻗﻠﯩﻘﯩﻐﯩﻤﯘ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﻤﻪﻥ. ﺷﯘ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﯩﮕﻪ، ﻏﻪﻳﺮﯨﺘﯩﮕﻪ، ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﺭﯨﻤﻪﻥ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺭﻭﮬﯩﻐﺎ ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯘﺭ ﺋﯩﻴﺘﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ.ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯩﺘﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺑﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗﻛﻰ، ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ.ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﺑﯘﻟﺴﯩﻼ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺩﯨﺴﻪ ﻣﻪﻳﺪﯨﻨﻰ ﻳﯧﺮﯨﭗ ﻳﯜﺭﻩﻛﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﯜﺩﻩﻙ ﺑﯘﻟﯘﺷﻼ ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ.  ﺋﯘ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﻛﻪﻟﮕﯘﺩﻩﻙ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﻛﯩﺮﻩﻙ. ﺋﯘ ﺷﯘ ﺷﻪﺧﺴﻨﯩﯔ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﺘﻰ، ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﻰ، ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘ ﺷﯘ ﺟﻪﻣﻴﻪﺗﺘﻜﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺵ ﻛﯜﭼﻰ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ، ﺷﯘ ﻗﻪﯞﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﻰ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ، ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﻪﻣﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﻪﻥ -ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻛﯜﭖ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﺎﺑﺪﯗﺳﺎﻻﻡ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﻴﻪﺩﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻣﯩﺴﯩﺮﻟﯩﻖ، ﺟﯘﯕﮕﯘﻟﯘﻕ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﻪﯞﯨﻴﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﯛﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ. ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﺧﯩﺴﻜﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺷﯘ ﺟﻪﻣﻴﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﺋﻮﻣﯘﻣﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯗﺭ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﭘﻪﻥ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﺨﻰ ﺳﯜﺯ ﺋﺎﭼﻘﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺟﯘﯕﮕﯘﺩﯨﻨﻤﯘ ﺗﯧﺨﻰ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ. ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﻣﯩﻨﯩﯖﭽﻪ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭ.ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ  ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﯩﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮬﯩﭻ ﺑﯘﻟﻤﯩﺴﺎ ﺟﯘﯕﮕﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﺳﻪﯞﯨﻴﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﺴﺎ، ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺷﯩﺌﯩﺮ، ﻗﻮﺷﺎﻕ ﺭﻭﻣﺎﻧﻼﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﭘﻪﻥ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﭘﻠﯩﺴﺎ ﮬﻪﻡ ﺑﯧﺴﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺟﺎﻱ- ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ، ﺗﻪﺗﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺖ ﭘﯩﺮﻭﻓﯩﺴﺴﻮﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﭘﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﻭﻛﻼﺗﻼﺭﻧﻰ ﺑﻪﺭﺳﻪ،  ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﻼﺭ ﺟﯘﯕﮕﯘﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ 10 ﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﺳﻪ، ﮬﻪﻡ ﺷﯘ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺩﻩ ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯖﻼﭖ ﺋﻮﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﯩﺴﻪ، ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯﻯ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﺎ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﭘﻪﻥ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺩﯛﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺴﺎ، ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺳﻪﯞﯨﻴﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪﺍﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺴﻪ ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﻮﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﻯ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻜﯩﭽﻪ ﺗﯩﻨﯩﻢ ﺗﺎﭘﻤﺎﻱ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﻘﺎ ، ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺑﯘﻟﻐﺎﻥ ﺟﻪﻣﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﻨﯩﯔ ﻛﯜﭺ ﺳﯩﯖﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﺩﯛﻟﻪﺗﺘﯩﻦ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﭼﯩﻘﺴﺎ ﺋﯘ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﺎﺳﺎﺳﻘﺎ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ،ﺋﯘ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ| ﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ، ﺭﺍﻳﯘﻥ  ﻛﯜﭖ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﯩﺰ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﻰ ﺳﯩﯖﮕﻪﻥ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. 
     
     ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﯩﻠﯩﺶ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺶ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﻧﯩﺸﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﯨﻠﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﻠﻪﭖ ﺋﺎﻟﯩﻢ، ﺋﯩﻨﮋﯨﻨﯩﺮﻻﺭ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ، ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭ، ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﭽﯩﻼﺭ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ، ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺟﻪﻣﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﺷﻪﻳﺌﻰ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﻮﺑﯩﻜﺘﯩﭗ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﯩﺮﯨﺶ ﻣﯩﺨﺎﻧﯩﺰﯨﻤﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﺴﻨﯩﯔ ﻛﯜﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺟﻪﻣﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﯩﻤﯩﻨﻰ ﻣﺎﺧﺘﺎﭖ ﻛﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﯨﺋﯜﺯﻯ ﮬﯜﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﯘﻟﯩﻤﻪﻥ، ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﭽﻰ ﺑﯘﻟﯩﻤﻪﻥ  ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ، ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﭽﯩﻼﺭ، ﺑﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﺎﺋﺎﺷﭽﯩﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺟﻪﻣﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻐﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﻗﯩﻼﻟﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯜﺯﻯ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﺎﺗﯩﻴﺎﻟﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ، ﻧﯘﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯘ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺋﯜﺯﻟﯜﮔﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.
    تۈگىدى
    بۇ تىما جەمئى ئۈچ قىسىم بۇلۇپ كۈرگىنڭىز ئۈچىنچى قىسمى. بىرىنچى قىسمىنى بۇ يەردىن، ئىككىنچى قىسمىنى بۇ يەردىن كۈرۈڭ. 

    分享到: