• چوڭ پارتلاش، ئالەم ۋە ئالەمنىڭ تەقدىرى (1) Big bang theory and the fate of the universe - [Think it ئويلانمىلار]

    2006-06-06

    (ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﺯﯨﺮﯨﻜﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻠﯩﻤﯘ ﺗﯘﺭﺩﯗﻡ، ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍ ﺋﯩﺸﺘﯩﻴﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ، ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺭ ﺗﯩﻤﯩﻼﺭ ﺷﻪﻛﻠﻰ، ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﺋﯜﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﯞﻩﺭﮔﻪﻥ، ﺑﯩﺮ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﯞﻩﺭﮔﻪﻥ.ﺗﯩﻤﺎ ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﺎﺭ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﺷﻘﺎﻥ، ﭘﯜﺗﯘﻧﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺗﯩﻤﯩﻼﺭ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﺋﺎﺯ بوپ كصتصپ بارصدۇ. ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺕ ﮬﻪﯞﻩﺳﻜﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯜﺯﯨﮕﻪ ﻗﯩﺰﺯﯨﻘﺘﯘﺭﻏﯘﺩﻩﻙ ، ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻣﯘﻻﮬﯩﺰﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺯﻣﯩﻼﺭ ﺑﻪﻙ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﺯﻻﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯩﻤﯩﻼﺭﻏﺎ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﻳﯘﺳﯘﻧﺪﺍ ﺯﯨﺮﯨﻜﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻜﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺕ ﺋﯩﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺟﺎﻛﺎﺭﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻐﺎ ﻳﻪﺗﺘﻰ.ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺗﭽﯩﻼﺭ ﺋﯜﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻣﯧﯖﯩﯟﻩﺭﺳﻪ، ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﺷﻘﺎﻥ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﻮﻱ ﭘﯩﻜﯩﺮﻧﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎﻕ ﺗﺎﻣﺎ ﺗﺎﻣﺎ ﻛﯚﻝ ﺗﻮﻟﯘﭖ ﺧﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻤﻪ ﺑﻮﭖ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ.)

    ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﺯﻩﻡ ﻳﯩﻘﯩﻨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯜﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺋﯩﻠﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺩﺩﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺯﺩﯨﻢ. ﺑﯘ ﺳﺎﮬﻪﮔﻪ ﻗﯩﺰﺯﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻱ. ﻣﻪﻥ تورداشلارنەزەردە تۇتۇپ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﺪﻩ ﻳﺎﺯﯨﻤﻪﻥ، ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻛﯜﺭﮔﻪﻱ. ﻳﻪﻧﻪ ﯞﺍﺧﺘﯩﻢ ﭼﯩﻘﺴﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯩﻤﯩﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﻳﺎﺯﺍﺭﻣﻪﻥ، ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ""ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﺴﻐﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ"" ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ. ﻗﺎﻣﻼﺷﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺯﺍﯕﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﺴﯩﻠﻪﺭ. ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﺍ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺳﯜﺯﻟﯩﻤﻪﻛﭽﯩﻤﻪﻥ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﮔﯩﺰﯨﺘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ، ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻛﯜﭺ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻧﭽﻪ-ﻣﯘﻧﭽﻪ ﻛﯜﺭﮔﻪﻥ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﻮﻳﺎﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯩﺘﯩﻤﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﯜﭼﻠﯘﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺳﺘﯘﺭﻧﯘﻣﯩﻴﻪ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻛﻪﻥ. ﮬﻪﻡ ﺋﯜﺗﻜﻪﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯩﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺩﻩﺭﯨﺲ ﺋﯜﺗﯜﺷﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﯘﻟﺪﯗﻡ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻟﯩﻜﺴﯩﻴﻪﻧﻰ ﭘﺮﻭﻓﯩﺴﺴﻮﺭ ﺋﯜﺯﻯ ﺋﯘﺗﯩﺪﯗ، ﻣﻪﻥ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ، ﻛﯜﺯﯨﺘﯩﺶ، ﮬﯩﺴﺎﭘﻼﺵ، ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺵ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﯘﻟﺪﯗﻡ. ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ.ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ. ﺑﯘ ﺩﻩﺭﯨﺴﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﯩﺰﺯﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻛﯘﺭﯨﺴﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﻠﯩﺮﻯ. ﺑﻪﺯﻯ ﺳﯜﺯﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺋﯜﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﭼﻜﻪ ﺋﯜﺯﻩﻡ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﺎﻟﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯟﻩﺭﺩﯨﻢ. ﺑﯘ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺴﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯜﭖ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ.

    ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﺴﮕﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ

    ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻟﯩﻜﺴﯩﻴﻪ
    ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﯜﻣﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ.

    ﺋﺎﻟﻪﻡ ﻗﺎﻧﺪﺍ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﯘﻟﻐﺎﻥ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺕ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﭼﯘﺷﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺩﯨﻨﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻧﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﭘﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﻟﯜﺷﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟

    ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺗﯧﻠﯧﺴﻜﻮﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﺯﻩﺗﻜﻪﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ 10^10 (10 ﻧﯩﯔ 10ﺋﯩﻨﭽﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻗﯘﯓ، ﮬﻪﻡ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ^ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ ﺋﻮﭼﺮﯨﺴﺎ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻗﯘﯓ)، ﻳﺎﻛﻰ 10 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩﺗﯩﻦ ﺋﺎﺷﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﻰ ﻳﻪﻧﻪ 10ﻧﯩﯔ 6ﯨﻨﭽﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ(ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻴﯘﻥ) 13ﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﮕﯩﭽﻪ( 10 ﺗﯩﺮﯨﻠﻴﯘﻥ) ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ-ﮬﻪﺭ ﻳﺎﯕﺰﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﭼﯘﺷﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﺍ ﺋﺎﺳﺘﯧﺮﻭﻧﯘﻡ ﮬﺎﺑﯩﻞ ( Hubble ) ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻳﻮﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﺪﺍ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﯘﻟﻐﺎﻥ ﮬﺴﺎﭘﻼﺷﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﺴﺴﺎﭘﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺗﻪﻛﺸﻰ( uniform ) ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻨﻰ ﺋﯜﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ:

    1. homogeneous، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ، ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﯜﺯﻩﺗﺴﯩﯖﯩﺰ ؟ﻮﺧﺸﺎﺵ. ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﻳﻮﻕ.
    2. ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻳﯜﻧﯜﻟﯜﺷﺘﯩﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﯜﺯﻩﺗﺴﯖﯩﺰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ.
    ﻳﯘﻗﯩﺮﻗﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺋﺎﻟﻪﻣﺸﯘﻧﺎﺷﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ ﺩﯦﻴﻠﯩﺪﯗ (cosmological principle). ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﯩﻨﻰ ﺳﯜﺯﻟﯩﻤﯩﺪﯨﻢ.

    ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﭼﻮﯓ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ، ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ، ﺋﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﯘﻟﻐﺎﻥ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭼﻮﯓ ﺑﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺩﯨﻐﺎﻥ ﭘﻪﻥ ﺋﺎﻟﻪﻣﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ( cosmology ) ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﭘﻪﻥ 20- ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﻪ ﯞﻩ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﭼﻮﯓ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﺘﻰ. ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯘﺳﯩﺰ ﺗﻪﺳﻪﯞﻭﺭﻻﺭﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﺪﻯ. ﺑﯘﻻﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﺪﺍ ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﻩ ﺋﺎﺭﺧﯩﻤﯩﺪ، ﺋﺎﺭﯨﺴﺘﻮﺗﯩﻠﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ، ﻳﯩﻘﯩﻨﺪﺍ ﻧﯩﻴﻮﺗﯘﻥ ﺋﯩﻴﻨﯩﺸﺘﯩﻴﯩﻨﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﯸﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯜﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ.
    1. ﭼﻮﯓ ﭘﺎﺭﺗﻼﺵ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﻛﯩﯖﯩﻴﺸﻰ.
    20-ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 20ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﯩﻠﯩﻔﯧﺮ( V.Slipher ) ﺋﺎﺳﺘﯧﺮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻛﯜﺯﯨﺘﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﭙﯧﻜﺘﯧﺮﯨﻨﻰ ﻛﯜﺯﻩﺗﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺳﯩﭙﯩﻜﺘﯧﺮﺩﺍ ﻗﯩﺰﯨﻠﻐﺎ ﻳﯜﺗﻜﯩﻠﯩﺶ ﮬﺎﺩﯨﺴﻰ ( redshift، ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺧﻮﯕﻴﻰ ﺩﻩﻳﺪﯗ، ﺋﻮﻳﻐﯘﺭﭼﺪﺍ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻤﻪ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻥ، ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﭺ ﺗﯘﺭﺩﯗﻡ ) ﺑﺎﺭﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ.
    ﻗﯩﺰﯨﻠﻐﺎ ﻳﯘﺗﻜﯩﻠﯩﺶ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻰ ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺑﯘﻟﻐﺎﻥ ﺳﭙﯧﻜﺘﯧﺮ ﺳﯧﺰﯨﻘﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭﻩﯓ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻳﯜﺗﻜﯩﻠﻰ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﺎﻕ ﻧﻮﺭ ﭘﯩﺮﯨﺰﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻧﯘﺭﻧﯩﯔ ﺭﻩﯕﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺟﺮﯨﻠﯩﺸﻨﻰ ﻛﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺷﯘ ﺭﻩﯕﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻕ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻧﻮﺭ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﻗﻘﯩﺪﺍ ﻛﯜﻙ ﻧﯘﺭ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﻗﻘﯩﺪﺍ. ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﯓ ﺳﯩﭙﯩﯧﻜﺘﯧﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺳﯩﭙﯩﯧﻜﺘﯧﺮ ﺳﯩﺰﯨﻘﻠﯩﺮﻯ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭﻩﯓ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻳﯜﺗﻜﻪﻟﺴﻪ ﻗﯩﺰﯨﻠﻐﺎ ﻳﯜﺗﻜﯩﻠﯩﺶ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ، ﻛﯜﻙ ﺭﻩﯓ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻳﯘﺗﻜﻪﻟﺴﻪ ﻛﯜﻛﻜﻪ ﻳﯜﺗﻜﯩﻠﯩﺶ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ. ﻗﯩﺰﯨﻠﻐﺎ ﻳﯜﺗﻜﯩﻠﯩﺶ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﺴﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﯜﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﮬﻪﺭﻛﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﯩﺴﯩﻤﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﻰ ﺩﻭﭘﻠﯧﺮ ﺗﻪﺳﯩﺮى ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﻤﯩﺰ.( ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﺴﻰ ﺩﯨﮕﻪﻧﻨﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﻔﻔﯧﻜﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﯸﻔﻔﯧﻜﺘﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ﻓﻮﺗﻮ ﯸﻠﯧﻜﺘﯧﺮ ﯸﻔﻔﯧﻜﺘﻰ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ. ﻣﻪﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﯸﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺩﯗﻡ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘﻟﺴﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻳﺴﯩﺰﻟﻪﺭ) .

    ﺳﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺗﯜﻣﯜﺭ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺗﯩﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ﮬﻪﺭﻛﻪﺕ ﻗﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﭘﻮﻳﯩﺰﻧﻰ ﻛﯜﺯﻩﺗﺴﯩﯖﯩﺰ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻛﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﻮﻳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻳﯩﻘﯩﻨﻼﺷﻘﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯜﺯﮔﯩﺮﻩﻳﺪﯗ، ﺳﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯜﺗﯜﭖ ﺳﯩﺰﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯜﺯﮔﯩﺮﻩﻳﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺩﻭﭘﻠﯧﺮ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ. ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﯩﺴﯩﻢ ﮬﻪﺭﻛﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﯘ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﯩﭽﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﯜﺯﯗﻧﻠﯩﻐﻰ ﺋﯜﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﻮﻳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﯩﯔ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯩﻐﻰ ﯬﺳﻠﻰ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﯩﺴﻘﯩﺮﺍﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺳﯩﭙﯧﻜﺘﯧﺮ ﺳﯩﺰﯨﻘﯩﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻛﯜﻙ ﺭﻩﯓ ﺑﺎﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺳﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ،ﺑﯘ ﻛﯚﻛﻜﻪ ﻳﯜﺗﻜﯩﻠﯩﺶ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﺴﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺳﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﭘﻮﻳﯩﺰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﯩﯔ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺳﻮﺯﯨﺮﺍﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﻳﻪﻧﻰ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻮﺯﯗﻧﻠﯩﻐﻰ ﺋﯘﺯﯗﻧﺮﺍﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻨﯩﯩﯔ ﺳﯩﭙﻜﯧﻜﺘﯧﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭﻩﯓ ﺑﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺳﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﻧﻰ ﻗﯩﺰﯨﻠﻐﺎ ﻳﯜﺗﻜﯩﻠﯩﺶ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﺴﻰ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ. ﺷﯘ ﺳﯩﭙﯧﻜﺘﯧﺮﺩﯨﻜﻰ ﻳﯜﺗﻜﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺑﯩﺰ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﯩﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﯩﺰﻟﯩﮕﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﻤﯩﺰ، ﺗﯩﺰﻟﯩﻜﻜﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﺎﻥ ﺋﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﻤﯩﺰ. ﺩﻭﭘﻠﯧﺮ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﮬﯩﺴﺎﭘﻼﺷﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ ﭘﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﺴﺪﺍﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﺍ ﻛﯜﺭﮔﻪﻥ. ﺗﻪﺱ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
    ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻣﯘﮬﯩﻤﻜﻰ، ﻗﯩﺰﯨﻠﻐﺎ ﻳﯜﺗﻜﯩﻠﯩﺶ، ﺩﻭﭘﻠﯧﺮﺗﻪﺳﺮﻯ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﮬﻪﺭﻛﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﯩﺴﯩﻤﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺟﯩﺴﯩﻤﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﺴﺎ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻤﯘ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺳﭙﯩﻠﯧﺮ ﻛﯜﺯﻩﺗﻜﻪﻥ ﺑﯘ ﻗﯩﺰﯨﻠﻐﺎ ﻳﯜﺗﻜﯩﻠﯩﺶ ﮬﺎﺩﯨﺴﻰ ﻧﯩﻤﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﺋﯩﻨﯩﻘﻜﻰ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ 20-ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺕ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﻛﯩﯖﯩﻴﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﭼﻮﯓ ﭘﺎﺭﺗﻼﺵ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ. ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ، ﺋﺎﺩﺩﯨﻤﯩﻜﻪﻥ؟ ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻣﯘﺷﯘ ﺑﺎﻳﻘﺎﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻠﯩﻐﯩﻨﻰ، ﺋﯜﻣﺮﯨﻨﻰ، ﺭﺍﺩﯨئﻮﺳﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﺮﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻗﯩﺰﺯﯨﻘﺴﯩﯖﯩﺰ ﻛﻪﻳﻨﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻳﺴﯩﺰ.
    ........................
    (ﺩﺍﺭﺍﯓ ﺩﺍﺭﺍﯓ،ﺩﺍﺭﺍﯓ، ئىلان ﻛﻪﻟﺪﻯ...، ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻘﺎ ﻛﻪﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺋﺎﺭﺯﯗﻳﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﺍﻻﻳﺴﯩﺰ، ﺗﯩﻞ ﺳﯧﻐﯩﻨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﯜﻣﺮﯨﯖﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺗﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻴﺎﻻﻳﺴﯩﺰ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺳﯩﺰ ﻗﯩﺰﺯﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻻ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ، ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺳﯜﻳﮕﯘ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ، ﭘﻪﻥ ﺗﯩﺨﻨﯩﻜﺎ، ﯸﻘﯩﻢ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﻮﻳﻐﯘﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﻧﻮﻗﺘﯩﻼﺭﺩﺍ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﯸﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯗ، ﺑﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﺸﻘﯩﻨﻰ ﮬﻪﻳﺪﻩﭖ ﺑﯜﺭﻩﻛﻨﻰ ﻗﯘﯞﻩﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺯﯗﻟﻪﻳﺨﺎﺩﯨﻦ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﯨﺘﯩﺪﯗ،.... ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻘﺎﻛﯩﺮﯨﭗ 30 ﻣﯩﻨﻮﺕ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﮔﻪﭖ ﺳﻮﻗﯘﺷﻨﻰ، 30 ﻣﯩﻨﻮﺕ ﻏﻪﻳﯟﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ، 30 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﯩﻠﻼﺷﻨﻰ، 30 ﻣﯩﻨﻮﺕ ﺋﯜﺯﯨﯖﯩﺰ ﻗﯩﺰﺯﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﺪﻩ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻣﯘﻻﮬﯩﺰﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﯘﻧﯘﺗﻤﺎﯓ. ﺋﺎﮬ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻤﯩﺰ.... )
    -------------------------------------

    ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯩﭙﯩﻠﯧﺮ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺳﭙﻜﯧﺘﯧﺮﯨﺪﺍ ﻗﯩﺰﯨﻠﻐﺎ ﻳﯜﺗﻜﯩﻠﯩﺶ ﮬﺎﺩﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﻟﻪﻣﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﯘﺷﯘﻧﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺟﯘﺵ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﻯ، ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻣﯘﺷﯘ ﮬﺎﺩﯨﺴﺪﯨﻦ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﭘﺎﺭﺗﻼﺵ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﻛﯩﯖﯩﻴﯩﺶ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻰ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﯗﺭ.
    ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ، ﻗﯩﺰﯨﻠﻐﺎ ﻳﯜﺗﻜﯩﻠﯩﺶ ﮬﺎﺩﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺩﯨﻤﻪﻙ، ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﮬﻪﺭﻛﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ. ﺳﭙﻠﯧﯩﺮ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﭙﯧﻜﺘﯩﺮ ﺭﻩﺳﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﻧﺎﻟﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯜﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﺩﺍ ﻗﯩﺰﯨﻠﻐﺎ ﻳﯜﺗﻜﯩﻠﯩﺶ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﺲ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ. ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ. ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﺳﯩﭙﻜﯧﺘﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰﯨﻠﻐﺎ ﻳﯜﺗﻜﻪﻟﮕﻪﻥ ﺳﯩﺰﯨﻘﺘﯩﻜﻰ ﻳﯜﺗﻜﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﺰﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯩﺴﺎﭘﻼﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ، ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﯩﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﯩﯖﯩﻴﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺑﯘ ﺗﯩﺰﻟﯩﻚ ﻧﯩﻤﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ.
    1929-ﻳﯩﻠﻰ ﮬﺎﺑﯩﻞ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﮬﺴﺎﭘﻼﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﯩﺰﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﺎﺭﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﺗﯩﺰﻟﯩﻜﻨﻰ ﻛﻮﺭﺩﯨﻨﺎﺗﻨﯩﻚ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻮﻗﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻧﻮﻗﺘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﻮﺭﺩﯨﻨﺎﺕ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻧﻮﻗﺘﯩﻼﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﻪﻛﺸﻰ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺯ ﺳﯩﺰﯨﻘﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺗﻪﻛﺸﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﺎﻥ. ﺩﯨﻤﻪﻙ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﯖﯩﻴﯩﺶ ﺗﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﻮﯓ ﺗﺎﻧﺎﺳﯩﭗ، ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﻛﯩﯖﻴﯩﯩﺶ ﺗﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺗﯩﺰ. ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻨﻰ ﮬﺎﺑﯩﻞ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ:
    v=Hr, ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ v ﺗﯩﺰﻟﯩﻜﻨﻰ، r ﺋﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﺋﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯗ، H ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘ ﺗﯜﺯ ﺳﯩﺰﯨﻘﻨﯩﯔ ﻳﺎﻧﺘﯘﻟﯘﻗﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺋﯘﻧﻰ ﮬﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ: 2.1*10^4 ، ﻳﻪﻧﻰ 2.1 ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﻠﮕﻪﻥ 10ﻧﯩﯔ 4ﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ. ﺋﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﻳﯘﺭﯗﻗﻠﯩﻖ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯜﻟﭽﻪﻳﻤﯩﺰ، ﻳﯘﺭﯗﻗﻠﯩﻖ ﻳﯩﻠﻰ ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰ، ﻳﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ 300ﻣﯩﯔ ﻛﯩﻠﯘﻣﯧﺘﯧﺮ ﺗﯩﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯜﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﺋﯜﻟﭽﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻖ ﺑﻪﻙ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﯘﻟﻐﺎﭼﻘﺎ (ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﻳﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﯩﻠﻰ ) ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﭘﻪﺭﻗﯩﻤﯘ ﭼﯘﯓ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ، 25% ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
    ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ، ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﻩ ﻣﻪﻟﯘﻡ .ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻧﻮﻗﺘﺎ ﺑﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮬﯩﺴﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﻩ ﺳﺎﻣﺎﻥ ﻳﻮﻟﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﺗﯜﺯ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﻛﯩﯖﻴﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﯩﻼﺭ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﻛﯩﯖﯩﻴﯩﺶ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ.
    ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﻛﯩﯖﯩﻴﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺑﯘ ﻛﯩﯖﯩﻴﺸﻰ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، ﻛﯩﯖﯩﻴﯩﺶ ﻳﯜﻧﯘﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﯘﺭﺳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﻧﯩﻤﻪ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ.
    ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﻛﯩﯖﻴﯩﺶ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. ﮬﺎﯞﺍﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻣﺒﺎ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯘﻣﺒﺎﻧﯩﯔ ﭘﺎﺭﭼﯩﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﯩﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻘﺎ ﭼﺎﭼﺮﺍﻳﺪﯗ. ﺑﯘﻣﺒﺎ ﭘﺎﺭﺗﻼﭖ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﯞﺍﻗﯩﺖ t ﺋﯜﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻣﺒﺎ ﭘﺎﺭﭼﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﺰﻟﯩﻜﻰ v ﻧﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺷﻜﻪ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ:
    v=r/t ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ r ﺑﻮﻣﺒﺎ ﭘﺎﺭﭼﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺗﻼﺵ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﺸﺘﺎ ﺑﻮﻣﺒﺎ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻳﻮﻕ ﺩﻩﭖ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯞﯨﺘﯩﭗ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻧﺴﺎﻕ ﺋﯘ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﯖﯩﻴﯩﺶ ﺧﯘﺳﯘﺳﻴﯩﺘﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﻮﺧﺸﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻓﻮﺭﻣﯘﻻﻣﯘ ( v=Hr, v=r/t ) ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﭘﺎﺭﺗﻼﺷﺘﯩﻦ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ.
    ﺑﯘ ﭘﺎﺭﺗﻼﺵ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺩﻩﮬﺸﻪﺕ ﺑﯘﻟﻐﺎﻥ. ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺷﯘ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ .ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﯩﯖﻪﻳﮕﻪﻥ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﻻﺭ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﯘﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯗﺭﯗﺷﺘﯩﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﭘﺎﺭﺗﻼﺵ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻰ.
    ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺭﺍﺳﺘﻼ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯘﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﻳﯧﺸﯩﻨﻰ ﮬﺴﺎﭘﻼﭖ ﭼﯩﻘﺎﻻﻳﻤﯩﺰ. ﮬﺎﺑﯩﻞ ﺑﻮﻣﺒﺎ ﻓﻮﺭﻣﯘﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺖ t ﻧﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﻳﯧﺸﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻜﯩﺘﺴﻪﻙ، ﮬﺎﺑﯩﻞ ﻓﻮﺭﻣﯘﻟﯩﺴﯩﻜﻰ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺳﺎﻥ H ﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺳﺎﻧﻰ 1/H ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﻳﯧﺸﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﺪﺍﺩﺍ:
    t=1/H=1.4*10^10 ﻳﯩﻞ ،ﻳﻪﻧﻪ 14 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ. ﮬﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 25% ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﭘﻪﺭﻗﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﺷﺴﺎﻕ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﻳﯧﺸﻰ 1 ﺩﯨﻦ 1.8 ﮔﯩﭽﻪ ﺑﯘﻟﻐﺎﻥ ﺳﺎﻧﻐﺎ 10ﻧﯩﯔ 10ﯨﻨﭽﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯜﭘﻪﻳﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﺗﻪﯓ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ( 1.0*10^10 ﺩﯨﻦ 1.0*10^10 ﮔﯩﭽﻪ)، ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 10-20 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﻳﯩﻞ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺑﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ.
    ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯘ ﺳﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﺘﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ. ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﭼﻮﯓ ﭘﺎﺭﺗﻼﺵ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ 14 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺸﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻛﯩﺮﻩﻙ. ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﻯ ﯞﻩ ﻗﻮﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﻳﯧﺸﻰ 4.5 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﻳﯩﻞ. ﺑﯘ ﺋﻮﻳﻐﯘﻥ. ﻳﻪﻧﻪ ﭘﯩﻼﻧﯩﺖ ﯞﻩ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯜﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﮔﯩﮕﺎﻧﯩﺖ ﻳﻮﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺗﻮﭘﯩﻐﺎ ﻗﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺷﯘ ﺗﻮﭘﻘﺎ ﻗﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﺋﯜﻣﺮﯨﻨﯩﯔ 90%ﻧﻰ ﺋﯜﺗﻜﯜﺯﯗﭖ ﺑﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. ﻣﯘﺷﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﻪﯓ ﻗﯧﺮﻯ ﮔﯩﮕﺎﻧﯩﺖ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻨﯩﯔ ﻳﯧﺸﻰ 10 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺗﯩﻦ 16 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺗﻘﯩﭽﻪ. ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺑﯘﻻﺭﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﻳﯧﺸﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﯨﺰﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ.
    ﺧﯧﻤﯩﻴﻠﯩﻖ ﻣﺎﺩﺩﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻟﭽﻪﺷﻜﻪ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺷﯘ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﯩﺖ ﺷﯘ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﯘﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﯩﺰ. ﻣﯘﺷﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯜﻟﭽﻪﻧﮕﻪﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺸﻰ 7 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩﯨﻦ 15 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺗﻘﯩﭽﻪ. ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺑﯘﻻﺭﻣﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﯩﺴﺎﭘﻼﭖ ﭼﯩﻘﻘﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﻮﻳﻐﯘﻥ. ﺩﯨﻤﻪﻙ، ﺑﯘﻻﺭﻣﯘ ﭼﻮﯓ ﭘﺎﺭﺗﻼﺵ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ.
    ﮬﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﻥ - ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯩﺴﺎﭘﻼﺷﻘﺎ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ يېشى 14 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﻳﯩﻞ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﯩﻜﻪﻥ،ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﺳﻰ14 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﻳﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﯩﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﭼﻮﯓ ﺗﯧﻠﯩﺴﻜﻮﭖ ﺑﯘﻟﺴﯩﻼ ﺑﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻧﻰ ﻛﯜﺯﯨﺘﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻛﯜﺯﻩﺗﻜﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺑﯘﻧﺪﯨﻦ 14 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺕ ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ. ﺑﯘ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﻛﯜﺯﯨﺘﻪﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ، ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﻧﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺗﯧﺨﻰ ﻳﯧﯩﺘﭗ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ. ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻛﻜﻰ، ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﻳﯧﺸﻰ ﺋﺎﺷﻘﺎﻧﺴﯩﺮﻯ، ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﺳﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﯩﻴﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ.

    ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﺳﺎﻧﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯩﻠﯩﺸﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﭼﻮﯓ ﭘﺎﺭﺗﻼﺵ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﭘﯘﺕ ﺗﯩﺮﻩﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺭ ﻛﯩﺮﻩﻙ. ﺑﯘﻻﺭ ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﭼﻮﯓ ﭘﺎﺭﺗﻼﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﻨﻦ ﻧﯩﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ.ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯜﺗﯩﻤﯩﺰ، ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﯩﺰﺯﯨﻘﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﻐﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻳﺴﯩﺰ..
     
    بۇ تىما جەمئى ئىككى قىسىم بولۇپ كۆرۈۋاتقىنىڭىز بىرىنچى قىسمى. ئىككىنچى قىسمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
     
    ئەگەر تىمىنىڭ ئوقۇپ چۈشەنگەن بولسىڭىز ئۈستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ. چۈشەنمىگەن بولسىڭىز ياندىكى ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ.
     
     
    分享到:


    评论

  • The Qura’an on the Origin of the Universe:
    The science of modern cosmology ,observational and theoretical, clearly indicates that, at one point in the time, the whole universe was nothing but a cloud of ‘smoke’ (i.e. an opaque highly dense and hot gaseous composition). (The First Three Minutes, a Modern View of the Origin of the Universe, Weinberg, pp. 94—105.) This is one undisputed principles of standard of modern cosmology. Scientists now can observe new stars forming out of the remnants of that ‘smoke’ (see figures 10 and 11). The illuminating stars we see at night were, just as was the whole universe, in that ‘smoke’ material. God has said in the Qur’an:
    (* Then he turned to the heaven when it was smoke … *) (Qur’an,41:11)
    Because the earth and the heaven above(the sun, the moon, stars, plants, galaxies, etc.) have been formed from this same ‘smoke’, we conclude that the earth and the heavens were one connected entity. Then out of this homogenous ‘smoke’ they formed and separated from each other. God has said in Qur’an:
    (* Have not those who disbelieved known that the heavens and the earth were one connected entity, then We separated them? …. *) (Qur’an, 21:30)
    Dr. Alfred Kroner is one of the world’s renowned geologists. He is Professor of Geology and Chairman of Department of Geology at the Institute of Geosciences, Johannes Gutenberg University, Mainz, Germany. He said : “ Thinking where Muhammad came from… I think it is almost impossible that the cloud have known things like the common origin of the universe, because scientists have only found out within the last few years, with very complicated and advanced technological methods, that this is the case.” ( The source of this comment is This is the Truth (videotape). Visit www.islam-guide.com/truth for a copy of this videotape or to view the video clips of Professor Alfred Kroner’s comments online.)Also he said:” Somebody who did not know something about nuclear physics fourteen hundred years ago could not, I think, be in position to find out from his own mind, for instance, that the earth and the heavens had the same origin,”
    回复rushengvl说:
    سىزگە كۆپ رەھمەت.
    2009-03-19 07:33:17
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    چوڭ پارتىلاش ۋە ئالامنىڭ داۋاملىق كېڭىيىۋاتقانلىقىىڭ قۇرئاندا ئاللاھ تەرىپىدىن برىلگەن بىشارەتلىرىبىشارەتلىرى ھەققىدە بىر ماقالە ئوقىۋېدىم، ئەمدى ئىزدىسەم تاپالمايۋاتىمەن.مەندىكى بىر كىتابتا ئالەمنىڭ پارتلاشتىن بۇرۇنقى زەررىچە ھالىتى توغرىسىدا سۆزلەنگەنكەن ئاددى بولسىمۇ شۇنى قىسقارتىپ يوللاپ قويدۇم.
  • پارتىلىغاندىكى شۇ نەرسە نەدىن كەلگەندۇ؟