• دۇنيادا بلوگ يېزىش باشلانغاندىن تارتىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بلوگ يازغۇچىلار دۇنيادىكى مۇھىم بولغان مېدىيا( تاراتقۇ) ۋاستىسىگە ئايلىنىپ جەميەتنىڭ مۇھىم بىر ئۇچۇر مەنبەسىگە ئايلاندى. بۇرۇن جەميەتتە ئۇچۇر تەمىنلىگۈچىلەر مۇنتىزىملاشقان شىركەتلەر بولغان بولسا بلوگنىڭ بۇ قاتارغا قۇشۇلىشى بىلەن شەخىسلەرمۇ ئۈزىنىڭ كۈز قاراش، بىلىم ۋە ھىسياتلىرىنى ئۈزىگە ۋەكىللىق قىلىدىغان بلوگى ئارقىلىق جەميەتكە تارقتىشقا باشلاپ بلوگچىلار جەميەتكە شىددەت بىلەن تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى

  • مۇشۇ ئىككى ئىش مىنى ھەقىقەتەن بەك تەسىرلەندۈردى.گەرچە ئۇنىڭ قىلغانلىرى بەك ئاددىي ئىشلار بولسىمۇ،بىراق پەرىزەنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئەمدى بىر ياشقا كىرگەن قىز ئىكەنلىكىنى ئىسىڭىزدىن چىقىرىپ قويماسلىقىڭىز كىرەك! ئامېرىكادا بىر ياشقا كىرگەن بالىلار بەك شەخسىيەتچى بولۇپ،پەقەن «مەن»نىلا ئويلايدۇ.بىراق ئۇيغۇر ئۆرۈپ-ئادىتىدە بالىلار ئىنتايىن كۈچلۈك ئەنئەنىۋىلىك ئىچىگە كۆز ئاچىدىكەن،كىچىكىدىن باشلاپلا ھەرخىل ئائىلە مۇناسىۋىتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدىكەن.ماڭا، ئۇيغۇر بالىلىرى ھەتتاكى بىر ياشقا كىرسىمۇ ئۆزىدە ھەق-ناھەق تۇيغۇسى،سىخىيلىق-كەڭ قورساقلىق ۋە ئۇيغۇر قىممەت قارىشىنىڭ بولىدىغانلىقىنى،مۇشۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ باشقىلار بىلەن ئېلىپ بارغان مۇناسىۋىتىدە ئىناقلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ ئاساسى بولىدىغانلىقىنى ئۆگەتتى.

  • web 2.0 دىگەن ئوقۇم 2000-يىللاردىكى ئىنتېرنېت ماغزىپىدىن (internet bubble) كىيىن پەيدا بولغان. بولۇپمۇ 2003 يىللاردىن كىيىن ئىشلىتىلىشكە باشلىغان بولۇپ قىسغىنە 5 يىلللىىق تەرەققىيات ئارقىلىق ھازىر ئىنتېرنىت دۇنياسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر ئۇقۇم بۇلۇپ قالدى. Facebook, Myspace, Digg, Twitter, Flickr قاتارلىق ۋەكىل خاراكتىرلىق تور بەتلەر ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلىرىنى يىڭى بىر دۇنياغا باشلاپ كىردى.ھازىر web2.0 تېخنىكىسى ئىشلىتىلمىگەن تور بەتلەر ئۇنچە ئىلغار تور بەتلەر بولۇپمۇ ھىساپلانمايدۇ

  • بىز بۇ يىلمۇ ئۈتكەن يىلدىكىگە ئوخشاشلا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر جەميىتىنى يۈزەكى ھالەتتە بولسىمۇ كۈزىتىپ چىقتۇق. كۈزىتىش ئۇسۇلىمىز ئۈتكەن يىلى يېزىلغان تىمىلاردا تەپسىلى چۈشەندۈرۈش بىرىلگەن بولغاچقا بۇ يىل يەنە قايتىلانمىدى.بىر قىسىم تۈرلەرنى قىسقارتتۇق ياكى ئۈزگەرتتۇق. كىلەر يەنە قىلىپ قالساق يەنىمۇ چوڭ ئۈزگىرىش بۇلىدۇ.  ئۇندىن باشقا يەنە ئەسكەرتىمىزكى بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت بىر قىسىم تورداشلارنىڭ كۈز قارىشى. پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ كۈز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ

    ۋەقەلەر قىسمى


  • بەزىدە ئويلىنىپ قالىمەن، مەن بلوگنى قاچانغىچە يازىمەن، مەڭگۇ يازامدىم، ياكى بىر كۈنى توختاپ قېلىش كىرەكمۇ. مەڭگۇ يازسام نىمىلەرنى يازىمەن، يازىدىغان نەرسىلەر بارغانىسىرى تۈگەيدۇ. بلوگنى ئاچقاندىكىن ياخشى ماڭغۇزۇش كىرەك، ياخشى ماڭغۇزۇش ئۈچۈن ۋاقىت سەرىپ قىلىش كىرەك. جىق ۋاقىت سەرىپ قىلسىڭىز ئۈزىڭىزنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىغا تەسىر يىتىدۇ، ۋاقىت سەرىپ قىلمىسىڭىز بلوگىڭىز ياخشى ماڭمايدۇ. بلوگ ئۈزىلا يېزىپ ئۈزى كۈرىدىغان كۈندىلىك خاتىرە ئەمەس. ۋاقىت سەرىپ قىلىپ يازغاندىن كىيىن باشقىلار تەرىپىدىن كۆرۇلمىسە، سىزدىمۇ قىزغىنلىق بولمايدۇ. بلوگىڭىزنىڭ زىيارەت مىقدارى يۇقىرى بولۇپ كۈنىگە نەچچە مىڭ ئادەم كىرسە سىزدىكى قىزغىنلىقمۇ بىردەمدە ئېشىپ كىتىدۇ. لېكىن زىيارەت مىقدارىنى ئاشۇرىمەن دەپ يازسىڭىز بلوگىڭىزنىڭ خاسلىقىنى ۋە ئەسلى ئېچىشتىكى مۇددىئايىڭىزنى يۈتۈرۈپ قويىسىز. شۇڭلاشقا بۇلار ئوتتۇرىسىدا مەلۇم تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسى بولۇش كىرەك.
  •  (شىنجاڭدا ئۇيغۇرچە ئۈگىنىۋاتقان بىر ئامرىكىلىقنىڭ بلوگىدىن ئېلىنغان ئىككىنچى تىما )

    ئۆتكەن يىلى مەن ئۇيغۇر تىلىدا Love دىگەن سۈزىنىڭ "سۆيۈش" دەيدىغانلىغىنى ئۈگەنگەن ئىدىم. "I Love you"
    دىگەننى ئۇيغۇرچىدا "مەن سىزنى سۆيىمەن" دەيتتى. بۈگۈن شۇنى ئۈگەندىمكى ئەگەر سىز بىرسىگە "سۆيىمەن" دىمەكچى بولسىڭىز
  • بۈگۈن شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئاخرىدىكى مۇسابىقىسى قانداق بولغانلىغىنى بىلىش ئۈچۈن ھۇررا كۇلۇبىنى ئارىلاۋىتىپ گەرچە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ يىڭىلگەنلىگىنى بىلىپ كۆڭلۇم يېرىم بولغان بولسىمۇ لېكىن بۇ بىر پارچە رەسىمنى ئۇچرىتىپ كۈڭلۈمدە بىر خىل بۇ ئانىمىزغا بولغان ھۆرمەت تۇغۇلدى. بۇ ئانىمىز ئۆزى يالغۇز ھالدا بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ پۇتبۇل كۆرۈۋىتىپتۇ. ئەتراپىدا باللىرى ياكى

  • ئۇيغۇرلار مودا ساھەسى تىلىغا ئېلىنسا بىز دىمەتلىكلەر كۆپىنچە رەنانى ئەسكە ئالىمىز، چۇنكى ئۇ بىز بىلەن تەڭ دىمەتلىك ھەم CCTV دىكى مۇسابىقە ئەھۋالىنى نەخ مەيداندىن كۆرگەن. شۇندىن كىيىن رەنا بىراقلا داڭ چىقىرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىردىكى بىر ئوبرازى بولۇپ قالدى. لېكىن رەنا بىرىنچىسى ئەمەس. ئۇنىڭدىن تەخمىنەن 10 يىللار بورۇن شىرىنئاي ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر قىزىمۇ ئوخشاش نەتىجىلەرگە ئىرىشكەن، ئۈز ۋاختىدا
  •  
    ئامرىكا پارتىيە ئىچىدىكى پرىزدىنتلىققا نامزات تاللاش سايلىمى ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرلىشىپ دىموكراتلار ۋە جۇمھۈرىيەتچىلەر ئۆز نامزاتلىرىنى بىكىتتى. ئامرىكىدا باش نامزاتنى خەلىق بكىتىدۇ، ئاندىن نامزات ئۈزى خالىغان ئىقتىدارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ ھۈكۈمەت تەشكىللەيدۇ. ئادەتتە باش نامزات بىكىتىلىپ بولغاندىن كىيىن ئۇ ئۆزىگە مۇئاۋىن بۇلىدىغان بىر ئادەمنى تەكلىپ قىلىپ
  • ئادەتتە ئىش قىلىدىغانلار جىق گەپ قىلمايدۇ، گەپنى تولا قىلىدىغانلار جىق ئىش قىلمايدۇ. توردا تولا يۈرۈيدىغانلار پۇتاقچى كىلىمىز. بۇ يالغۇز بىز ئۇيغۇرلاردىلا  ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنيادا شۇنداق. لېكنن يەنە بۇ دۇنيادا شۇنداق پۇتاقچىلار بولمىسىۇ بولمايدۇ، شۇلار ئاقسۇن ئاقمىسۇن پۇتاق چىقىرىپ تۇرسا ئىش قىلىدىغانلارغا ئازراق بولسىمۇ پايدىلىق. شۇنداقلا پۇتاق چىقىرىشتىكى مەخسەت



  • توختىماي قار ياغقىلى بىر ھەپتە بۇلدى، تازىلانمىغان  يەرلەردىكى قارلار بىلىمدىن ئاشقىلى تۇردى. ئۈيۈمنىڭ ئالدىدىكى چىملىقتىكى قارمۇ تىزىمدىن ئېشىپتۇ. بۈگۈن ئەتىگەندە مەكتەپ قاتناشتىكى بىخەتەرلىكنى كۈزدە تۇتۇپ مەكتەپكە كەلمەسلىكنى ئۇختۇرۇ...
  • 2007 ‏-يىللىق شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىگە نەزەر

     بىز بۇ قىسىمدا، خەلقئارادىكى ۋە جۇڭگۇدىكى ئوخشاش تۈردىكى باھالاش شەرتلىرى ۋە ئوسۇلىدىن پايدىلىنىپ،سىناق تەرەقىسىدە ئىقدارىمىزنىڭ يىتىشىچە شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىنى كۈزەتتۇق . باھالاش باسقۇچىدا ئىمكان قەدەر ئادىل بۇلىشىغا كۈچەپ جامائەت پىكىرىنى گەۋىلەندۈرۈشكە تىرىشتۇق. نامزاتلىققا كىرگەنلەر ئاساسەن تېلىۋىزور، ئىنتېرنىتتا بىر قەدەر كۈپ ك
  •  

     2007 - يىلدىكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نەزەر

    ئالدى بىلەن ھۈزۇرۇڭلارغا سۇنماقچى بولغىنىمىز  2007 - يىل شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى 10 چوڭ خەۋەر(ئىش
  • ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ
    ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ  "ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﺎﺯﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﮬﯩﺴﺎﭘﻠﯩﻨﺪﯗ. ﺋﯘﻳﺎﺯﻣﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻤﺰﺍ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﺨﺎﺗﯩﺮﻩﻣﺪﯨﻦ ﻛﯜﺭﮔﻪﻳﺴﯩﺰ. ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﯩﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﯸﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺷﻪﺧﯩﺴﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﯞﻩﻗﻪﻟﻪﺭ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﻛﯜﺭﯛﻧﯩﺸﻰ...