-
(مىھمان يازمىسىى) پولشاغا كېلشتە ماڭغان يوللىرىم Greetings From Poland - [America ئامرىكا]
2009-05-20

مەن 2000-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىنىڭ قانون-ئقتىساد ئىنىستىتوتىغا قوبۇل قىلىنىپ،بەش يللىق ئوقۇشنى ئەلانەتىجە بىلەن تاماملاپ،2005-يىلى7-ئايدائوقۇش پۈتتۈردۇم،شۇنىڭدىن كېيىن جەمىيەتكە قەدەم قويدۇم.مەكتەپ پۇتتۇردىغان يىلى ئاسپىراتلىق ئوقۇشقا ئىمتىھان بەرگەن ئىدىم،بىراق تەلىيىم كاج بولسا كېرەك ، 1 نۇمۇر كەملەپ قېلىپ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدىم،قالداق قىلىش كېرەك؟
-
ۋەتەندە دوكتۇرلۇق ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ئامرىكىدا ھەمكارلىشىپ تەربىيلەش پروگراممىسىغا ئوچۇر Information: Joint PhD Student Program at Penn State Univ - [America ئامرىكا]
2009-04-30
ئۆتكەندە بىر نەچچە ۋەتەندە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان قېرىنداشلار ماڭا خەت يېزىپ 国家留学委员会 نىڭ تاللىشىدىن ئۆتكەنلىگىنى، ئامرىكىدىن ئوقۇتقۇچى ئىزدەشتە قىينىلىپ قالغانلىغىنى ئېيتىپ خەت يېزىپتىكەن، تۇنۇشلىرىم جىق بولمىغاچقا ئۇنچە بەك ياردەم قىلالمىغانتىم. بۈگۈن بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ قېلىپ كۈچۈرۈپ قويدۇم. پايدىسى بولسا ئالاقە قىلىپ كۆرگەيسىلەر. شۇنداق تۇنۇشلىرىڭلار بولسا يەتكۈزۈپ قويساڭلار بۇلىدۇ.公派研究生(联合培养博士生)at Pennsylvania State University (USA)
-

ئالدىنقى تىمىدا دىيىلگەندەك، قوغدىلىش رايونلىرى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ ئۇلار ئۈزىنى ئۈزى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن. ھەر قايسى قەبىلە رايونلىرىدا چوقۇم بىر ھۈكۈمەت بولۇشى كىرەك ئىكەن. بۇنى قەبىلە ھۈكۈمىتى ياكى قەبىلى كىڭىشى دەپ ئاتاپ بۇنى فىدىراتسىيە ھۈكۈمەتكە تىزىمغا ئالدۇرىدىكەن ۋە ئۈز ئەزالىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن. ھۈكۈمەتنىڭ چوڭلۇقى ئەزا ۋە زىمىنىغا قاراپ چوڭ كىچىك بولىدىكەن. بۇلار يەرنى قانداق تەقسىم قىلىش، قانداق تۈزۈم قوللىنىپ باشقۇرۇش دىگەندەك بىر قاتار ھوقۇقلارغا ئىگە ئىكەن. بۇلارنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتى، سوت مەھكىمىسى، ساقچىسى، تەپتىش مەھكىمىسى، مەكتەپ، پاراۋانلىق، داۋالاش قاتارلىق بىر قاتار فونكىسىيەلىك ئورۇنلىرى بولۇپ ئۈزىنىڭ قانۇنى بۇلىدىكەن
-

شۇنداق قىلىپ ھازىر ئامرىكىدا 560 تىن ئارتۇق ھۈكۈمەت تىزىملىغان ھىندىيان قەبلىسى بار بولۇپ، بۇلار 310 ئەتراپىدىكى قوغدىلىىش رايونلىرىدا ياشايدۇ. قوغدىلىش رايونلىرى ئامرىكىنىڭ ئوخشىمىغان شىتاتلىرىغا ناھايتى تەكشىسىز ھالەتتە جايلاشقان. مۇتلەق كۈپ ساندىكىسى غەربى قىسىم رايۇنلاردا. بەزى قەبىلىلەرنىڭ بىردىن ئارتۇق قوغدىلىش رايونلىرى بار. نەچچە يۈز يىلدىن بۇيانقى ئوخشىمىغان سىياسەت تۈپەيلى ئۇندىن باشقا بەزى رايونلاردا يەككە ھىندىيانلار ئىگىدارچىلىقىدىكى نەچچە مىڭ مو كىلدىغان زىمىنلارمۇ باركەن. ئامرىكىدىكى ھىندىيانلارغا تەۋە قوغدىلىش رايونلىرىنىڭ ئومۇمى يەر كۈلىمى 55 مىليون مو، يەنى 225مىڭ كۇۋادىرات كىلومىتېر بولۇپ ئامرىكا يەر مەيدانىنىڭ 2.3% تىنى ئىگەللەيدۇ. توققۇز قوغدىلىش رايونىنىڭ زىمىنى دىلاۋىر شىتاتىدىن چوڭ.
-
ئوبامانىڭ نۇرۇز تەبرىك نۇتۇقىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى Uyghurche Subtitles of Obama's Noruz Celebration Speach - [America ئامرىكا]
2009-04-10
ئامرىكىنىڭ يىڭى دۈلەت باشى ئوباما ئۈتكەن ئايدىكى نۇرۇزدا ئىران خەلقىگە قارىتىپ توردا نۇرۇز تەبرىكنامىسى يوللىغان ئىدى. بىلىكتىكى تورداشلار ھەمكارلىشىپ بۇ نۇتۇقنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدى ۋە تەرجىمىنى فېلىمگە كىرگۇزدى. چۈشۈرۈش ئادېرسى ئەسلى تىمىدا تەملىنگەن. مەن بۇ نۇتۇقنى Youtube قا چىقىرىپ قويدۇم. بوشلۇق بولمىغانلىغى ئۈچۈن چۈشۈرۈش ئادېرسى مەندە يوق. جىددى لازىملار بولسا دىسەڭلار مەن چ چ دا ياكى ئىلخەتتە يوللاپ بىرەي.
-
ئامرىكىدا كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇش ئۇچۇرى، تولۇق ياردەم پۇلى بار Information: A master program with full financial aid for computer science studdents - [America ئامرىكا]
2009-03-27


ئامرىكىدا نۇرغۇنلىغان كىچىك تىپتىكى ئۇنۋېرستىتلار بار. بۇلارنىڭ گەرچە بەك داڭقى بولمىسىمۇ لېكىن ئۇلار بىر ياكى ئىككى پروگرامغىلا كۈچەپ باشقىلارغا ھەم ئۈزىگە بىۋاستە پايدا ئەكىلەلەيدىغان يۇنۇلۇشتە ماڭدۇرغان بولغاچقا مۇشۇنداق ئۇنۋېرسىتىتقا كىرىدىغانلارمۇ نۇرغۇن. بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش چەتئەللىكلەر ئۈچۈن. بىر نەچچە ئاي بۇرۇن كىرىمنى جىلغىسىدا ئىشلەۋاتقان بىر ياش ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالدۇق ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئارلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ ئامرىكىغا كىلىپلا 8 ئايدىن كىيىن خىزمەت تېپىپ ئىشلەۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم.
-
مەڭگۇنۇر: مەن تۈركىيەدە قانداق ئوقۇدۇم(1) How I came to study in Turkey,by Mengunur - [America ئامرىكا]
2009-03-18

پاسپورتنى مەن بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا بىجىرىپ قويغان ئىدىم. پاسپورت ھەل قىلىش ئۈچۈن 200يۈەن ،رەسىم ئۈچۈن 70يۈەن تۆلىدىم. مەن يەنە پاسپورتنىڭ ئەسكەرتىش دېگەن بېتىگە ئەسكەرتىش قىلىپ ئىسمىمنى خەنزۇچە پىنيىن يېزىقىدىن نورمال لاتىنچىگە ئۆزگەرتىشكە بىر ئىلتىماس قىلدىم ۋە بۇنىڭ ئۈچەن 40 يۈەن تاپشۇردۇم. پاسپورت 2 ھەپتىدە چىقتى.ئەسكەرتىش يېزىش ئۈچۈن 3كۈن كەتتى.
-
كاناداغا كىلىشتە ماڭغان يوللۇرۇم How I Came to Canada as a Graduate Student - [America ئامرىكا]
2009-01-05
بۇ تىمىنى كانادادا ئوقۇۋاتقان ئابدۈشۈكۈر ئۈزىنىڭ تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن مەخسۇس چەتئەلگە چىقپ ئوقۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلار ئۈچۈن يېقىندا يازغان. ئابدۈشۇكۇر بۇرۇنمۇ جېك بلوگىدا كاناداغا ئوقۇشقا چىقىىش ۋە ۋىزا ئېلىش توغرىسىدە تەپسىلى تىما يازغان ئىدى. ئابدۈشۈكۈرنىڭ بۇ قىممەتلىك ئەمگىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا كۈپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
مەزمۇنىنى تىما ئىچىگە كىرىپ ئوقۇڭ. . -
ئىتالىيەدە ئۇقۇشنىڭ تەپسىلى قەدەم باسقۇچلىرى(2) Detailed steps to Apply Italian Universities - [America ئامرىكا]
2008-12-08
مىلەن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىتى 1863 -يىلى قۇرۇلغان. ئىتالىيەدىكى ئنژىنىرلىق، قۇرۇلۇش لايھىلەش كەسىپلىرنى ئاساس قىلغان داڭلىق ئۇنىۋېرسىتىتىلارنىڭ بىرى. بۇ ئۇنىۋېرستىت جەمئى 7 مەكتەپ راينىغا بۇلۈنگەن . بۇلارنىڭ ئچىدە LEONARDO, MILAN BOVISA,COMO,LECCO قاتارلىق مەكتەپ رايۇنىدا مەخسۇس ئېنگىلىزچە كەسپى دەرىسلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا ، بۇ رايۇنلارنغا چەتئەللك ئوقۇغۇچىلار بىر قەدەر نوختىلىق يىغىلغان -
ئىتالىيەدە ئۇقۇشنىڭ تەپسىلى قەدەم باسقۇچلىرى(1) Detailed Steps to Apply Italian Universities - [America ئامرىكا]
2008-12-08
ئىلاۋىسى: بۇ يازمىنى ھازىر ئىتالىيەدە ئوقۇۋاتقان دوستۇم مۇزەپپەر تەييارلىغان. مەن ئۈتكەن يىلى يازلىق تەتىلدە ۋەتەنگە قايتقان ۋاختىمدا مۇزەپپەر قاتارلىق تۆت ئاغىنەم بىرلىكتە مىنى مىھمان قىلىپ بىر ئاخشام تاماق يەپ مۇڭداشقان ئىدۇق. ھازىر ئۇ تۇتەيلەننىڭ ئىككىسى ئامرىكىدا ئوقۇۋاتىدۇ، بىرسى ياپۇندا. مۇزەپپەر بولسا ئىتالىيەدە. ئۇ ھازىر ئىتالىيە مىلان تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتى (Politecnico di Milano) دا ئوقۇۋاتىدۇ. ئۈز ۋاختىدا مۇزەپپەر ئەگەر ئىتالىيەگە بېرىپ قالسام چوقۇم تەپسىلى قىلىپ بىر ماتىرىيال تەييارلاپ مەندىن كىيىنكىلەرنىڭ پايدىلىشنىغا سۇنىمەن دىگەن ئىدى. كىيىن ئىتالىيەگە بېرىپ ئورۇنلىشىپ، كۆنۈپ، ئەلمى-تەلىمىنى بىلىۋالغاندىن كىيىن يىقىندا مۇنۇ يازمىنى تەييارلاپ تورداشلارغا سۇندى. تورداشلارغا ۋەكالىتەن مۇزەپپەرگە ئاۋال رەھمەت ئېيتىمەن.
ئىتالىيەدە ئۇقۇشنىڭ تەپسىلى قەدەم باسقۇچلىرى(1) Detailed Steps to Apply Italian Universities -
نەزىرىيە جەھەتتىن ئامرىكا بۇ ئادەم ئىككىنچى ئامرىكىغا كىرسە بولمايدۇ دەپ پۈتۈپ قويمىغان ئادەملەر بولمىسلا ( بۇنداق ئادەملەرمۇ بار) ئامرىكىغا كەلگىلى بۇلىدۇ. جۇڭگۇ ھۈكۈمىتى ئىتراپ قىلغان باكلاۋور دىپلۇمى بولسا ئامرىكىمۇ ئىتراپ قىلىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلە... -
NASAنىڭ سىرى ۋە ئاي شارىدىكى قەدىمى مەدەنىيەت ئىزلىرى NASA and The Dark Mission - [America ئامرىكا]
2008-12-03

ئابدۇرازاق سىدىق
تىلىۋىزوردا تارقىتىلىدىغان (مەخپى ساھاگە ئىز قوغلاش )ناملىق بىر مەخسۇس پىروگرامما بار .بۇنى بەزىدە شۇنداق ئۇدۇل كىلىپ قالغان ۋاقىتلاردا ياتاقتا ئولتۇرۇپ تىلىۋىزوردىن كۆرۈپ قويىمەن .تۇنۈگۈنمۇ بىر تەجىرىبىنى ئاران تۈگىتىپ بىشىم ئاغرىپ كىتىپ ئۆگىنىش...
-
(بۇ رەسىم ۋە چۈشەندۈرۈشلەرنى ئامرىكىدا تۇرۋاتقان دولان نامىدىكى بىر دوستىمىز تەكلىپ بىلەن تەمىنلىدى)بوستون ئامرىكىدىكى باشقا شەھەرلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان شەھەر بولۇپ ئامرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان شەھەر. باشقا شەھەرلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرۇش سەۋەبى ئامرىكا تارىخى بوستوندىن باشلىنىدىكەن. مەن بوستوندا تۇرغان بىرىنجى كۇندىن تارتىپ ئاخىرقى كۇنۇمگىچە خۇددى ئامرىكىنىڭ تارىخ كىتاۋىنى ۋاراقلاپ ئېچىۋاتقاندەك ھىس قىلدىم. بوستوندىكى چارلىس دەرياسىدىن بويلاپ كامبرىج، ماسساچۇسەتتس كوچىسى، بۇنكەر تېغى ( Bunker Hill) ، ئۇ س س پارلامىنت سارىيى(USS Constitution) ، بەكۇن تېغى(Beacon Hill) ، بوستون پورتى(Boston port) ، بوستون شەھەر كوچىلىرىنى ئايلىنىپ تۇگەتكەندە ئامرىكىنىڭ ئاساسى تارىخىنى بىر ئوقۇپ چىققاندەك بولۇپ قالىسىزكەن. -
شۇنداق قىلىپ 15 مىنۇت ئىلگىرىكى ئەڭ يىڭى سايلام نەتىجىىىدە ئوبامانىڭ ئىرىشكەن بىلەت سانى 338 دىن ئېشىپ مەككەيننىڭ ئىرىشكەن 155 بىلىتىنى ئىككى قاتلاپ يىڭىپ ئامرىكىنىڭ پرېزىدىنتلىقىغا سايلانغانلىغىنى جاكالىدى. ئامرىكىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ۋاقىت پەرقى تۈپەيلىدىن بىلەت تاشلاش ياكى سىتاتىسكىلاش تېخى ئاخىرلاشمىدى. لېكىن كىيىنكى بىلەتنىڭ قانداق تاشلىنىشىدىن قەتئى نەزەر ئوباما يىڭىپ بولدى -
ئامرىكا يۇقىرى ۋە تۈۋەن ۋەكىللەر كىڭىشى 700 مىليارد ئامرىكا دوللىرىلىق بازار قۇتقۇزۇش پىلانى [Bailout Plan] نى تەستىقلىغاندىن كىيىن ئامرىكا مالىيە مىنىستىرى خەنك پالسون [Treasury Secretary Hank Paulson] بۇ 700 مىليارد دوللارلىق پۇلغا ئىگە بولۇپ باشقۇرىدىغان بىر دىرىكتور تەيىنلىدى. مۇشۇنداق بىر پەيتتە بۇ ئىنتايىن بىر مۇھىم ئورۇن بولۇپ 700 مىليارد دوللارلىق پۇلنىڭ ئەمەلى ئىشلىتىلىش جەريانىغا بۇندىن كىيىن مۇشۇ ئادەم رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، ئامرىكا ئىقتىسادىنىڭ قۇتقۇزۇش پىلانىنى بىۋاستە مۇشۇ ئادەم قول تۇتۇپ ئىشلەيدۇ. -
2008- يىلدىكى ئامرىكا پرېزىدىنتلىق سايلام مۇنازىرىسى(4) The translated transcript of the 1st presidential debate - [America ئامرىكا]
2008-10-10

لەھرىر:روسىيە،سىز سۆزلەڭ، پائە ئوباما،سىز روسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە قانداق قارايسىز؟سىز ئۇلارنى رىقابەتچى دەپ قارامسىز ياكى دۇشمەن دەپ قارامسىز؟ياكى ئۇلارنى كەلگۇسى ھەمكارلاشقۇچى دەپ قارامسىز؟
ئوباما:خوش،ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتە ۋە ئايدا بولغان ئشلارغا ئاساسەن مىنىڭچە بىز روسىيەگە تۇتقان ئۇسۇلىمىزنى قايتىدىن باھالاپ چىقىشىمىز كىرەك.چۇنكى باش كۆتىرىۋاتقان تاجاۋۇزچى روسىيە رايون مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقى ئۇچۇن زور تەھدىت.ئۇلارنىڭ گىرۇزىيەدە قىلغانلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇلار ئشەنچىسز.بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا كىلەركى نۆۋەتلىك پىرىزىدىنىت چوقۇم شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كىرەككى بىز -
2008- يىلدىكى ئامرىكا پرېزىدىنتلىق سايلام مۇنازىرىسى(3) The translated transcript of the 1st presidential debate - [America ئامرىكا]
2008-10-10
ماككايىن:مىنىڭچە پارلامىنىت ئەزاسى ئوباما مۇشەررەف ھوقۇق تۇتقان چاغدىكى پاكستان ۋەزىيتنڭ قانچىلىك ناچارلىقىنى چۇشەنمەيدىكەن.ئىلگىرى بار كىشلەر ھىلىھەم بار ھەممىسى ئۇ چاغدىكى ۋەزىيەتنىڭ قانداقلىقىنى بىلىدۇ. بىراق،..ئەمدى مەن ئىراننى بومباردىمان قىلىش ئشى ھەققىدە توختىلاي،سىلەرگە ئۆزۇمنىڭ بۇ ھەقتىكى شەخسى ئارخىۋىمنى سۆزلەپ بىرەي. -
2008- يىلدىكى ئامرىكا پرېزىدىنتلىق سايلام مۇنازىرىسى(2) The translated transcript of the 1st presidential debate - [America ئامرىكا]
2008-10-10
لەھرىر:پا ئە ئوباما،ئىككى مىنۇت.
ئوباما:خوش،پا ئە ماككايىننىڭ ‹‹زەنجىر››نىڭ قالايمىقان ئشلىتىشى ھەققىدە ئىيتقانلىرى تامامەن توغرا.شۇڭا مەن ئۆز شىتاتىمدىن بىر نەرسە تەلەپ قىلىشنى توختاتقان.مەيلى ئۇ بۇرۇنقى مەركەزلەر ئۇچۇن ياكى سىلەر ھازىر ئشلىتىۋاتقىنى بولسۇن،بىز ئۇنى ھىلىھەم تازىلاپ كىلىۋاتىمىز. ئۇنىڭ يەنە بۇ گىپىمۇ توغرا:پارلامىنىتتىكى سۆز يورغىلاتقۇچىلار ۋە ئالاھىدە مەنپەئەت تەرەپدارلىرى مۇشۇنداق راسخوت تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى.گەرچە بۇ مىنڭ ئشىم بولمسىمۇ. بىراق شۇنى ئايدىڭلاشتۇرىشىمىز كىرەككى، ئۆتكەن يىللىق خامچوت 18مىلياردت دوللار بولغان.پا ئە ماككايىن بولسا-بۇ بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى تۇپكى پەرق-ئەڭ باي شىركەت ۋە شەخسلەرگە 300مىلىيارت باج قىسقارتىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ.300مىلىيارت. -
2008- يىلدىكى ئامرىكا پرېزىدىنتلىق سايلام مۇنازىرىسى (1) The translated transcript of the 1st presidential debate - [America ئامرىكا]
2008-10-10
ئامرىكا پرېزىدىنتلىق سايلام مۇنازىرىسى
First Presidential Debate|Barack Obama-John McCainجېك ئىلاۋىسى: ئامرىكا پرېزىدىنتلىق سايلىمى 10 -ئايغا كىرىشى بىلەن ئەڭ جىددى ھالەتكە ئۆتتى. سايلام 11-ئاينىڭ 4-كۈنى پۈتۈن ئامرىكا مىقياسىدا بىلەت تاشلاش ئارقىلىق ئۆتكۈزىلىدۇ. سايلامغا بىر ئاي قالغان ۋاقىت كاندىداتلار ئۈچۈن شۇنداقلا سايلىغۇچىلار ئۆچۈنمۇ ئەڭ مۇھىم ۋاقىت. بۇ يىل ئىككى نامزات باراك ئوباما بىلەن جون مەككېيىننى خەلقنىڭ تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا جەمئى 3 مەيدان، ئاندىن يەنە مۇئاۋىن پرېزىدىنتلىق نامزاتلىرى سارا پېلىن بىلەن جوۋ بايدىن ئۈچۈن بىر مەيدان تېلىۋىزىيە مۇنازىرىسى ئۈتكۈزۈلمەكچى. ھازىرغىچە جەمئي 3 مەيدان مۇنازىرە ئاخىرلىشىپ بولدى. ئەڭ ئاخىرقى مۇنازىرە كىلەر ھەپتە ئۈتكۈزىلىدۇ. مەن ھازىرغىچە 3 قېتىملىق مۇنازىرىنىڭ ھەممىسىنى تېلىۋىزوردىن كۆردۈم. ناھايتى دوستانە، لېكىن ناھايتى بىر بىرىنىڭ يول قويماقچى بولغان سىياسەتلىرىگە نىسبەتەن ھۈجۇم قىلىنغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلدى. بۇ مۇنازىرىدىن بەك جىق نەرسىنى ئۈگەنگىلى ۋە ھىس قىلغىلى بۇلىدۇ. قېرىندىشىمىز تاھىر ئىمىننىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بىرىنچى قېتىملىق سايلام مۇنازىرىسى تەرجىمە قىلىنىپ يوللاندى. بىكار قالغاندا تولۇق ئوقۇپ چىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
‹‹ئامېرىكىنى چۇشىنىش››يۇرۇشلۇك تەرجىمە ئەسەرلەردىن ‹‹3››
Oxford, MS, September 26, 2008
ئوباما ۋە ماككايىنلارنىڭ پىرىزىدىنتلىق تۇنجى مۇنازىرسى
مىسسپى،26-سىنتەبىر 2008-يىلى
تەرجىمە قىلغۇچى :تاھىر ئىمىن 1-2-ئۆكتەبىر،ئۇرۇمچى -
ئامرىكىدا دوختۇرغا كۈرۈنۈش، داۋالنىش، سوغۇرتا ۋە ئۇيغۇرلار Medical treatment, Medical Insurance in USA - [America ئامرىكا]
2008-10-07
ئامرىكىدا ئوقۇيدىغان كەسىپلەرنىڭ ئىچىدە دوختۇر ۋە ئادۇۋكات بولماق ئەڭ قىيىنغۇ دەيمەن.دوختۇر بولۇش ئۈچۈن ئاۋال ئىككىنچى بىر مۇناسىۋەتلىك كەسىپتە (مەسىلەن بىئولوگىيە، خېمىيە دىگەندەك) باكلاۋۇر ئوقۇش كىرەك. شىنجاڭدىكىدەك تولۇق ئوتتۇردىنلار يشۆيەنگە كىرىپ كىتىدىغان ئىش يوق. باكلاۋوردىن كىيىن ئاندىن دوختۇرلۇق ئوقۇشقا كىرسە بۇلىدۇ. تاللىغاندا بەك قاتتىق تاللارمىش. مەن دوختۇر بۇلىمەن دەپ ئوقۇۋاتقان بىر نەچچەيلەننى تۇنۇيمەن -
ئامرىكىدا سوقۇشۇش، ساقچى، زەھەرلىك چىكىملىك Do Americans fight sometimes? - [America ئامرىكا]
2008-10-01
بۇ ئالدىنقى ئامرىكىدا كۈندىلىك خىراجەت، كومپيۇتېر دىگەن تىمىنىڭ ئاخىرى. ئوخشاشلا بىلىكتىكى ئامرىكىلىقلار بىلەن سۆھبەت تە چۈشكەن بىر قىسىم سۇئاللارغا جاۋاپ تەرىقىسىدە يېزىلغان. ئاخىرى يەنە يېزىلىدۇ. سۇئالنىڭ ئۈزىنى شۇ تىمىدىن كۆرۈڭ.ئامرىكىدا چوڭ تىپتىكى تاللا بازىرى مەسىلەن Wall Mart نىڭ ئىچىدىلا قورال ياراق ساتىدىغان پۇكىيى بار. ئەينەكتىن قوراللارنى كۆرۈپ باققان. ئۇندىن باشقا يەنە مەخسۇس قورال ياراق سېتىش دوكانلىرى بار. ئۇنداق يەرگە مەن كىرىپ باقماپتىمەن. لېكىن ھازىر كۆپىنچە شىىتاتلاردا كىرىپلا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. كىرىپ تاللاپ بولغاندىن كىيىن دوكان سىزنى تىزىملاپ قويۇپ ئاۋال ھۈكۈمەت ئورۇنلىرى -
ئۆتكەن ھەپتە بىلىكتە "ئامرىكىلىقلار بىلەن سۆھبەت" دەپ بىر تىما باشلىنىپ ئامرىكىدىكى نورمال ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشى قانداق بۇلىدۇ دىگەنگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان سۇئاللار سورالدى. مەن ئالدىراش بولغاچقا جىق سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرىپ بۇلالمىدىم. مەن شۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بەرگەن ئىنكاسلىرىمنى رەتلەپ چىقىرىپ قويدۇم. جاۋاپلار بۇ تىمىغا قويۇلغان ماۋزۇنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرمەيدۇ. ئەسلى ئامرىكىدا مال باھاسى -
ئەركىن ھاشىم: يەرشارىنىڭ ئۇ تەرىىپىدە - At the other part of the earth - [America ئامرىكا]
2008-04-11

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﮬﺎﺷﯩﻢ: ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻩ
يەرشارىنىڭ ئۇ تەرىپىدە
__ ئامېرىكا تەسىراتلىرىمدىن پارچىلار
يازغۇچىسى : ئەركىن ھاشىم ( بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ) -
ئامرىكىدا يىغىلىش ۋە سورۇندارچىلىق
Parties in America
بىز ئۈرۈمچىدە دوستلار يىغىلىشىنى ئاشخانا، رېستۇرانلاردا ئۆتكۈزىمىز، چىقىمنى بىر ئادەم كۆتۈرىدۇ. لېكىن ئامېرىكىدا ئوخشىمايدىكەن. بۇلار چوڭ بىر مۇراسىم بولۇپ كەتمىسە ئاساسەن سىرتلاردا يىغىلىش قىلمايدىكەن، ئاسەسەن بىر - بىرىنىڭ ئۆيىدە قىلىدىكەن، ساھىپخان كۆپرەك نەرسە -
ياپونىيىدە ئوقۇش
Study in Japan
ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تۈرلىرى
ياپونىيىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى مۇنتىزىم ئۇنىۋېرسىتېتلار، قىسقا مۇددەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتلار، ياپون تىلى مەكتەپلىرى، كەسپىي تېخنىكوملار قاتارلىق تۈرلەرگە ئايرىشقا ... -
ئامرىكا غايىسى American Dream توغرىسىدا كىرىش سۆز مەن بۇ توغرۇلۇق بىر نەرسە يېزىشنى ئويلاپ كەلگىلى خېلى ئۇزۇن بولدى،ئىنگىلىز تىلى ئۈگىنىپ باققانلارنىڭ كۆپ قىسمى كىنو ياكى تىكسىتلەردە ئازدۇر كۆپتۇر بۇ ئامرىكا قۇرۇقلۇقىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدىغان ئاتالغۇنى ئۇچرىتىپ باققانغۇ دەيمەن
-
ئامرىكىغا كىلىشتە ئوقۇش ئۈچۈنلا كىلىش ھاجەت ئەمەس. ئامرىكىغا كۈچمەن بۇلۇپ كىلىشتە تېخىمۇ شۇنداق، قايسى كۈنى بىر قصز بالا بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. ئامرىكىغا كىلىمەن دەپ ھازىرغىچە خەجلىگەن پۇلى نەچچە يۈز مىڭ كوي بولۇپ بوپتۇ، ئىككى قېتىم...

-

ئۈتكەن يىلى ئىچكىردىكى بىر ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كۈزدە كاناداغا ئوقۇشقا كەلگەن ئابدۈشۈكۈر كانادادا ئوقۇش ئىشلىرى توغرىلىق بىر ماتىرىيال تەييارلاۋاتقان بۇلۇپ تۈۋەندىكىلەر شۇلارنىڭ بىر قىسمى. ئابدۈشۈكۈرنىڭ ۋاختىنى تىجەپ يەنە ئۆزىگە ئوخشاش يولدىكى ...










