• تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر. پېقىر 6-ئايدا توي قىلغاندىن كىيىن بىر مەزگىل شىنجاڭدا بولدۇم ۋە توينىڭ ئالدىراشچىلىقى بىلەن بلوگقا قارىيالمىدىم. كىيىنچە 7-ئايدا چىققان ئىشلارنىڭ سەۋەبى بىلەن تور ئۈزۈلۈپ كەتتى. ۋەقەدىن كىيىن ئىچكىرگە كىلىپ بىر مەزگىل تۇردۇم، قايتىپ كىلىش ئۈچۈن ۋىزا ئېلىشمغا سەل توختاشقا توغرا كەلدى، بىرئايدىن ئارتۇق ۋىزا ساقلاپ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بىرەر ھەپتىلەر بۇرۇن ئوڭۇشلۇق ھالدا مەكتىۋىمگە يېنىپ كەلدىم. ھازىر مەكتەپتە.

  •  ئائالدى بىلەن مىنى ۋە بلوگىمنى قوللاپ كىلىۋاتقان بارلىق تورداشلارغا كۆپ رەھمەت.

    ئۈتكەندە ئىزدىنىش تورىدا دىيىلگەندەك مەن  مۇشۇ شەنبە يەنە 6-ئاينىڭ 6-كۈنى خوتەن شەھىرىدىكى ئاۋام رىستورانىدا توي قىلماقچى. ۋاقىت قىسقا بولغاچقا سەل جىددىچىلىك بولۇپ قالدى. شۇڭا بۇرۇن خەۋەر بىرىشكە ئۈلگۈرەلمەي قالدىم. قۇربىتى يىتىدىغان يىراق يىقىندىكى تورداشلارنىڭ تويغا قاتنىشىپ بىرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. ۋاقىتى يىتىدىغان تورداشلارنىڭ بۇرۇنراق كىلىپ تۇرۇپ بىرىشىنى قارشى ئالىمەن. يىراقتىن كىلىدىغان تورداشلار بولسا ياردەم لازىم بولسا، ئايرۇدۇرۇم، بىكەتتىن ئېلىۋالىدىغان، ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئىشلار بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشقايسىلەر. بىلمەي قالغان دوستلارغا يەتكۈزۈپ قويغايسىلەر.  ئالاقە نۇمۇرى: 13239809898

    پېقىر توي ئىشى ۋە باشقا ئىشلار سەۋەپلىك بىر مەزگىل بلوگنى يىڭىلىيالمايمەن ۋە خەتلەرگە جاۋاپ قايتۇرالمايمەن. تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن.

    You are cordially invited to celebrate my wedding on Saturday 11am,June the 6th at Awam Restaurant in Hotan. For assistance including airport pickup, hotel reservation etc., please call 13239809898.  

  • مەن 2000-يىلى  شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىنىڭ قانون-ئقتىساد ئىنىستىتوتىغا قوبۇل قىلىنىپ،بەش يللىق ئوقۇشنى ئەلانەتىجە بىلەن تاماملاپ،2005-يىلى7-ئايدائوقۇش پۈتتۈردۇم،شۇنىڭدىن كېيىن جەمىيەتكە قەدەم قويدۇم.مەكتەپ پۇتتۇردىغان يىلى ئاسپىراتلىق ئوقۇشقا ئىمتىھان بەرگەن ئىدىم،بىراق تەلىيىم كاج بولسا كېرەك ، 1 نۇمۇر كەملەپ قېلىپ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدىم،قالداق قىلىش كېرەك؟


  • بۇ تىمىنى شەبنەمدە كۆرۈپ بەك قىززىق تۇيۇلۇپ كەتتى. خوتەنچە گەپلەر سۈزلىگەندە باشقىچە تۇيۇلمىغان بىلەن يازغاندا قىززىق تۇيۇلىدىكەن. ئوقۇۋاتقاندا خۇددى ئۈزەمنى شۇ بازاردا كۆرۇپ تۇرغاندەك ھىس قىلدىم. شۇڭا بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ قويدۇم.

    كــام بـــۇلا ...( ھەقىقى خوتەن شىۋىسى )


  • ئۆتكەندە بىر نەچچە ۋەتەندە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان قېرىنداشلار ماڭا خەت يېزىپ 国家留学委员会 نىڭ تاللىشىدىن ئۆتكەنلىگىنى، ئامرىكىدىن ئوقۇتقۇچى ئىزدەشتە قىينىلىپ قالغانلىغىنى ئېيتىپ خەت يېزىپتىكەن، تۇنۇشلىرىم جىق بولمىغاچقا ئۇنچە بەك ياردەم قىلالمىغانتىم. بۈگۈن بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ قېلىپ كۈچۈرۈپ قويدۇم.  پايدىسى بولسا ئالاقە قىلىپ كۆرگەيسىلەر. شۇنداق تۇنۇشلىرىڭلار بولسا يەتكۈزۈپ قويساڭلار بۇلىدۇ.

    公派研究生(联合培养博士生)at Pennsylvania State University (USA)

  • دۇنيادا بلوگ يېزىش باشلانغاندىن تارتىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بلوگ يازغۇچىلار دۇنيادىكى مۇھىم بولغان مېدىيا( تاراتقۇ) ۋاستىسىگە ئايلىنىپ جەميەتنىڭ مۇھىم بىر ئۇچۇر مەنبەسىگە ئايلاندى. بۇرۇن جەميەتتە ئۇچۇر تەمىنلىگۈچىلەر مۇنتىزىملاشقان شىركەتلەر بولغان بولسا بلوگنىڭ بۇ قاتارغا قۇشۇلىشى بىلەن شەخىسلەرمۇ ئۈزىنىڭ كۈز قاراش، بىلىم ۋە ھىسياتلىرىنى ئۈزىگە ۋەكىللىق قىلىدىغان بلوگى ئارقىلىق جەميەتكە تارقتىشقا باشلاپ بلوگچىلار جەميەتكە شىددەت بىلەن تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى

  • ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە يەنە ئويلاپ قالدىم، مەن نىمىشقا بلوگ توغرىلىق ئويلايدىغاندىمەن. ئويلايدىغان ئىش جىق ئىدىغۇ. كىسەل بۇلاپ قالدىممۇ يا؟  بورۇن ھاۋا بېسىمى، قان بېسىمى، خان بېسىمى، ئۈي بېسىمى، ماشىنا بېسىمى، خوتۇن بېسىمى، توي بېسىمى، قاتارلىق ھەر خىل بېسىملارنى ئاڭلىغان. ئەھۋالدىن قارىغاندا مەن بلوگ بېسىمى بولۇپ قاپتىمەن

  • ئالدىنقى تىمىدا دىيىلگەندەك، قوغدىلىش رايونلىرى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ ئۇلار ئۈزىنى ئۈزى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن. ھەر قايسى قەبىلە رايونلىرىدا چوقۇم بىر ھۈكۈمەت بولۇشى كىرەك ئىكەن. بۇنى قەبىلە ھۈكۈمىتى ياكى قەبىلى كىڭىشى دەپ ئاتاپ بۇنى فىدىراتسىيە ھۈكۈمەتكە تىزىمغا ئالدۇرىدىكەن ۋە ئۈز ئەزالىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن.  ھۈكۈمەتنىڭ چوڭلۇقى ئەزا ۋە زىمىنىغا قاراپ چوڭ كىچىك بولىدىكەن. بۇلار يەرنى قانداق تەقسىم قىلىش، قانداق تۈزۈم قوللىنىپ باشقۇرۇش دىگەندەك بىر قاتار ھوقۇقلارغا ئىگە ئىكەن. بۇلارنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتى، سوت مەھكىمىسى، ساقچىسى، تەپتىش مەھكىمىسى، مەكتەپ، پاراۋانلىق، داۋالاش قاتارلىق بىر قاتار فونكىسىيەلىك ئورۇنلىرى بولۇپ ئۈزىنىڭ قانۇنى بۇلىدىكەن

  • شۇنداق قىلىپ ھازىر ئامرىكىدا 560 تىن ئارتۇق ھۈكۈمەت تىزىملىغان ھىندىيان قەبلىسى بار بولۇپ، بۇلار 310 ئەتراپىدىكى قوغدىلىىش رايونلىرىدا ياشايدۇ. قوغدىلىش رايونلىرى ئامرىكىنىڭ ئوخشىمىغان شىتاتلىرىغا ناھايتى  تەكشىسىز ھالەتتە جايلاشقان. مۇتلەق كۈپ ساندىكىسى غەربى قىسىم رايۇنلاردا.  بەزى قەبىلىلەرنىڭ بىردىن ئارتۇق قوغدىلىش رايونلىرى بار. نەچچە يۈز يىلدىن بۇيانقى ئوخشىمىغان سىياسەت تۈپەيلى ئۇندىن باشقا بەزى رايونلاردا يەككە ھىندىيانلار ئىگىدارچىلىقىدىكى نەچچە مىڭ مو كىلدىغان زىمىنلارمۇ باركەن.  ئامرىكىدىكى ھىندىيانلارغا تەۋە قوغدىلىش رايونلىرىنىڭ ئومۇمى يەر كۈلىمى 55 مىليون مو، يەنى 225مىڭ كۇۋادىرات كىلومىتېر بولۇپ ئامرىكا يەر مەيدانىنىڭ 2.3% تىنى ئىگەللەيدۇ. توققۇز قوغدىلىش رايونىنىڭ زىمىنى دىلاۋىر شىتاتىدىن چوڭ.

  • مۇشۇ ئىككى ئىش مىنى ھەقىقەتەن بەك تەسىرلەندۈردى.گەرچە ئۇنىڭ قىلغانلىرى بەك ئاددىي ئىشلار بولسىمۇ،بىراق پەرىزەنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئەمدى بىر ياشقا كىرگەن قىز ئىكەنلىكىنى ئىسىڭىزدىن چىقىرىپ قويماسلىقىڭىز كىرەك! ئامېرىكادا بىر ياشقا كىرگەن بالىلار بەك شەخسىيەتچى بولۇپ،پەقەن «مەن»نىلا ئويلايدۇ.بىراق ئۇيغۇر ئۆرۈپ-ئادىتىدە بالىلار ئىنتايىن كۈچلۈك ئەنئەنىۋىلىك ئىچىگە كۆز ئاچىدىكەن،كىچىكىدىن باشلاپلا ھەرخىل ئائىلە مۇناسىۋىتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدىكەن.ماڭا، ئۇيغۇر بالىلىرى ھەتتاكى بىر ياشقا كىرسىمۇ ئۆزىدە ھەق-ناھەق تۇيغۇسى،سىخىيلىق-كەڭ قورساقلىق ۋە ئۇيغۇر قىممەت قارىشىنىڭ بولىدىغانلىقىنى،مۇشۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ باشقىلار بىلەن ئېلىپ بارغان مۇناسىۋىتىدە ئىناقلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ ئاساسى بولىدىغانلىقىنى ئۆگەتتى.

  • ئامرىكىنىڭ يىڭى دۈلەت باشى ئوباما ئۈتكەن ئايدىكى نۇرۇزدا ئىران خەلقىگە قارىتىپ توردا نۇرۇز تەبرىكنامىسى يوللىغان ئىدى. بىلىكتىكى تورداشلار ھەمكارلىشىپ بۇ نۇتۇقنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدى ۋە تەرجىمىنى فېلىمگە كىرگۇزدى. چۈشۈرۈش ئادېرسى ئەسلى تىمىدا تەملىنگەن. مەن بۇ نۇتۇقنى Youtube قا چىقىرىپ قويدۇم. بوشلۇق بولمىغانلىغى ئۈچۈن چۈشۈرۈش ئادېرسى مەندە يوق. جىددى لازىملار بولسا دىسەڭلار مەن چ چ دا ياكى ئىلخەتتە يوللاپ بىرەي.

  • web 2.0 دىگەن ئوقۇم 2000-يىللاردىكى ئىنتېرنېت ماغزىپىدىن (internet bubble) كىيىن پەيدا بولغان. بولۇپمۇ 2003 يىللاردىن كىيىن ئىشلىتىلىشكە باشلىغان بولۇپ قىسغىنە 5 يىلللىىق تەرەققىيات ئارقىلىق ھازىر ئىنتېرنىت دۇنياسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر ئۇقۇم بۇلۇپ قالدى. Facebook, Myspace, Digg, Twitter, Flickr قاتارلىق ۋەكىل خاراكتىرلىق تور بەتلەر ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلىرىنى يىڭى بىر دۇنياغا باشلاپ كىردى.ھازىر web2.0 تېخنىكىسى ئىشلىتىلمىگەن تور بەتلەر ئۇنچە ئىلغار تور بەتلەر بولۇپمۇ ھىساپلانمايدۇ

  • ئامرىكىدا نۇرغۇنلىغان كىچىك تىپتىكى ئۇنۋېرستىتلار بار. بۇلارنىڭ گەرچە بەك داڭقى بولمىسىمۇ لېكىن ئۇلار بىر ياكى ئىككى پروگرامغىلا كۈچەپ باشقىلارغا ھەم ئۈزىگە بىۋاستە پايدا ئەكىلەلەيدىغان يۇنۇلۇشتە ماڭدۇرغان بولغاچقا مۇشۇنداق ئۇنۋېرسىتىتقا كىرىدىغانلارمۇ نۇرغۇن. بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش چەتئەللىكلەر ئۈچۈن. بىر نەچچە ئاي بۇرۇن كىرىمنى جىلغىسىدا ئىشلەۋاتقان بىر ياش ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالدۇق ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئارلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ ئامرىكىغا كىلىپلا 8 ئايدىن كىيىن خىزمەت تېپىپ ئىشلەۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم.

  • مەن تۈركىيەگە بېرىشنىڭ ئالدىدا بەزىبىر گەپلەرنى ئاڭلاپ قالدىم. بىر قانچە تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇش ئازۇسى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ ئۆزىنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر مۇنچە پۇللارنى ئورۇنسىز خەجلىگەنلىكىنى ،ئۇ ئادەملەر ئوقۇغۇچىلارنى تۈركىيەگە ئەكىلىپ قويۇپ ھچقانداق رەسىمىيەتلىرى بىلەن كارى بولمغانلىقى،ئۆزىنىڭ شۇنچىلىك پۇل خەجلەپ تۈركىيەگە چىقىپ،ئۆزىنىڭ ئوڭ-سولىنى بىلمەي قالغانلىقى توغرىسىدا گەپلەرنى ئاڭلاپ قالدىم.

  • پاسپورتنى مەن بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا بىجىرىپ قويغان ئىدىم. پاسپورت ھەل قىلىش ئۈچۈن 200يۈەن ،رەسىم ئۈچۈن 70يۈەن تۆلىدىم. مەن يەنە پاسپورتنىڭ ئەسكەرتىش دېگەن بېتىگە ئەسكەرتىش قىلىپ ئىسمىمنى خەنزۇچە پىنيىن يېزىقىدىن نورمال لاتىنچىگە ئۆزگەرتىشكە بىر ئىلتىماس قىلدىم ۋە بۇنىڭ ئۈچەن 40 يۈەن تاپشۇردۇم. پاسپورت 2 ھەپتىدە چىقتى.ئەسكەرتىش يېزىش ئۈچۈن 3كۈن كەتتى.


  • ئوقۇش، ئوقۇش دەۋەرسەم ،مېنى تاڭسىڭمىكىن دەپ قالماڭلار ( چاقچاق!!!)،،، بۇرۇندىنلا مۇۋاپىق بىرى چىقىسا ياخىشى ئائىلە قۇرغۇم بار ئىدى،،، مەن مەلۇم بىر مەكتەپتە ئۇقۇيدىغان بىر ئۇيغۇر قىزىنى تونۇيتتۇم،،، ئۆزىمۇ خېلى چىرايلىق، ئەدەپ - ئەخلاقى ياخشى، دىيانەتلىك قىز ئىدى،، ئۇنى ھەر قېتىم ئۇچراتقىنىمدا ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارالمايتتىم،،، ھېيىت-بايراملاردا، يىغىلىشلاردا ئۇ قىزنى دائىم ئۇچرىتاتتىم،،،، دېمىسىمۇ بۇ كەمسۆز قىز مېنى جەلىپ قىلىۋالغانىدى،، لېكىن مېنى رەت قېلىۋېتىشىدىن ئەنسىرەيتتىم.....ئۆتمەس دەپ نامىم چىقىپ قېلىشىدىن قورقاتتىم...

  • Jeck ئىلاۋىسى:مالايسىياغا چىقىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ ماقالىنى ھازىر مالايسىيادا تۇرۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز ئالاھىدە تەييارلىدى. ئۈزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقانلىغى ئۈچۈن بۇ قېرىندىشىمىزغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.

    ئالدىمدا پەقەت بىرلا بىنا،، ئاستىنقى قەۋىتى تاللا بازىرى ئىدى... پەقەت 2-3 قەۋەتلا ئوقۇتۇش رايونى ئىدى... تەسەۋۇرۇمدىكى مەكتەپ بىلەن ئاسمان-زېمىن پەرقلىنەتتى.... ئۇ ئاكاش مېنى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپلا، كېتىپ قالدى..( خەقنىڭ يامان گېپىنى قىلغۇم يوق).... بۇنى بىر مەكتەپ دەپ ئىقرار قىلغۇم كەلمەيتتى،،، پەقەت بىر تۆۋەن دەرىجىدىكى تىل تەربىلەش مەركىزى ئىدى.... ئۇرۇمچىدىكى تىل تەربىلەش مەركەزلىرى بۇنىڭدىن كۆپ ياخشى،،،،، ئامال قانچە چىداش كېرەك،

  • بىز بۇ يىلمۇ ئۈتكەن يىلدىكىگە ئوخشاشلا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر جەميىتىنى يۈزەكى ھالەتتە بولسىمۇ كۈزىتىپ چىقتۇق. كۈزىتىش ئۇسۇلىمىز ئۈتكەن يىلى يېزىلغان تىمىلاردا تەپسىلى چۈشەندۈرۈش بىرىلگەن بولغاچقا بۇ يىل يەنە قايتىلانمىدى.بىر قىسىم تۈرلەرنى قىسقارتتۇق ياكى ئۈزگەرتتۇق. كىلەر يەنە قىلىپ قالساق يەنىمۇ چوڭ ئۈزگىرىش بۇلىدۇ.  ئۇندىن باشقا يەنە ئەسكەرتىمىزكى بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت بىر قىسىم تورداشلارنىڭ كۈز قارىشى. پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ كۈز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ

    ۋەقەلەر قىسمى

  • بىز ئۈتكەن يىلى بىر قىسىم تورداشلار بىرلىكتە 2007-يىلىدىكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىگە نەزەر نامىدا بىزنىڭ نەزەرىمىزدىكى 2007-يىلىدىكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىدىكى 10 چوڭ ئىش ۋە 2007-يىلدىكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىگە نەزەرنى ئىلان قىلغان ئىدۇق. گەرچە تەسىرى بەك چوڭ بۇلۇپ كەتمىسىمۇ، بىز ئۈزىمىز ھەم بەك كەسپى قىلىپ كىتەلمىسەقمۇ بۇ يىلمۇ يەنە قىلىشنى ئويلاشتۇق. مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشلەر ئۆتكەن يىلى تەپسىلى بىرىلگەن بولغاچقا بۇ يىل تەپسىلى چۈشەندۈرۈش بىرىلمىدى. قىززىقىدىغانلار ئۆتكەن يىلدىكى تىمىنى ئوقۇپ ئۈتكەي. بۇ يەردە تەكىتلەپ قويىدىغىنىم بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت بىز بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ كۈز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

    2008-يىلدىكى شىنجاڭدىكى 10 چوڭ ئىش (خەۋەر)


  • بەزىدە ئويلىنىپ قالىمەن، مەن بلوگنى قاچانغىچە يازىمەن، مەڭگۇ يازامدىم، ياكى بىر كۈنى توختاپ قېلىش كىرەكمۇ. مەڭگۇ يازسام نىمىلەرنى يازىمەن، يازىدىغان نەرسىلەر بارغانىسىرى تۈگەيدۇ. بلوگنى ئاچقاندىكىن ياخشى ماڭغۇزۇش كىرەك، ياخشى ماڭغۇزۇش ئۈچۈن ۋاقىت سەرىپ قىلىش كىرەك. جىق ۋاقىت سەرىپ قىلسىڭىز ئۈزىڭىزنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىغا تەسىر يىتىدۇ، ۋاقىت سەرىپ قىلمىسىڭىز بلوگىڭىز ياخشى ماڭمايدۇ. بلوگ ئۈزىلا يېزىپ ئۈزى كۈرىدىغان كۈندىلىك خاتىرە ئەمەس. ۋاقىت سەرىپ قىلىپ يازغاندىن كىيىن باشقىلار تەرىپىدىن كۆرۇلمىسە، سىزدىمۇ قىزغىنلىق بولمايدۇ. بلوگىڭىزنىڭ زىيارەت مىقدارى يۇقىرى بولۇپ كۈنىگە نەچچە مىڭ ئادەم كىرسە سىزدىكى قىزغىنلىقمۇ بىردەمدە ئېشىپ كىتىدۇ. لېكىن زىيارەت مىقدارىنى ئاشۇرىمەن دەپ يازسىڭىز بلوگىڭىزنىڭ خاسلىقىنى ۋە ئەسلى ئېچىشتىكى مۇددىئايىڭىزنى يۈتۈرۈپ قويىسىز. شۇڭلاشقا بۇلار ئوتتۇرىسىدا مەلۇم تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسى بولۇش كىرەك.
  •   بۇ يىغىن San Francisco شەھىرىدىكى Moscone كۈرگەزمە زالىدا ئۈتكۈزۈلگەن بولۇپ كۈرگەزمە شىمالى ۋە جەنۇبى زال دەپ ئىككىگە ئايرىلىپتۇ، مەھسۇلاتلار ئاۋاز، سىن، يېزىق تەھرىرلەشتىن تارتىپ ماشىنا، مىدىتسىناغىچە باركەن. iPhone غا ئىشلىتىدىغان قوللانما دىتا...

  •  مەك دۇنياسى يىغىلشى ۋە كۈرگەزمىسى Macworld Conference & Expo ھەر يىلى بىرىنچى ئاينىڭ ئىككىنچى ھەپتىسى ئامرىكىدا ئۈتكۈزۈلىدىغان چوڭ تىپتىكى يىغىلىش بولۇپ بۇ يىغىلىشتا مەك كومپۇتېرىغا مۇناسىۋەتلىك قاتتىق دە يۇمشاق دىتال ياسايدىغان شىركەت، كارخا...

  •  
    بۇ تىمىنى كانادادا ئوقۇۋاتقان ئابدۈشۈكۈر ئۈزىنىڭ تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن مەخسۇس چەتئەلگە چىقپ ئوقۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلار ئۈچۈن يېقىندا يازغان. ئابدۈشۇكۇر بۇرۇنمۇ جېك بلوگىدا كاناداغا ئوقۇشقا چىقىىش ۋە ۋىزا ئېلىش توغرىسىدە تەپسىلى تىما يازغان ئىدى. ئابدۈشۈكۈرنىڭ بۇ قىممەتلىك ئەمگىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا كۈپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
    مەزمۇنىنى تىما ئىچىگە كىرىپ ئوقۇڭ. .
  • مىلەن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىتى 1863 -يىلى قۇرۇلغان. ئىتالىيەدىكى ئنژىنىرلىق، قۇرۇلۇش لايھىلەش كەسىپلىرنى ئاساس قىلغان داڭلىق ئۇنىۋېرسىتىتىلارنىڭ بىرى. بۇ ئۇنىۋېرستىت جەمئى 7 مەكتەپ راينىغا بۇلۈنگەن . بۇلارنىڭ ئچىدە  LEONARDO, MILAN BOVISA,COMO,LECCO قاتارلىق مەكتەپ رايۇنىدا مەخسۇس ئېنگىلىزچە كەسپى دەرىسلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا ، بۇ رايۇنلارنغا چەتئەللك ئوقۇغۇچىلار بىر قەدەر نوختىلىق  يىغىلغان
  •  ئىلاۋىسى: بۇ يازمىنى ھازىر ئىتالىيەدە ئوقۇۋاتقان دوستۇم مۇزەپپەر تەييارلىغان. مەن ئۈتكەن يىلى يازلىق تەتىلدە ۋەتەنگە قايتقان ۋاختىمدا مۇزەپپەر قاتارلىق تۆت ئاغىنەم  بىرلىكتە مىنى مىھمان قىلىپ بىر ئاخشام تاماق يەپ مۇڭداشقان ئىدۇق. ھازىر ئۇ تۇتەيلەننىڭ ئىككىسى ئامرىكىدا ئوقۇۋاتىدۇ، بىرسى ياپۇندا. مۇزەپپەر بولسا ئىتالىيەدە. ئۇ ھازىر ئىتالىيە مىلان تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتى (Politecnico di Milano) دا ئوقۇۋاتىدۇ.  ئۈز ۋاختىدا مۇزەپپەر ئەگەر ئىتالىيەگە بېرىپ قالسام چوقۇم تەپسىلى قىلىپ بىر ماتىرىيال تەييارلاپ مەندىن كىيىنكىلەرنىڭ پايدىلىشنىغا سۇنىمەن دىگەن ئىدى. كىيىن ئىتالىيەگە بېرىپ ئورۇنلىشىپ، كۆنۈپ، ئەلمى-تەلىمىنى بىلىۋالغاندىن كىيىن يىقىندا مۇنۇ يازمىنى تەييارلاپ تورداشلارغا سۇندى. تورداشلارغا ۋەكالىتەن مۇزەپپەرگە ئاۋال رەھمەت ئېيتىمەن.

    ئىتالىيەدە ئۇقۇشنىڭ تەپسىلى قەدەم باسقۇچلىرى(1)   Detailed Steps to Apply Italian Universities
  • Jeck بلوگىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى ياسىنجان مەمتىمىن
    مۇھاكىمە

    بىز تارىختەك يەنە ئىلىم - پەن دۇنياسىدا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتەلەمدۇق- يوق ؟ مەن سەمىمىيلىك بىلەن شۇنى كۆرسىتىمەنكى، ئەگەر پۇتكۈل جەمىيەت بۇلۇپمۇ ياشلىرىمىز ئەنە شۇنداق ئۈمۈدلىك نىشانىنى كۆزلەيدىغانلا بولسا، بىز يىتەلىشىمىز  مۇمكىن. كۆپلىگەن تەجىربىلەر بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدىكى، ئىلىم -پەندە ئاسان يول يوق .
  •  

     

    بىر ئايدىن بويان يۈكسەل بلوگى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاشقا نامزات كۈرسىتىش باسقۇچلىرى تۈگەپ ھازىر بىلەت تاشلاش باسقۇچىغا كىردى.مىھمانلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىپ ئۈزى ياقتۇرىدىغان بلوگ ئۈچۈن بىلەت تاشلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. ئەلۋەتتە، جېك بلوگى ئۈچۈن بىر بىلەت تاشلاپ قويمىىساڭلار بولماس، قارىسام كەينىدە قاپتۇ. 
     
    بىلەت تاشلاش ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىپ يۈكسەل بىلوگىغا كىرسىڭىز ئوڭ تەرەپتە نامزاتلىققا كۈرسىتىلگەن 24
    بلوگنىڭ
    بۇلىدۇ.  ULY دا يېزىلغان تىزىملىگى بار. شۇ يەردىن بىلەت تاشلىساڭلار
     


  • نەزىرىيە جەھەتتىن ئامرىكا بۇ ئادەم ئىككىنچى ئامرىكىغا كىرسە بولمايدۇ دەپ پۈتۈپ قويمىغان ئادەملەر بولمىسلا ( بۇنداق ئادەملەرمۇ بار) ئامرىكىغا كەلگىلى بۇلىدۇ. جۇڭگۇ ھۈكۈمىتى ئىتراپ قىلغان باكلاۋور دىپلۇمى بولسا ئامرىكىمۇ ئىتراپ قىلىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلە...
  •  

    2jk

    ئابدۇرازاق سىدىق 

    تىلىۋىزوردا  تارقىتىلىدىغان (مەخپى ساھاگە ئىز قوغلاش )ناملىق بىر مەخسۇس پىروگرامما بار .بۇنى بەزىدە شۇنداق ئۇدۇل كىلىپ قالغان ۋاقىتلاردا ياتاقتا ئولتۇرۇپ تىلىۋىزوردىن كۆرۈپ قويىمەن .تۇنۈگۈنمۇ بىر تەجىرىبىنى ئاران تۈگىتىپ بىشىم ئاغرىپ كىتىپ ئۆگىنىش...

  •  
    بوستون خاتىرىسى Boston Pictures
    (بۇ رەسىم ۋە چۈشەندۈرۈشلەرنى ئامرىكىدا تۇرۋاتقان دولان نامىدىكى بىر دوستىمىز تەكلىپ بىلەن تەمىنلىدى)
     
    بوستون ئامرىكىدىكى باشقا شەھەرلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان شەھەر بولۇپ ئامرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان شەھەر. باشقا شەھەرلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرۇش سەۋەبى ئامرىكا تارىخى بوستوندىن باشلىنىدىكەن. مەن بوستوندا تۇرغان بىرىنجى كۇندىن تارتىپ ئاخىرقى كۇنۇمگىچە خۇددى ئامرىكىنىڭ تارىخ كىتاۋىنى ۋاراقلاپ ئېچىۋاتقاندەك ھىس قىلدىم. بوستوندىكى چارلىس دەرياسىدىن بويلاپ كامبرىج، ماسساچۇسەتتس كوچىسى، بۇنكەر تېغى ( Bunker Hill) ، ئۇ س س پارلامىنت سارىيى(USS Constitution) ، بەكۇن تېغى(Beacon Hill) ، بوستون پورتى(Boston port) ، بوستون شەھەر كوچىلىرىنى ئايلىنىپ تۇگەتكەندە ئامرىكىنىڭ ئاساسى تارىخىنى بىر ئوقۇپ چىققاندەك بولۇپ قالىسىزكەن.